—— رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھى بىلەن سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي چاڭۋېي، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى مۇخبىرلىرى ئوۋ سەن، فېي شىتىڭ، يەن شەن، چيەن زۇڭياڭ
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قانداق قىلىپ تىنچلىقتىن قالايمىقانلىشىپ كېتىش، گۈللىنىشتىن خارابلىشىپ كېتىشتەك تارىخىي دەۋرىيلىكتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ چىقىپ، مەڭگۈ سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىك، خىسلىتى ئۆزگەرمەسلىك، خاراكتېرى ئۆزگەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟
يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىلى بەرگەن «خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش» دېگەن بىرىنچى جاۋابى ئاساسىدا ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ دەل «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى».
پات ئارىدا ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغان خەلق ئارمىيەسى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالى، ئارمىيە ئەھۋالىدىكى مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، قانداق قىلغاندا سىياسىي ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتارغا ئۆتەلەيدۇ؟
رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش دەۋر تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، باشتىن - ئاخىر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىش، باشتىن - ئاخىر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، باشتىن - ئاخىر ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر پاك بولۇپ شان - شەرەپ قۇچۇش، باشتىن - ئاخىر قانۇن - ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش − ئەڭ تۈپ كۈچلۈك بولۇش.» يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىق خەلق ئارمىيەسىنى قايتا يارىتىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.
«يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك»
2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈنى. خەلق ئارمىيەسى سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش يېڭى قىياپىتى، كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق، شەرەپ بىلەن شى جۇشىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.
پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ ئەڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتىنىڭ قوغدىشىدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.
بۇ مەيدان كاتتا ھەربىي پاراتتا، 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە بايرىقى، قىسىم تۈرلىرى ئارمىيە بايرىقى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بايرىقى تۇنجى قېتىم ھەربىي پارات مەيدانىدا مەركەزلىك نامايان قىلىندى، بايراقنىڭ يۈزى قىزىل تەگلىك بولۇپ، ئۈستى سېرىق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ھەم «八一» دېگەن ئىككى خەت بىلەن زىننەتلەنگەن.
ئارمىيە روھى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئارمىيە بايرىقى مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىپ بىرلىككە كېلىپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.
پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى، خەلق ئارمىيەسىدە بىر مەھەل پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلدى، ئەگەر بۇ مەسىلە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنمىسا، ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپقا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
مۇھىم تارىخىي پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.
غەربىي فۇجيەندىكى گۇتيەن − پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش پىرىنسىپى بېكىتىلگەن جاي. شى جۇشى بۇ جايدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىشنى ئۆزى قارار قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىستىل تۈزىتىش روھى بىلەن سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ يەنە يولغا چىقىشقا يېتەكلىدى.
شىمالىي شەنشىدىكى يەنئەن − جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى، ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن جاي. بۇ جايدا ئېچىلغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا، شى جۇشى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىدىكى «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ماھىيەتلىك مەزمۇن تەلىپىنى ئىلمىي يىغىنچاقلاپ، «ئۈزۈل - كېسىل ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش»نى تەكىتلىدى.
«سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى سىياسىي جەھەتتىن تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.» مۇشۇ يىللاردا، خەلق ئارمىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە تەرتىپكە سېلىپ، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە تەرتىپكە سېلىپ، تەشكىلىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىپ، ئىستىل جەھەتتە تەرتىپكە سېلىپ، ئىنتىزام جەھەتتە تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا يىلتىزى ۋە روھىنى چىڭ ساقلىدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار سىياسىي لايىھە ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى −
«پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىر ئاساسىي تەدبىرىگە كۆتۈرۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈزۈم پارتىيە نىزامنامىسىدە بېكىتىلدى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئارمىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە قوماندانلىق ھوقۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈلدى.
يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مېخانىزم ئورنىتىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش، يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۆگىنىش - تەربىيەسى پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر - بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنىپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى»، «ئارمىيە پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق نىزام - تۈزۈملەر ئېلان قىلىندى، «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم - بەلگىلىمىسى سىستېمىلىق بەرپا قىلىندى...
پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە يادروغا سادىق بولدى، يادرونى ھىمايە قىلدى، يادرونى قوغدىدى، يادرونى قەتئىي قوغدىدى.
جياڭشى يۇڭشىندىكى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار ئارىسىدا، ھەيۋەتلىك سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خاتىرە مۇنارى مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شى جۇشى بىر قېتىم قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قىزىل ئارمىيە يېڭىلا قۇرۇلغان مەزگىلدە بۇ جايدا يۈزبەرگەن ھېكايىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى: «54 - جىتۇەنجۈندە بىر داڭلىق <قىزىل 1 - ليەن> بار، 1927 - يىلى 9 - ئايدا <سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش>تە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆزى بۇ ليەندۈيدە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان ھەم يېڭىدىن ئالتە پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ <ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش>نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.»
يېڭى دەۋردە، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا يارىتىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىستېما قۇرۇلمىسى، تۈرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، فۇنكسىيەسىنىڭ سەپلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇناسىپ زور ئۆزگىرىش بولدى.
«پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تاكامۇللىشىپ، ھەممىسى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشقان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېما شەكىللەنگەندىلا، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئاندىن <قوماندانلىق قىلىشى راۋان، مەمۇرىي بۇيرۇقى توسالغۇسىز، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك> بولىدۇ.» بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە «تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش» تەكىتلەنگەنلىكىنىڭ داۋلىسى.
ئارمىيەدە تۈزۈلمە، ئىشتاتنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، تەسىس قىلىش، تەشكىللەپ قۇرۇش ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى بىلەن جىپسىلاشقان، يېڭى كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى بىلەن ماسلاشقان، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش بىلەن يۇغۇرۇلغان پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەنى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساس ۋە ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، تەشكىلاتنى كۈچەيتىش، فۇنكسىيەنى كۈچەيتىش، قوشۇننى كۈچەيتىشنى تۇتاشتۇرۇشقا كۈچەپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، «بىر پارچە قاتتىق پولات» قىلىپ ئىتتىپاقلاشتۇردى.
جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسىدىكى ئورنى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى زور. 2023 - يىلى 7 - ئايدا، شى جۇشى غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك.
پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە جەڭگە يېتەكچىلىك قىلىش، قۇرۇلۇشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، سىياسىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش ۋە سىياسىي چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش بويىچە دائىملىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىدىيەنى ساپلاشتۇرۇش بويىچە «قايتا تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، «بەشنى تەرتىپكە سېلىش»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا دائىر تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.
پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، تەشكىل كۈچلۈك بولسا ئارمىيە كۈچلۈك بولىدۇ. دىققەتنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تاۋلاشقا كۈچەپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇرچ، ۋەزىپە قەيەرگىچە كېڭەيتىلسە، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى شۇ يەرگىچە جارى قىلدۇردى −
«ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن.» قارلىق ئېگىزلىكتە، ئارمىيەمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىرىنچى سەپتە مەزمۇت تۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى دادىل كۈرەش قىلىشقا، دادىل غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدىدى.
بىپايان چەكسىز ئاسماندا مۇتلەق سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەرۋاز قىلدى. ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم شىسى كۆپ قېتىم مۇھىم مانېۋىر، مەشىققە قاتنىشىپ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، شى پارتىيە كومىتېتى سىرتتىكى ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ تاكامۇل بولۇشى، تەشكىلىي تۇرمۇشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
يىراق دېڭىز - ئوكيانلادا، قەلبلەر ۋەتەنگە تەلپۈندى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش سېپى سومالى، ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇزاق ۋاقىت جاپالىق كۈرەش قىلدى، سەپنىڭ ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى ھەرىكەت داۋامىدا تەربىيەلەشنى تۇتۇش، ھەرىكەت داۋامىدا قۇرۇلۇشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپكۆك دېڭىز يولىدا كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلدى، پاراخوتلار تۈمەن چاقىرىم يول يۈرسىمۇ ئېزىپ قالمىدى...
«مىلتىقنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»
باھار شامىلى ئىللىقلىق بېغىشلىدى، بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بەيۋاڭشەن تېغىدا ئوت - چۆپلەر قويۇق ئۆسۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ، تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. تاغ ئېتىكىدە، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى يەنە بىر تۈركۈم چېنىقىپ تاۋلىنىدىغان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىرىنى كۈتۈۋالدى.
ئادەم جەڭگىۋارلىقنىڭ يادرولۇق ئامىلى، شۇنداقلا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي ھەربىي مەكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى قىزىل جىڭگاڭشەندە يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قىزىل ئارمىيە داشۆسى، جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسى تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلماقتا، ئۇ بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا.
2016 - يىلى ئەتىيازدا، شى جۇشى دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «كادىرلار دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىگە بېرىپ ئۆگەنگەندە، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي سەۋىيەسى ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇنى جەزمەن گەۋدىلەندۈرۈش، بايراق روشەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.»
ئارمىيەمىز سىياسىي جەھەتتە دۇچ كەلگەن سىناق چىگىش، مۇرەككەپ، قانداق قىلغاندا مىلتىقنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
«سىياسىي ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېتىشتۈرگەن ۋە ئىشلەتكەن ئىختىساسلىقلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن مۇتلەق ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» ئادەمدىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇش غەلىبىسىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىلنى ئىگىلەپ، شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەنى ئاساسنى تۇتۇپ ئۇلنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقتى −
«يېڭى ۋەزىيەتتە روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، روھلۇق، قابىلىيەتلىك، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش»نى تەكىتلىدى؛ «پارتىيەگە سادىق، جەڭ قىلىشنى پىلانلاشقا ماھىر، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك، پاك - دۇرۇس بولۇش»تىن ئىبارەت ئارمىيەنىڭ ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ «سىياسىي ئۆلچەم ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى، سىياسىي تەلەپ ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇلىدىغان ئەڭ تۈپ تەلەپ» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى...
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، شى جۇشى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق ئېنىق تەلەپ قىلدى: ئىنقىلابىيلاشقان، كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، زامانىۋى قورال - جابدۇقلارنىڭ ئىنقىلابىيلاشقان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
− نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاش.
سەرخىل لېكسىيە دەرسلىرىدە، نەزەرىيە تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسلىرى لېكسىيە سۆزلەپ، كونسۇلتاتسىيە قىلدى، سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى؛ ھەر قېتىملىق نەق مەيداندىكى مۇھاكىمە قىلىشتا، پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى؛ ھەربىر مەيدان ئىدىيەۋى تەھلىل قىلىشتا، پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى جەھەتتە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ۋە مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشنى قانات يايدۇردى...
2024 - يىلى، پۈتۈن ئارمىيە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرى ھەم ئۇلارغا قاراشلىق مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرىغا يۈزلىنىپ، يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ سەرخىل نەزەرىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئاۋۋال تەربىيەلىنىدىغان، ھەقىقىي تەربىيەلىنىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش يۆنىلىشىنى تىكلەپ بەردى.
قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق نەزەرىيەنى ئىزاھلاپ، ھەقىقەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تەسىرلەندۈردى. غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايوندا، لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتى چېگرا ئۆتكىلى جەڭ ئورنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگەتتى؛ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىچكىرىسىدە، نەزەرىيە ئۆگىنىش تايانچلىرى پاراخوتقا ئەگىشىپ دېڭىزغا چىقىپ «كۆپكۆك دېڭىز نەزەرىيە دەرسخانىسى» تەسىس قىلدى... بۇ يىللاردا، نەزەرىيە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ساداقەتنى تاۋلىدى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «تۆھپىكار 3 - ليەن» پۈتۈن ئىشتات بويىچە جەنۇبىي سۇدانغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. مۇرەككەپ مۇھىت، جاپالىق شارائىتنىڭ سىنىقى ئالدىدا، ليەندۈي ھەر ئايدا «ئەسكەرلەر مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىپە ئارىلىقىدا مىكرو دەرسخانا تەسىس قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈندىلىك كىچىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى پىژغىرىم ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىپ، قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشمە چارلاش، قوراللىق قوغداش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قالتىس ئورۇنداشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.
تىنچلىق ساقلاش جەڭ مەيدانىدىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىگىچە، ئېگىزلىكتىكى ئارالدىن چۆل - باياۋانغىچە... پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئۆلچەمنى تېخىمۇ يۇقىرى قويۇش، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئارمىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە بەلگىلىمىسى» قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقىتىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنى، كۈچى، خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە تۈزۈم - مېخانىزمىنى سىستېمىلىق قايتا بەرپا قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىدى.
− ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش، «ئۈچ قاراش»نى توغرىلاش.
«ئىدىيە جەھەتتە بىر سۇڭ بوشاڭلىق كۆرۈلسە، ھەرىكەت جەھەتتە بىر چى چېچىلاڭغۇلۇق كۆرۈلىدۇ.» شى جۇشى كەسكىن ھالدا مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: ئىدىيە جەھەتتە غۇلاپ چۈشۈش ئەڭ ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشى، «باش كەيگۇەن» چىڭ ئىتىلمىسە، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ، توغرا بولغان ھەق - ناھەق قارىشى، ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشى، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشى كەمچىل بولسا، تۈرلۈك يولدىن چىقىپ كېتىش، چەكتىن ھالقىپ كېتىش، تۈزۈمدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
2024 - يىلى يازدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا، شى جۇشى نۆۋەتتە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن ئۆزىگە تەتبىقلاپ، يۈز - ئابرۇيىنى قايرىپ قويىدىغان، يېتەرسىزلىكى ۋە ئەيىبىنى ئاچالايدىغان جاسارەت، مەنبەدىن چوڭقۇر قازىدىغان، روھقا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پوزىتسىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
نېمە ئۈچۈن پارتىيەگە كىرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەسكەر بولىمىز؟ نېمە ئۈچۈن جياڭلىڭ بولىمىز؟ پۈتۈن ئارمىيەدىكى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى كەسكىن، ئەستايىدىل ئېچىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، قاتتىق ئويلىنىپ ئۆزىنى تەكشۈردى؛ قاتلام، دەرىجىلىكلەر بويىچە، ناچار تەسىرگە ئۇچراپ قىلغان خاتا سۆز - ھەرىكەت ۋە ناچار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزەپ، غايە - ئېتىقاد، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئەمەلدارلىق ئەخلاق - پەزىلىتى قاتارلىق ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مۇددىئاسى ساپ بولماسلىق، ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزمەسلىك، خىزمەت ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەتتى... ھەربىر مەيدان مۇزاكىرە، مۇنازىرىدە يۈزنى قىزارتتى، تەرلەتتى، روھىي دۇنياسىغا تەگدى، ھەربىر قېتىملىق ئىبرەت تەربىيەسى ئارقىلىق دېلو ئۆرنەك قىلىندى، چۆچۈتۈپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.
ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىش روھنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر قېتىملىق ئېغىر ساپاندا چوڭقۇر يەر ئاغدۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىكلەر سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى ساپلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاتا بولغان ئىدىيە يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشقا كۈچەپ، توغرا بولغان قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم قىسىمى ئورگان كادىرلىرىنى چەمبىرەك مەدەنىيىتى، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىچى - تېشى بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئىدىيە تۈگۈنىنى تەھلىل قىلىشقا تەشكىللەپ، «ئىدىيە چاڭ - توزانلىرى»نى پات - پات تازىلاپ، «ئاچ كۆزلۈكنىڭ زىيىنى» ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، «شەخسىي غەرەز»نى ھەرۋاقىت تۈگىتىپ، خام خىيالغا بېرىلمەسلىك ئارقىلىق قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم گۇاڭدۇڭ باش ئەترىتى ساختىلىق قىلىش، شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش، خىزمەتنى ئەمەلىي ئىشلىمەسلىك، قۇرۇق گەپ قىلىشتەك خىزمەت ئۇسۇلىنى كۈچەپ تۈزىتىپ، سۇبيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىش خىزمەت پىكىر يولىنى تۈزىتىپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىدى، سىياسىي كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى قايتا ياراتتى...
− ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش.
نەزەرىيەنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە تايىنىپ تەكشۈرۈش كېرەك.
شى جۇشى ئىلگىرى جەنگو دەۋرىدە ئۆتكەن جاۋ كو «ئاغزىدا شەھەر ئېلىش»، ئىككى جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر «قۇرۇق تەلىمات سۆزلەش»تەك تارىخىي ساۋاق ئارقىلىق، رەھبىرىي كادىرلارنى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ھەرگىز قۇرۇق گەپ ساتماسلىق، <مۇبالىغىچىلىك> پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىق»قا ئاگاھلاندۇردى؛ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى ئۆزگەرتىش، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسىمى پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىش «ئىككى ياقلىمىلىق» بولۇپ قېلىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن ھەربىي ئىشلار قارىشى ۋە مېتودولوگىيەنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋار كۈچ ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان چارە - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم لۈيى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش بىلەن مەخسۇس ۋەزىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ئارقىلىق تېما ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولدى، ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە جىددىي ھەرىكەتلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن توسۇق نۇقتىنى راۋانلاشتۇردى...
پۈتۈن ئارمىيە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭشياۋدىن يۇقىرى ئوفىتسېرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، «ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.
ئىدىيەنىڭ كۈچى چوڭقۇر سۇنىڭ تىنچ ئېقىشىغا ئوخشايدۇ؛ نەزەرىيەنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ماھارەتتە كامالەتكە يېتىشتىكى قىزىل 4 - ليەن»ىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاتاكىغا ئۆتۈش ھالىتى بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلاندى، يېڭى قورال - جابدۇقلار سەپلىنىپ 100 كۈن بولمايلا جەڭ مەشىقىدە قارىغا ئېتىشتا بارلىق خادىملار ئۆلچەمگە يەتتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ماھارەت سىنىشىش بويىچە باھالىشىغا قاتنىشىپ، يەتتە تۈردە رېكورتنى يېڭىلاپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم مەشىق مانېۋىرى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى.
نەنخەي دېڭىزىنى ھەربىي چارلاش، شەرقىي دېڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ چارلاش، ئىستراتېگىيەلىك چارلاش... ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى ئاۋانگارت ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى» نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي مەشىقنى گەۋدىلەندۈردى، ئۇچقۇچىلار يېڭى تىپتىكى ئايروپىلانلارنى ھەيدەشنى تېز ئۆگىنىپ، ئاخىرقى چەككىچە ئۇچۇپ، قورال - ياراغنى ئاخىرقى چەككىچە سىناپ، سىستېمىنى كۈچەيتىپ، كۆپ كىشى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قارشىلاشما كۈچ سىنىشىشىدا «ئالتۇن قالپاق»نى قولغا كەلتۈردى.
«قارلىق ئېگىزلىكتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ليەن»، «ئالەم قاتنىشىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى نەمۇنىلىك يەر يۈزى پونكىتى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت»، «يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا نەمۇنىلىك يىڭى»... پۈتۈن ئارمىيەگە نەزەر سالساق، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «تۆتكە ئىگە» يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، «تۆتتە پولاتتەك» قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىم تېز تاۋلاپ چىقىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىغا پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.
«پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك»
يېڭى دەۋردە، قانداق قىلىپ پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش شى جۇشى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنىدا، شى جۇشى ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئارمىيەمىز پارتىيە بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە رەھبەرلىك قىلغان خەلق ئارمىيەسى، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ساقلاش - ساقلىيالماسلىق ئارمىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، سوتسىيالىستىك قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش - كەتمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.»
«غايە - ئېتىقاد چوغىنى، قىزىل ئەنئەنىنىڭ گېنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنقىلاب ئىشلىرىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، تومۇرنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.» بۇ يىللاردا، شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى قايتۇرۇپ كېلىش، ئەسلىي مەقسەت خىسلىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تۈرتكە بولدى.
شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىدىكى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسى، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى... «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پارتىيەمىزگە نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلار، قىزىل كونا جايلار، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سورۇنلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم، ئاساسلىق جايلارغا ئاساسىي جەھەتتىن باردىم.» شى جۇشى مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن بېرىپ، نۇرغۇن تەسىرات بىلەن قايتتىم.»
غەربىي فۇجيەن ئەجدادلارنىڭ ئىسسىق قېنى سىڭگەن تۇپراق. ھەر قېتىم بۇ جايغا كەلگەندە، شى جۇشى ۋاقىت چىقىرىپ ئىنقىلابىي پېشقەدەملەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
«بىز يەنە كۆرۈشتۇق، ھازىر سالامەتلىكىڭىز قانداقراق...» گۇتيەندە ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى مەزگىلىدە، شى جۇشى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە «پېشقەدەم يەر ئاستى پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىزانلار، پېشقەدەم خەۋەرچىلەر، پېشقەدەم ئالاقىچىلەر، كونا سوۋېت رايونلىرىدىكى يېزا كادىرلىرى»نىڭ ئون نەپەر ۋەكىلىنى يىغىن ئېچىلغان جايغا ئالايىتەن تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدى، ئەنئەنە توغرىسىدا سۆزلەشتى، مۇڭداشتى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، شى جۇشى 11 نەپەر قىسىمدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىلى بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە «قىزىل ئارمىيە تامىقى» يېدى، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: ياش ئەۋلادلار پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى، ئىنقىلاب ئىشلىرى سىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىڭلارغا تايىنىدۇ، ئېسىل ئەنئەنە سىلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىڭلار، ئەۋج ئالدۇرۇشىڭلارغا تايىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، شى جۇشى «11دە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ ئېسىل ئەنئەنىلەر ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە مەزمۇنى»، «ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ»، ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋە خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
ھەيۋەتلىك باۋتاشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەنخې دەرياسى. ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ قارا ئاشلىق يەپ، ماتا كىيىم كىيىپ، «يەنئەن ئىستىلى» ئارقىلىق «شىئەن ئىستىلى»نى مەغلۇپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق مۇساپىگە گۇۋاھ بولدى.
«ئەينى يىللىرى شىمالىي شەنشىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلىگەن چېغىمدا، ھەر قېتىم يەنئەندىن ئۆتكەندە، 7 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان يىغىن ئورنى، ياڭجيالىڭ، زاۋيۈەن، فېڭخۇاڭشەن تېغى قاتارلىق ئىنقىلابىي كونا جايلارنى كۆرۈپ كېتەتتىم.» شى جۇشىنىڭ قەلبىدە بۇ كونا جايلار «مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر كىتاب» ئىدى.
«ئون يىل ئىلگىرى بىز گۇتيەنگە بېرىپ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئاچقانىدۇق، بۈگۈن بىز يەنئەنگە كېلىپ ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، يىلتىز مەنبەيىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىزدىدۇق.» 2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى مەزگىلىدە، شى جۇشى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى باشلاپ جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بۇ قىزىل مېھىرلىك تۇپراققا قايتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەمىز ئارمىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن، تەشكىلىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئۇنى ئىگىلەشكە دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، شى جۇشى يېڭى مۇساپىدە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇشنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، بۇنىڭ بىرى دەل «سىياسىي خىزمەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش». ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنىڭ سۆز بىلەن تەربىيە بېرىشتىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ۋە ئوبراز ئارقىلىق قىسىمغا تەسىر كۆرسىتىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مەزمۇنى چوڭقۇر، ئەھمىيىتى زور ئۈمىد، چوڭقۇر ھېسسىياتلىق، سەمىمىي تاپشۇرۇق كۈچلۈك چاقىرىق، يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولدى.
يىلتىزنى ئىزدەپ روھنى تاۋلاش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش −
سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلار تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن «يىلتىزنى ئىزدەش» كىچىك ئەترەتلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، قىسىملارنىڭ نەق مەيدان ئوقۇتۇشى، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى چوڭ دەرسخانىغا ئايلاندى.
جىڭگاڭشەن تېغى ئىنقىلابىي تاغ، جەڭگىۋار تاغ، شۇنداقلا قەھرىمان تاغ، شەرەپلىك تاغ. باش باھار مەزگىلىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ «يىلتىزنى ئىزدەش» كىچىك ئەترىتى يەنە بىر قېتىم بۇ جايغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كۈرەش ئىزلىرىنى ئىزدەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، يېڭى يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش، ئاممىغا تايىنىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت جىڭگاڭشەن روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ شۆيۈەن قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېن بىلەن روھ يېتىلدۈرۈش، ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتە پائال ئىزدەندى. 2019 - يىلى 5 - ئايدا، شى جۇشى شۆيۈەننىڭ قىزىل بايلىق تەتقىقات مەركىزىگە كېلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم، ئەۋلادمۇئەۋلاد لاياقەتلىك قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
قىزىل گېنغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىش يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە ئۇل قۇرۇلۇش. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى تەشۋىق - تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ساقلاش، يېزىش، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي تارىخقا ئالاقىدار مەيدان - سارايلارنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى قېزىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىزىل گېننىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىدى، قۇدرىتىنى نامايان قىلدى.
خىسلەتنى ساقلاپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇش −
جەڭچىلەرنىڭ خورەك ئاۋازىنى ئاڭلىدى، يۇلتۇزلۇق كېچىدە يەنە پوستتا تۇردى. بۇ يىللاردا، تۈركۈم - تۈركۈم ئورگان كادىرلىرى سومكىلىرىنى يۈدۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ چەت، يىراق، جاپالىق رايونلاردا تۇرۇشلۇق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەسكەر بولۇپ ليەندە تۇرۇپ، ئاددىي ئەسكەر بەلگىسىنى ئالماشتۇرۇپ تاقاپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن «بەشتە بىللە بولۇپ»، «ئەسكەر بولغان دەسلەپكى مەزگىل»گە يېڭىباشتىن قايتىپ كەلدى.
2013 - يىلى 5 - ئايدا، شى جۇشى كادىرلارنىڭ ليەنگە چۈشۈپ ئەسكەر بولۇش ھەرىكىتىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان سابىق چېڭدۇ ھەربىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئالايىتەن مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەسكەر بولسا ھەقىقىي بولۇپ، ليەندە تۇرسا ھەقىقىي تۇرۇپ، ھەقىقىي ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش، ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈش كېرەك.» ئۇ ئەسكەر بولۇپ ليەندە تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئەسكەر بولۇپ ليەندە تۇرۇش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا يېتەكلىدى ۋە تۈرتكە بولدى.
«ئىستىل ياخشى بولسا قەھرىمان قىسىم بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، ئىستىل چېچىلاڭغۇ بولسا يېڭىلمەس قوشۇنمۇ ۋەيران بولىدۇ.» پۈتۈن ئارمىيە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سەككىز مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاش، تۈزەش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەتكە قاتنىشىش، ھاراق ئىچىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىپ پايدا ئېلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش قاتارلىق ئىنتىزام بويىچە چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقاردى. رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنات توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا بولغان چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئارقىلىق «مۇتلەق كۆپ سانلىق»لارغا تەسىر كۆرسەتتى ۋە يېتەكلىدى. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزىتىپ، «بەش كۆپ بولۇش» مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.
جاسارەتلىك، قەيسەر بولۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى تاۋلاش −
«ئارمىيە ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇرۇش قىلغاندا ئۇرۇش قىلىش قىياپىتى بولۇشى، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان بولۇشى كېرەك. <ئىككىدىن قورقماسلىق> روھى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز.»
2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شى جۇشى 71 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيىنىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»گە كېلىپ، جەڭچىلەر بىلەن سەمىمىي سالاملىشىپ چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش، مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باشلامچىلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى ۋاڭ جيېچە ياخشى جەڭچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
«تىنچ دەۋردە، ئەسكەرلەرنى ھەرگىز بوشاڭ تەربىيەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ يەنىلا ھەيۋىسى بولۇشى، ھەربىيلەردە يەنە شىجائەت بولۇشى كېرەك.» ئارمىيەنىڭ مۇھىم يىغىنىدا، مانېۋىر، مەشىق قىلىش نەق مەيدانىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شى جۇشى كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە، دۆلەت، خەلق ئېھتىياجلىق پەيتتە، ئارمىيەدە دەل بۇ خىل غەيرەت - جاسارەت، بۇ خىل روھ بولۇشى كېرەك.
ئاساسىي قاتلام ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراق، شىجائەت ۋە جاسارەتنى تاۋلايدىغان پېچ. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار «كۈرەش قىلىش روھى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۇرۇش قەھرىمانلىرىدىن ئۆگىنىپ، كۈرەش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، جەڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، جاپالىق، قاتتىق مەشىق جەريانىدا، ئەمەلىي جەڭگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىتتا، كەسكىن، مۇرەككەپ ھەربىي كۈرەشتە قىسىملارنى مەشقىلەندۈرۈپ ۋە چېنىقتۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى كۈرەش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش، كۈرەش ئىستىلىنى تاۋلاشقا يېتەكلىدى.
«ئارمىيە قورال تۇتىدۇ، ئارمىيەدە پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلىدىغانلار بولسا ھەرگىز بولمايدۇ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ»
«<15 - بەش يىل> باشلىنىشى بىلەنلا قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چىڭ قائىدىسىنى تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ يۆنىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە سۈپەتنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە قۇرۇلۇش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شى جۇشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئارمىيە قورال تۇتىدۇ، ئارمىيەدە پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلىدىغانلار بولسا ھەرگىز بولمايدۇ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، جەزمەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ ئېنىق تەكىتلىدى.
چىرىكلىك پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭ. ئىشنى باشلاپلا قائىدە تۇرغۇزۇش تەسىرلىك ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتىكى روشەن پوزىتسىيە.
خەلق ئارمىيەسىدە چىرىكلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ، ھەيۋەتلىك، مەدەنىي قوشۇنغا داغ تەگكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەربىي كومىتېتنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنىدا، شى جۇشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دېلو بولغان ئىكەن جەزمەن تەكشۈرۈش، چىرىكلىك بولغان ئىكەن جەزمەن جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى، ھەربىي ئىنتىزامغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى جەزمەن قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش، قەتئىي كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك».
«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان زور كۈرەش.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا يېتەكلەپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش، ئىستىلنى توغرىلاپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى.
گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخوۋ، فاڭ فېڭخۇي، جاڭ ياڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، خې ۋېيدۇڭ، مياۋ خۇا قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، جاڭ يوۋشيا، ليۇ جېنلىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى...
كىم بولۇشىدىن، ۋەزىپىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چىرىكلەشكەنلەرگە قەتئىي يۈز - خاتىر قىلمىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، شى جۇشىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئارمىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «يولۋاس»قا زەربە بېرىپ، «تولۇم چاشقان»نى يوقىتىپ، «مىتە»نى قېزىپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، چېتىلىدىغانلىرى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك تەكشۈرۈش، چېتىلىدىغانلىرى قانچىلىك چوڭقۇر بولسا شۇنچىلىك چوڭقۇر قېزىشتىن ئىبارەت يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق تۈزەش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى.
قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس، ھەم بىر كۈندىلا ئېرىپ بولغان ئەمەس. چىرىكلىك تۈرلۈك ناچار ئامىللارنىڭ ئۇزاق مەزگىل جۇغلىنىشى، سىجىل ئېچىتىشىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك جاھىل خاراكتېرگە، تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە، سەللا بوشىشىپ قالساق قايتا باش كۆتۈرىدۇ، ھەتتا بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، شى جۇشى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى −
«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر» دەپ كۆرسەتتى؛ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، ھەرقانداق ئىككىلىنىش، تەۋرىنىش، بوشاڭلىق قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش ياكى يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇشنىڭ ھەممىسىدە ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق كۆرۈلىدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى...
«ئۇر زاۋال تاپقان دۈشمەننى سۈرۈپ ھېچ توختىماي، قىل ھەزەر شۆھرەتپەرەس باۋاڭنى دوراشتىن ھامان.» بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭدە، شى جۇشى خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، سىستېمىلىق تۈزەيدىغان بىر يۈرۈش «بىرىكمە تەدبىر»لەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگەتتى.
− ئىدارە قىلىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى قاتارلىق بايلىق كۈچىنى ئەلالاشتۇرۇپ قايتا تەشكىللەپ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى ھەم بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان، ھەم ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى؛
− تۈزۈمدىن ئىبارەت بۇ قەپەسنى زىچ توقۇپ، «مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»، «ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى»، «ئارمىيەنىڭ پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قائىدە - نىزام، تۈزۈملەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ، نوپۇزىنى تىكلەشكە كۈچ سەرپ قىلدى؛
− چىرىكلىكنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىشىگە چىڭ قادىلىپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە ۋە ئارمىيە بىلەن يەرلىك گىرەلەشكەن جايلارنى تەرتىپكە سېلىش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆزلىمە پايدىسى، كېلىشىم تۈزۈپ پاي ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن ئىلكىگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈردى؛
− ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»نى زور كۈچ بىلەن تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىستىلى رېۋىزىيە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سەزگۈر ئىشلارغا چىڭ قادىلىپ، يەپ - ئىچىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىپ ئېلىش، يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەتتى؛
− تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، سوۋغات قوبۇل قىلىش - سوۋغا بېرىش، نامۇۋاپىق بېرىش - كېلىش قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەر باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، قولىنى ئۇزاتقان ھامان تەكشۈرۈپ، تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئۆزگىرىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى...
«چۆكسىمۇ گەر بىر قېيىق، تىنىم تاپماي يۈرگەي مىڭى، يىقىلسا گەر بىر دەرەخ، كۆكلەر يەنە تۈمەن مىڭى.» سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، خەلق ئارمىيەسى شۇنچە ساپلىشىدۇ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جەڭدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى شۇنچە پۇختىلىنىدۇ.
پۈتۈن ئارمىيە جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇشنى سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشتىكى تۈپ كۆزلەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق قىسىمدىكى يىغىلىپ قالغان ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، قەتئىي ھالدا خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىغا قايتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى بىلمەسلىك»، «ئىككى ئىقتىدار يېتەرلىك بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلدى.
جەڭ مەيدانىدا جەڭگىۋارلىقنى چېنىقتۇردى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈسى بىرلەشمە يىڭنىڭ يىڭجاڭلىرىنى تەشكىللەپ تىركىشىش مەشىقىگە توردا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشتۇردى، جەڭ مەيدانىدا دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالى ئەمەلىي ۋاقىتتا يەتكۈزۈلۈپ، ئايلىنىپ تۇردى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى، يىراق مۇساپىلىك راكېتا مىناميوتى، ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسىمى قاتارلىق مۇھىم ئامىللار پۈتۈن مۇساپىلىك قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلام قوماندانلىرىنىڭ بىرىكمە ساپاسى، ئومۇملۇق قارىشى، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.
دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكىسى − فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا سەپكە كىرگەن ئىككىنچى ھەپتىسىلا تۇنجى قېتىم دېڭىزدا ئەسكەرلەر ئەمەلىي مەشىقىنى قانات يايدۇردى، كۆپ تىپلىق ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى كۆپ قېتىم قاڭقىپ ئۇچۇش ۋە ئاۋىياماتكىغا قونۇش مەشىقىنى تاماملىدى، سەپكە كىرىپ ئىككىنچى ئېيىدىلا تۇنجى قېتىم دېڭىز رايونىدىن ھالقىپ سىناق مەشىقى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.
بىپايان ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلدى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىسىمى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن رەقىبىنىڭ جەڭ قىلىش ئىدىيەسى، قورال - جابدۇق ئىقتىدارى ۋە تاكتىكا ئالاھىدىلىكىنى نىشانلاپ يېڭىچە لەنجۈن ئارمىيەسى بەرپا قىلىپ، خۇڭجۈن تەرەپنىڭ ئاجىزلىقىنى نىشانلاپ زەربە بېرىپ، كۆپ قېتىم قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، قىيىن ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىپ چىقىش، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى قاتارلىق ئەسكىرىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، «بىرلەشمە ئۆتكۈر شەمشەر»، «دېڭىز بوغۇزىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ»، «ھەققانىيەت ۋە بۇرچ» قاتارلىق بىرلەشمە مانېۋىرلارنى قانات يايدۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە مۇھاپىزەت قىلىش - چارلاش، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇھىم پورت - مۇھىم رايونلارنى قامال قىلىش - تىزگىنلەش، كۆپ خىل ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى بىرلىشىپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، قىسىملارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى.
جەڭ قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمىدى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىش، بىر تەرەپتىن جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشتىن ئۇرغۇپ چىققان سىياسىي قىزغىنلىقنى ھەربىي مەشىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى، كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەڭ قىلىشنى پىلانلاپ، جەڭ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەڭ مەشىقى قىلىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن، رەقىبلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، كۈرەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن دەۋردە ئارمىيە كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ھەربىي گازارمىدا يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى. خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يېڭى ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولسىلا، تۆھپە باھالاش، مۇكاپاتلاشتا ئوخشاشلا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ھە دېسىلا خاتىرە دەپتەرنى ۋاراقلاپ، خىزمەت خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان ئالىدىغان ئىشلارنى تۈگەتتى... خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ياخشى كەيپىيات، ياخشى ئېكولوگىيە نامايان قىلىندى.
يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، سالمىقى مىسلىسىز بولغان، روھقا تەسىر كۆرسىتىدىغان، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بۇ سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش زور خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىشقا قارىتىلىپلا قالماي، يەنە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جەڭدە غەلىبە قىلىشتىكى جاسارەت بىلەن تاۋلىنىش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى.
رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىق يېڭى كەيپىيات ياراتتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا ئاتلاندى. دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە، خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، پولاتتەك تاۋلىنىش داۋامىدا قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم بولۇپ كەلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






