تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان سىيمالار (29) | بارماق ئۇچى ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش

   جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دەل ۋاقتى بولدى! مەيلى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىلىرىدا بولسۇن ياكى مۇلازىمەت كۆزنىكى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدا بولسۇن، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ھەر بىر سىيما شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ.

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاقچى ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىدە، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسى تام قوپۇرۇش ئىشچىسى، كەپشەرچى، پەردازچى قاتارلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى دائىملاشتۇرۇپ، ناھىيەنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا تىپىدىكى، قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى دەل جايىدا يەتكۈزۈپ بەردى.   گۈلجامال ئەيسا فوتوسى

  3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ گۇجېڭ سىنىپىدا، كۇرسانتلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن تارىنى ئىلىپ چالدى، لەرزان، مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى پۈتۈن ئۆينى بىر ئالدى.    ۋەلى قېيۇم فوتوسى

  4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئادەمسىز ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى ئادەمسىز ئۇچقۇنى تىزگىنلەپ، بىڭتۇەن 2-شىسى 22-تۇەن 2-ليەنىدىكى بىر بۇغدايلىقتا مەشغۇلات ئېلىپ باردى. بۇ تۇەن تېرىغان 30 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزگى بۇغداي كۆكىرىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى كۈزگى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېخنىكلارنى ھەرقايسى ليەندۈيلەرگە ئەۋەتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.    شيې جياڭلىن فوتوسى

  3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى گۈل-گىياھ كۆچەتخانىسىغا كىرىپ، ئەتىيازلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش، نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى.   فېڭ يۆ فوتوسى

  3-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار سەۋرچانلىق بىلەن يولۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ سەپىرىگە يول باشلاپ، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزدى.   ياڭ كې فوتوسى

   4-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىخۇ شەھىرىنىڭ شىخۇ بازىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار داۋان كەنتىگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا نۇر قايتۇرۇش لېنتىسى چاپلاپ، يول بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى.   جېڭ جىرۇ فوتوسى

  «视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.