مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا 110 تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقى تەڭشىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىكەن. بۇ، يەتتە تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت، 83 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىشلار جازاسى، ئىككى تۈرلۈك مەمۇرىي مەجبۇرلاش، 11 تۈرلۈك مەمۇرىي تەكشۈرۈش ۋە يەتتە تۈرلۈك باشقا مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى %92تىن ئېشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ساھەسىدىكى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى «تۆۋەنگە بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى تولۇق بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەسىراتى ئاشۇرۇلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى تەڭشەش ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىكەن، بىرى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش قاتارلىق كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك خىزمەت ھوقۇقى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلىدىكەن، ئۆلچىمى ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىكەن؛ يەنە بىرى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش تىجارەت ئىجازىتى، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى ئەنگە ئېلىش قاتارلىق 105 تۈرلۈك ئىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا يۆتكىلىدىكەن.
خىزمەت ھوقۇقىنى تەڭشەشنىڭ سىلىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تىزىملىك بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىش بېجىرگۈچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەيدۇ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئامما توردا ئىش بېجىرگەندە «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» ياكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ بېجىرىشكە ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خىزمەت ھوقۇقى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشلار ۋە سانلىق مەلۇماتلاردا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئىشتىن بۇرۇن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىش داۋامىدا نازارەت قىلىش، ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ھەم قەرەللىك باھالاپ، ئېھتىياجغا قاراپ خىزمەت ھوقۇقى تۈرلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە قايتۇرۇۋېلىپ، تەقسىملەشنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






