تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

قۇتۇبى: تىيانشان ئېتىكىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىراشچىلىقى باشلاندى

   4-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرىنىڭ شاڭئەرگۇڭ كەنتى بىلەن شاڭسەنگۇڭ كەنتىدىكى ئېتىزلىقلاردا ئۇرۇق سېلىش ماشىنىلىرى گۈرۈلدەپ، دېھقانلار ماس قەدەمدە كۆممىقوناق ۋە ئۇرۇقلۇق سەي كاۋىسى تېرىۋاتاتتى. يىراقتىكى تىيانشان بىلەن يېقىندىكى كەنتلەردە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقان سىيماسى گىرەلىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ جانلىق گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ماشىنىلاشقان تۈجۈپىلەپ تېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

(ئاپتور: تاۋ ۋېيمىڭ  ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.