تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ۋە گېئولوگىيە ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى

تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدە، گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»دا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق زاپىسىنىڭ جايلىشىشى ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدە ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارغا كىرىپ گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ۋە گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ھەم مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ كەسكىنلىكى، نوپۇزى ۋە مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، ھەرقايسى مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك يىرىك پىلانغا بولغان يېتەكلەش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى «بىر خەرىتە» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تۇرمۇش بوشلۇقى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق بولغان، ئېكولوگىيە بوشلۇقى تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە يەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق چەكلىمىگە، مىقدار بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختىلاپ، يەردىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش ۋە چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى باشقۇرۇشقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىشقا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قېزىلما بايلىقلارنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش كەسىپلىرى توپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ بەخت يارىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كانلارنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىق ساھەسىدىكى پاك - دۇرۇس بولۇش جەھەتتە ساقلانغان خەۋپ - خەتەر گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش، مەسئۇلىيەت كەمچىل بولۇش، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، تۈزۈم بوش بولۇش، چىرىكلىك پەيدا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.