يېقىندا، «ۋىيشىندا چىقىم قىلىشتا ئېتىبار بېرىش(微信支付有优惠)» كىچىك پىروگراممىسى مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى: «ۋىيشىندا چىقىم قىلىشتا ئېتىبار بېرىش» كىچىك پىروگراممىسى 2026-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىشلىتىشتىن توختايدۇ، ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ «ۋىيشىندا چىقىم قىلىش، نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشتا ھەر قېتىمدا تېجەپ قېلىش(微信支付提现笔笔省)» كىچىك پىروگراممىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، تىللا ئېلىش ئىقتىدارى توردىن چۈشىدۇ، لېكىن ئېرىشكەن تىللالارنى يەنىلا مۇكاپات بۇيۇمىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ئاللىبۇرۇن ئېلىپ بولغان نەق پۇلغا ھەقسىز ئايلاندۇرۇش بېلىتى، نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشتا ئېتىبار بېرىش بېلىتىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئاشكارا ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، «ۋىيشىندا چىقىم قىلىشتا ئېتىبار بېرىش» كىچىك پىروگراممىسى 2020-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى چىقىم قىلىشتا ئېرىشكەن جۇغلانما تىللا ئارقىلىق نەق پۇلغا ھەقسىز ئالماشتۇرۇش بېلىتى قاتارلىق پاراۋانلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. ئابۇنىچىلار ۋىيشىندىن «ۋىيشىندا چىقىم قىلىشتا ئېتىبار بېرىش» دېگەن كىچىك پىروگراممىنى ئىزدىسىلا تېپىپ ئىشلىتەلەيدۇ، ئابۇنىچىلار ئىستېمال ھەرىكىتىدە تىللا يىغىپ، ئۇنى نەق پۇلغا ھەقسىز ئالماشتۇرۇش سوممىسى ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ.
بۇ ھەقتە
بەزى تورداشلار
«ۋىيشىننىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى
توردىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە ئاندىن بىلىپتىمەن» دېيىشتى
يەنە بەزى تورداشلار بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتىشتى

سىز بۇ كىچىك پروگراممىنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟
ۋىيشىننىڭ يەنە قانداق يېڭى ئىقتىدارى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






