يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى (ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى)، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئۆي - جاي مۇلازىمەت باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى شېڭدا گۈللۈكى غەربىي رايونى 51 - نومۇرلۇق بىنانىڭ كەينىدىكى كۆكتاتلىق يېنىغا كېلىپ، بىر قىسىم مۈلۈك ئىگىلىرى ئاممىۋى يېشىللىقنى ئىگىلىۋېلىپ ئېچىتىلغان ئوغۇت ئىشلىتىپ، كۆكتات تېرىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر مەيدان «يولدا ئىش بېجىرىش يىغىنى» ئېچىپ، ئۇزاققىچە ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى شۇ جايدىلا ھەل قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش ئارقىلىق ئىستىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش نامايان قىلىندى.
«يولدا ئىش بېجىرىش يىغىنى»دا نېمە ئۈچۈن مەسىلىلەر ئوڭايلا ھەل بولدى؟ جاۋابى ئۈچ «يۈزتۇرا بولۇش»قا مۇجەسسەملەنگەن. مەسىلىگە يۈزتۇرا يۈزلىنىپ، ئاممىۋى يېشىللىقنى دائىرىلەپ ئىگىلىۋالغان، ئېچىتىلغان ئوغۇت ئىشلىتىپ ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، زىددىيەتنىڭ تۈگۈنى، تۈزەشتىكى تەخىرسىزلىكنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى؛ ئامما بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ياشانغانلارنىڭ «كۆكتات تېرىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش»تەك ئاددىي ئوي - خىياللىرىنى چۈشىنىپ، ھېسسىياتتا ئورتاقلىشىش جەريانىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى؛ مەسئۇلىيەتكە يۈزتۇرا يۈزلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيداندا ئۆلچەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك - چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمىدى، مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى.
ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا، ئاممىۋى يېشىللىقىنى ئىگىلىۋېلىشتەك بۇنداق «كىچىك ئىشلار» كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەل قىلىش قىيىن بولغان نۇرغۇن «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەر ھەمىشە كىچىك ئىشلارغا سەل قاراش، ئارقىغا سوزۇش، تەدرىجىي توپلىنىشتىن پەيدا بولغان. ئاشۇ «كىچىك ئىشلار»نى ھەل قىلىش ھەقىقەتەن شۇنچە تەسمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئېنىقكى ئۇنداق ئەمەس. «يولدا ئىش بېجىرىش يىغىنى»نىڭ ھەقىقىي قىممىتى بىر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ «كىچىك ئىشنى ئۇزاققىچە ئارقىغا سوزۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يول تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە قارىتا چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەممە ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى كۆرسىتىدۇ.
خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ يېنىغا كۆپرەك بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ رايىغا قۇلاق سېلىپ، مەسىلە نەق مەيدانىغا كۆپرەك بېرىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلغاندا، ئاندىن خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر «كىچىك ئىش»نى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغىلى بولىدۇ.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






