تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قول تۇتۇشۇپ ساغلاملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەننەن بۇيىزۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لوديەن ناھىيەلىك 1-يەسلىدە، كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «يەتتە قەدەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلى»نى ئۆگەنمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شى چۈەنخۇڭ فوتوسى)

   4-ئاينىڭ 7-كۈنى دۇنيا سەھىيە كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇ يىللىق جۇڭگو تەشۋىقات باش تېمىسىنى «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، قول تۇتۇشۇپ ساغلاملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ بېكىتتى.

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى بىنجوۋ شەھىرى جەنخۇا رايونى 2-تەجرىبە يەسلىسىدە ئوقۇتقۇچى بالىلارغا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئائىت ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جيا خەينىڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى خۇابېي يەسلىسىدە كىچىك دوستلار كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، كۆزىنى ئىلمىي ئاسرىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لياڭ زىدۇڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرىدىكى بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى گۇيجوۋ دوختۇرخانىسىدا، دوختۇر ئاغرىقنىڭ مېڭە-ئۈسكۈنە ئۇلاش سالامەتلكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (يۈەن فۇخۇڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئوقۇتقۇچى گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەنشى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىشىنى توغرا چوتكىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (فەن خۇي فوتوسى)

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.