تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | ئاق قۇلار ئالتايدىكى كۆكسۇ سۇلۇق يېرىگە «مېھمان» بولۇپ كەلدى

   4-ئاينىڭ باشلىرى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي شەھىرى كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون زور بىر تۈركۈم كۆچۈپ كەلگەن ئاق قۇلارنى كۈتۈۋالدى. ئاق قۇلار سۇلۇق يەردە ماكانلىشىپ، ئوزۇق ئىزدەپ، بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىپ، سۇلۇق يەر، يايلاق، قارلىق تاغ، كەچكى شەپەق بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ جانلىق ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى كۆكسۇ سۇلۇق يېرىنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇ جاينى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى مۇھىم ئۆتەڭگە ئايلاندۇردى.

ئارغىماقلار بەخىرامان ئوتلاپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدە، ئاق قۇلار قاناتلىرىنى كېرىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە.

توپ-توپ ئاق قۇلار سۇلۇق يەردىكى كۆلدە بەخىرامان ئۈزمەكتە.

ئاق قۇلار سۇ يۈزىدە لاتاپىتىنى نامايان قىلماقتا.

توپ-توپ سۇ قۇشلىرى ئەگىم ئېقىندا ماكانلاشتى.​

(ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى لى شىنئەي، كۆپېن نىغمەت)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.