يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈر ئۆي ئىچىنى بېزەش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە، زامانىۋى، مۇكەممەل ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدىكەن.
شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى قەشقەر شەھىرى شېنكا يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، پىلاندىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 702 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 4 مىليارد 210 مىليون يۈەن، قۇرۇلۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر 1-قارارلىق 1-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى ئوقۇتۇش بىناسى، 1-نومۇرلۇق ياتاق بىناسى، 2-نومۇرلۇق ياتاق بىناسى، تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنى ۋە تۇڭشى شۆيۈەنىنىڭ بەش كورپۇس يەككە ئىمارەت ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى ۋە 2-قېتىملىق قۇرۇلما قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ئۆي ئىچىنى بېزەش باسقۇچىغا كىردى؛ 2-تۈركۈمدىكى 1-نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ ئۆگزىسى پات ئارىدا يېپىلىدۇ.
شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى.
«ھازىرقى باسقۇچتا بېزەش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، سۇ، توك تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش، شامال ئۆتۈشتۈرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىش تۈرلىرى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.» جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دىرېكتورى ياڭ گاڭ مۇنداق دېدى: 1-قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، مۇكەممەل ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، تۇرمۇش يۈرۈشلۈك ئىقتىدارى ھازىرلىنىدۇ، بۇ، 2000 ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئۈرۈمچى ئاساسىي مەكتەپ رايونى بىلەن پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېنېرگىيە مۇھىتى، چېگرا ھالقىغان سودا ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەسىس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئەمەلىي قوللىنىشچان، بىرىكمە تىپلىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرىدىكەن.
شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى پۈتكەندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن يۇقىرى قاتلاملىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى پۇختا مائارىپ تىرىكى ۋە ئەقلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«بىز قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېدى ياڭ گاڭ.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






