4-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر قارلىغاچسىمان قۇشقاچ قارىياغاچ ئۈستىگە قوندى.
4-ئايدىكى ئېۋىرغولدا باھار شامىلى ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى، گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىپ، سۆگەتلەر يېشىللىققا پۈركەندى، كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئالغان قۇشقاچلارنىڭ سايرىشى بولدى. ئىلگىرى قۇشلار ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان كوچىلار ۋە باغچىلار بۈگۈنكى كۈندە قۇشلار ئۇچۇپ كېلىپ، جاراڭلىق سايرىشىدىغان بولدى، چوڭ ئىسقىرتقا، قىزىل قۇيرۇق غورۇلاي قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان قۇشلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، قارلىغاچسىمان قۇشقاچ، قارا بوغۇز سېرىق قۇشقاچ قاتارلىقلارنىڭ سىيماسىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، قۇشلارنىڭ كۆپىيىشى باھار كۈنلىرىدىكى ئېۋىرغولغا جانلىق ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپلا قالماي، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى. ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ شىنجيا فوتوسى
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر چوڭ ئىسقىرتقا سۆگەت دەرىخىدە ئارام ئالماقتا.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر قارا باش قۇشقاچ دەرەخ شېخىغا قوندى.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر قىزىل قۇيرۇق غورۇلاي قارىياغاچ دەرىخىگە قوندى.






