4-ئايدا مەيىن باھار شامىلى يەلپۈپ تۇراتتى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى نېفىت بازىسى باغچىسىدا زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، توققۇز ئاق قۇ باغچىدىكى سۇ رايونىدا جىمجىتلا پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېلىشى بۇ شېرىن تەم شەھىرىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى، ئېۋىرغول رايونى ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تېخىمۇ دەلىللىدى. شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان گۈزەل دەقىقىلەرنى ئاپپاراتلىرىدا سۈرەتكە تارتىپ، شەھەرگە تېخىمۇ شېئىرىي تۈس قوشتى.




(ئاپتور: ساۋ شىنجيا ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئېۋىرغۇل رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






