تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت يېنىمىزدىلا

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا: شەھەر كۇتۇپخانىسى، مەھەللە مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت كارىدورى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئەتراپىدىلا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەدەنىيەت يېنىمىزدىلا، مەدەنىيەت ئەسلىدىنلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئەمدىلا ئاياغلاشقان 4 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمىدا، 29 بۆلۈم، 56 مەيدان ئەلا سۈپەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، بەش مەيدان گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، 17 تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولدى، پائالىيەت تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلاپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئاممىنى جەلپ قىلدى؛ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان 598 مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى ئۈلگە نۇقتىسىدا، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى سەھنە كىيىمى كىيىپ، قولىغا مىكروفون ئېلىپ، سەھنە تۆۋىنىدىكى تاماشىبىندىن سەھنىدىكى «باش رولچى»غا ئايلاندى؛ بۇلتۇر «ناخشا ئېيتايلى» «كەنتىمىزنىڭ ئۇسسۇلى»دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە، جەمئىي 96 مەيدان ئومۇمىي خەلق شادلىق ناخشىسى ئېيتىش بويىچە كەڭ دائىرىدە تاللاش پائالىيىتى، 3000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك ئۇسسۇل كۆرىكى قانات يايدۇرۇلۇپ، قاتناشقانلار سانى 4 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا، پۈتۈن توردا تارقىلىش، قاپلاش مىقدارى 711 مىليون قېتىمغا يەتتى...

شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى بازىلىرىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، دەل جايىدا تەمىنلەش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھارارىتى ئارقىلىق تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

بوشلۇق ۋاسىتىسى كۆپ خىللاشتى

ھەر كۈنى كەچقۇرۇن، ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى يەكلى كەنتىدىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى ئادەم بىلەن لىق تولىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ياكى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ياكى بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ. «ئىلگىرى بىرەر جاينى تېپىپ ئۇسسۇل ئوينىماقچى بولساق، كەنت ئېغىزىدىكى كىچىك مەيدانغىلا باراتتۇق، يازدا ئاپتاپتا، قىشتا سوغۇقتا قالاتتۇق، ھازىر مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى بار بولۇپ، كۆپ قولايلاشتى.» كەنت ئاھالىسى زىننەتگۈل ئابدىمىت مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، مەن يەنە تاغ - دەريا رەسىمى سىزىشنى ئۆگىنىۋالدىم».

مەدەنىيەت بوشلۇقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەر كوچىلىرى، يېزا - قىشلاقلار، ئېتىز باشلىرىدا بارغانسېرى كۆپلەپ پەيدا بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى بىۋاسىتە ئۇچرىشالايدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى. كۇچا شەھىرى بىكار تۇرغان كونا ئاشلىق ئامبىرىنى كۈسەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىغا ئۆزگەرتتى، قاپاققا سىزىلغان رەسىم، ساپال بۇيۇملار، مىللىي چالغۇلارنى ياساش قاتارلىق ھېس قىلىش رايونلىرىدا، بالىلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ ھۈنەر ئۆگەندى؛ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بېيداچۈ يېزىسى تەيپىڭچۈ كەنتىدىكى دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە، تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدىكى كىتاب جازىسى تەسىس قىلىنىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆلچەملىشىش، باراۋەرلىشىش سەۋىيەسى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پۇ خۇەيمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى) ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 186 مىڭ 500 مەيدان قېتىم قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن 127 مىليون 158 مىڭ 200 ئادەم قېتىم (تور ۋە تور سىرتىدىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇلازىمەت قىلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا 118 مەدەنىيەت سارىيى بار بولۇپ، 598 مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى باھالاپ چىقىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلدى.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقى ياكى ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇپ كەسىپ ھالىتىنى قايتا بەرپا قىلدى، ياكى پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن تېز سۈرئەتتە كېپىنەكسىمان ئۆزگەردى، ياكى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى، تۈركۈم - تۈركۈم ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە، سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يېڭىچە مەدەنىيەت بوشلۇقى ئاستا - ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا.

بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى نۇرغۇنلىغان ۋوگزالنىڭ پويىز كۈتۈش زالى ھەم ۋوگزال ئالدىدىكى مەيداندا يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى + پەن - تېخنىكا»نى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ پويىز كۈتۈش ۋاقتىنى بىر مەيدان چۆكۈش شەكلىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت سەپىرىگە ئايلاندۇردى.

قومۇل ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا، «يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر، شېرىن قومۇل» شەھەر ئوبرازى كۆرگەزمە زالىدا مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان باش تېمىلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە يىپەك يولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئەسەرلىرى نۇرغۇن يولۇچىنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى؛ تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمە رايونىدا، تۇرپان مۇزېيى ئوتتۇرىغا چىقارغان يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى، مىللىي چالغۇلار بىلەن بىر - بىرىگە ھۆسن قوشتى.

مەيدان - سارايلار ئۆز خاسلىقىغا ئىگە بولدى

مەدەنىيەت بوشلۇقى خۇددى سانسىز يۇلتۇزدەك شەھەر - يېزىلارنى يورۇتقاندا، قانداق قىلىپ ھەربىر «يۇلتۇز»نى ئۆزگىچە نۇر چاچتۇرغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىلىرى مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە يەرلىك خاسلىقنى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرىدا، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بالىلار ۋاڭ مېڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ ياكى ئەسەر ئوقۇيدۇ، ياكى ھېكايە ئاڭلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلىم قوبۇل قىلىدىغان «مەدەنىيەت ئاشلىق ئامبىرى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە ئالىملار داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان مەدەنىيەت يەر بەلگىسى بولۇپ قالدى.

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىندى يېزىسى شياۋفېنزى كەنتى «تاغ چوققىلىرى، بۇلۇت - تۇمانلار، غەلىتە تاشلار، ئېقىن سۇلار»دىن ئىبارەت بىرلەمچى قىياپەت ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، «رەسساملار كەنتى» بەرپا قىلىپ، رەسسام ليۇ يەنخۇڭ، ۋۇ ۋېيخۇا قاتارلىقلارنى كىرىپ ئورۇنلىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەيكەلتىراشلىق كۆرگەزمىسى، رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، سەنئەت بىلەن يېزىلارنى ئۇچراشتۇرۇپ، رەسىم بىلەن تۇرمۇش پۇرىقىنى بىللە مەۋجۇت قىلىپ، «يېرىم كەنت رەسىمگە، يېرىم كەنت تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان» تەسىرلىك مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى.

ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە، شىنجاڭ مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى مەخسۇس تۈر مۇلازىمىتى «ئانار دانىسى» كىچىك ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەربىيەلەش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇرۇقىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چاچتى. باھار كېتىپ كۈز كەلگەندە، بۇ ئۇرۇقلار شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، پۇقرالارنىڭ قەلبىدە بىخ سۈردى، مەدەنىيەتنى «يەتكۈزۈش»تىن مەدەنىيەتنى «تېرىش»قىچە بولغان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ كۈچ قوشۇش شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يەككە يۆنىلىشلىك تەمىنلەشتىن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يېقىنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قەشقەر شەھىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش - ئۆگىنىش سارىيىغا كىرىپ، قالتىس «رېنيىمېن»نى ئىتتىرىپ ئاچقاندا، زىيارەت قىلغۇچىلار مەدەنىيەت ئىزناسى ھەم زامانىۋىلاشقان شەھەرنى تولۇق كۆرەلەيدۇ، يەنە رەقەملىك ئادەم «خۇاخۇا» بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، كىيىم ئالماشتۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق خاس مۇلازىمەتنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى AI تېخنىكىسى ئارقىلىق كۈچ قوشۇلغان بۇ رەقەملىك مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش سارىيى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلىپ، ياش - ئۆسمۈرلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان 2 - دەرسخانا بولۇپ قالدى. «چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەسىرلىك، جانلىق قىلىدىكەن، تېخىمۇ قىزىقىپ ئۆگىنىدىكەنمىز، مەن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كېلىمەن» دېدى قەشقەر شەھەرلىك 12 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئايىشە مەمتىمىن.

ئىشىك ئالدىدا مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇش، تۈرلۈك «مەدەنىيەت راۋان يولى» ئېچىش... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز خاسلىقىغا ئىگە تۈرلۈك مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

نەتىجىلەر قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، سەككىز ياشلىق ئادىلە ھەسەن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتماي، بەلكى ئۆزى ئىنتايىن تونۇش يول ئارقىلىق كەنت بېشىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيەت كارىدورىغا باردى. ئۇ بارمىقى بىلەن كۆرگەزمە تاختىسىدىكى قاپارتما نەقىشنى يېنىك سىيلاپ، «جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىشى»نى بىر خەت - بىر خەتتىن ئوقۇدى، ئاندىن مۇئەللىم كۈندۈزى ئۆزلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىنى زور قىزىقىش بىلەن قايتا بىر قېتىم سۆزلەپ چىقتى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان 23 جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كارىدورى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش مەدەنىيەت پونكىتىغا ئايلاندى. ئۇلار كارىدوردا ئۆگەنگەن ئۆرنەك ھېكايىلەر، شېئىر قاتارلىقلارنى ئاتا - ئانىلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ ناھىيە «كىچىكلەر» «چوڭلار»نى يېتەكلەش شەكلى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئۇرۇقلىرىنى ھەممە ئائىلىگە چاچتى.

قانداق قىلغاندا ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قەلبلەردىن ھەقىقىي چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تېما، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلار ئىزچىل كۆڭۈل قويۇپ جاۋاب بېرىۋاتقان دەۋر تېمىسى.

ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش − غۇلجا ناھىيەسى 40 مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى قۇرۇپ چىقتى، ھەر مىللەت ئامما بۇ جايدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى؛ توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئانار دانىسى كىتاب ئوقۇش ئۆيى «بىر باش ساراي + 104 تارماق ساراي»دىن ئىبارەت ناھىيە رايونى كىتاب ئوقۇشقا مۇلازىمەت قىلىش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىنى قاپلاپ، جەمئىي 400 مىڭ ئادەم قېتىمغا مۇلازىمەت قىلدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 81 يېزا - كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىغا تايىنىپ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ماركىسىنى يارىتىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

كۆچمە مۇلازىمەت قىلىش − تۇرپان مۇزېيىنىڭ «كۆچمە مۇزېي» تۈرى چەت، يىراق يېزا، مەھەللە، مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا كېڭەيتىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش كوچا باشقارمىسى بۇلاق كەنتىنىڭ يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسىگە بېرىپ، «باۋاڭ بيېجى» «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» قاتارلىق كىلاسسىك تىياتىرلارنى ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىشىك ئالدىدىلا دۆلەت گۆھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تۈرتكە بولۇش − قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا AI چوڭ مودېلىنى ئاساس قىلغان مەۋھۇم كىتاب ئوقۇش ياردەمچىسى «كېشياۋتۇ» بىلەن «كېشياۋيۆ»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب تاللاش، كىتاب ئىزدەش ۋە كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش تەرتىپىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ؛ تورغا چىقىرىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان «شىنجاڭ رەقەملىك دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى» سۇپىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 8996 دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىنى قاپلىدى، ھەر مىللەت ئامما ساۋما قىلىپلا 14 مىڭ خىل ئېلېكترونلۇق كىتاب، 31 خىل ئېلېكترونلۇق ژۇرنالنى ھەقسىز كۆرەلەيدۇ.

بازا ئەتراپتىلا قۇرۇلدى، مۇلازىمەت ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى، بايلىق يانچۇققا قاچىلاندى، تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەتنى بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.