− دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيې شىياۋ، ۋاڭ يۈخاۋ، خۇاڭ تاۋمىڭ
مۇلازىمەت كەسپى خەلق ئىگىلىكىدىكى بىرىنچى چوڭ كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشتى ھەم ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
«يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش كېرەك» «تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. سىياسەتنىڭ ئىللىق شامىلىدا، ھەرقايسى جايلار پۇقرالار تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئېھتىياجغا، كەسىپ ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەت كەسپى يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولماقتا.
جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار
2026 - يىللىق مۇسابىقە پەسلى دۇنيا 1 - دەرىجىلىك فورمۇلا مۇسابىقە ئاپتوموبىلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(F1) جۇڭگو مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى يېقىندا شاڭخەيدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، ئۈچ كۈندە 230 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم نەق مەيداندا مۇسابىقىنى كۆردى، بېلەت كىرىمى 190 مىليون يۈەن بولۇپ، 2025 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %35 ئاشتى، چېگرادىن كىرگەن ۋە شەھەر ھالقىغان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت، تەنتەربىيە، كۆرگەزمە يۇغۇرۇلغان بىر مەيدان كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ، دۆلىتىمىزدە مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ بىرقەدەر تېز ئاشقانلىقى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.
2025 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىدە كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى: قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ،GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %57.7كە يەتتى؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %61.4كە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 3.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، ئۇدا 11 يىل خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50كە يەتتى.
«مۇلازىمەت» دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى بەخت تۇيغۇسىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكى گۈزەل تۇرمۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئۆسۈشى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجى «بار بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆتۈپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىدىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئېشىپ، تاۋار پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى. 2025 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىستېمالى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمىنىڭ %46.1ىنى ئىگىلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى.
ساھە بويىچە ئىنچىكە ئايرىپ قارىغاندا، 2025 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 14 تىرىليون 580 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %5.0 ئاشقان؛ قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 6 تىرىليون 209 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.2 ئاشقان؛ قونالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2 تىرىليون 640 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.9 ئاشقان.
«مۇلازىمەت» مۇجەسسەملەنگەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز راۋاجلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكى تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشتى.
تەتقىق قىلىپ ئېچىش - لايىھەلەش، تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى... ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولدى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى تېز سۈرئەتتە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، تۈرلۈك يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى.
2025 - يىلى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 7 تىرىليون 59 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %11.1 ئاشتى؛ ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 6 تىرىليون 366 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، %10.3 ئاشتى.
«مۇلازىمەت» بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭى كەسىپلەر ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، قوبۇل قىلىش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى.
مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى، ۋەيمەي توشۇغۇچى، تور تاكسى شوپۇرى، سانلىق مەلۇمات تەھلىلچىسى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇلازىمەت كەسپىگە ئەگىشىپ گۈللەنگەن يېڭى كەسىپلەر پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. 2025 - يىلى، مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 ئەتراپىدا بولۇپ، قوبۇل قىلىش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولى گەۋدىلىك بولدى.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى مۇلازىمەت تىپىغا قاراپ ئۆزگىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمى 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
ئىقتىدار كېڭەيتىلىپ سۈپەت ئۆستۈرۈلدى، يوشۇرۇن ئىقتىدار قوزغىتىلدى
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپ قالدى.
«ئاخىر كۆڭلۈمدىكىدەك بالا باققۇچى تاپتىم، تاماقنى تەڭشەشنى بىلىدىكەن، بالا بېقىشتىمۇ ناھايىتى كەسپىي، ئىنچىكە ئىكەن.» بېيجىڭدا ئولتۇرۇشلۇق جاۋ خانىم باھار بايرىمىدىن كېيىن ئاخىر كۆڭلىدىكىدەك بوۋاق باققۇچى تاپتى. بۇنىڭ ئارقىسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنىغا ئادەم كەمچىل بولۇشتەك رېئال قىيىنچىلىق بار.
ئالقىشلىق ئويۇنلاردا بېلەت قىس، كەسپىي مۇلازىمەت ئىختىساسلىقلىرى يەنىلا كەمچىل، ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسپىدە يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت... دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، يەنىلا تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئەلا بولماسلىق، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
«ئاغرىق نۇقتا»نىڭ ئارقىسىدا غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچى ۋە پۇرسەت بار.
«مەيلى خەلقئارا جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ قارايلى، ياكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارايلى، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يەنىلا دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، يەنە قېزىشقا بولىدىغان ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچ بار.» گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېن دەنياڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق بىلدۈرگەنىدى.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» «تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا: مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولۇش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ھالقىسىغا كېڭىيىشى ئالغا سىلجىتىلدى −
بېيجىڭ شىجىڭشەندىكى ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەمنى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىدە، 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى مەشىقلەندۈرگۈچى، سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش، ماشىنا ئادەمنى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئۆزئارا ماسلىشىپ، ماشىنا ئادەمنى قايتا - قايتا مەشىقلەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ ئەقىللىق قىلدى.
ئاپپاراتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىنىڭلا كەلگۈسى بەش يىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %12 ئەتراپىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش مۇلازىمەت بازىرى كۆلىمىنىڭ 800 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىقنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى؛ گۇاڭدۇڭ پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، شاڭخەي لىنگاڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى كەسىپلەر باغچە رايونى ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى يېتەكچى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى... مەركەزدىن يەرلىككىچە، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىكى كونكرېت يول ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلەتمەكتە.
تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى −
ھازىر، ھەرقايسى جايلار «15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۇقرالارنى ئىشىك ئالدىدىلا ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدى. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەھەللە مۇلازىمەت كەسپى 10 تىرىليون دەرىجىلىك كۆلەمدىكى ئىستېمال بازىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
مەھەللە گىرەلەشمە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى تېز ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئاقىل ئائىلە مۇلازىمىتى، چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش قاتارلىق يېڭى ھالەتلەر تېز سىڭىشتى؛ «كەنت دەرىجىلىك» ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، سودىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى سىجىل جانلاندى... ھەرقايسى جايلار نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىپ، ياشانغانلار توپى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان مۇلازىمەت ئىنچىكە ئايرىلغان بازارلارنى چوڭقۇر قېزىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2030 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇلازىمەت تىپىدىكى كىشى بېشى ئىستېمال سەۋىيەسى 18 مىڭ يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان بولۇپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %55تىن %60كىچە بولۇشىدىن ئۈمىد بار.
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا خىزمەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، قاتناش، ئائىلە مۇلازىمىتى، توردىكى ئۈن - سىن، ئويۇن قويۇش، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا دائىر مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى
يېقىندا، خېيلۇڭجياڭ خاربىننىڭ نەنگاڭ رايونىدىكى بىر داۋالاش - ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئامبۇلاتورىيەسى بۇ شەھەر بويىچە تۇنجى يېڭى كەسىپ ھالىتى «پەرزەنت كۆرۈش كىنىشكىسى»گە ئېرىشتى.
سودا ساراي ئىچىگە جايلاشقان بۇ داۋالاش - ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئامبۇلاتورىيەسى ئىلگىرى ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى بىۋاسىتە تەقلىد قىلىپ قوللىنىش مۇمكىن بولماي، «كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقى، كىمنىڭ دېگىنى ھېساب ئىكەنلىكى، قانداق ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈشنى بىلمىگەچكە»، كارخانا تىجارەت ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىدا توختاپ قالغانىدى.
خاربىن شەھىرى يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتى مېخانىزمىنى تېز يولغا قويدى، شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك تىجارەت - سودا، سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى چوڭقۇر كېڭىشىپ، تولۇق دەلىللەپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل 3 - ئايدا، بۇ كارخانا ئامبۇلاتورىيەنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتىغا ئوڭۇشلۇق ئېرىشتى.
ھازىر، مەركەزدىن يەرلىككىچە، مۇلازىمەت كەسپى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالاش قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى ئىجازەت چەكلىمىسى كەڭ قويۇۋېتىلدى؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق ئىچى سېلىنمىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە قارىتا مۇۋاپىق بولمىغان ئىجازەت چەكلىمىسى تۈگىتىلدى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 شەھەر ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى ھالىتى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرماقتا، تۇنجى تۈركۈمدە 8 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك مالىيە مەدىتى مەبلىغى ئاجرىتىلدى... بىر قاتار سىياسەتلەر زىچ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ئەمەلىي مەبلەغ ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى.
بېيجىڭدا ئويۇن قويۇش، كۆڭۈل ئېچىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلدى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى «بىر كەسىپتە بىر كىنىشكا بولۇش» ئىسلاھاتى ئارقا - ئارقىدىن خەندەندە نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، خېفېي دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا پۈتۈن بوشلۇق ئادەمسىز سىستېما قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى... نۇرغۇن جايلار مۇلازىمەت كەسپىنى تۇتقا قىلىپ ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد يېڭى قۇۋۋىتى بەرپا قىلدى.
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ھەم ئىچكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، ھەم تاشقى كۈچتىن پايدىلىنىش كېرەك.
گۇاڭدۇڭ يېقىندا 2 - تۈركۈمدىكى چېگرادىن كىرىش ساياھىتى سەرخىل لىنىيەلىرىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، ئادىمىيەت، ئېكولوگىيە، دېڭىز ساھىلى، سىر ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى يۇغۇردى؛ چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىستېمالى بىلەن سودىسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى...
بۈگۈنكى كۈندە، چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ «مەنزىرە كۆرۈش»تىن «مەھسۇلات سېتىۋېلىش، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ھېس قىلىشتىن بەھرىلىنىش»كە ئۆتۈشى غايەت زور بازارنىڭ ئېشىش مىقدارىنى جانلاندۇردى. 2025 - يىلى، جۇڭگوغا چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن، خىراجىتى 130 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. ساياھەت مۇلازىمىتى جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت سودىسىدىكى بىرىنچى چوڭ ساھەگە ئايلىنىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ مۇلازىمەت سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئاشتى.
پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ خۇش ھىدى مەملىكەت سىرتىغا تارالدى، جۇڭگونىڭ ئويۇن چەمبىرىكى مەملىكەت سىرتىدا ئالقىشلاندى، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا زەنجىرى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى... ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى.
يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇشتىكى يەنە بىر ئاچقۇچلۇق كۈچەش نۇقتىسى.
چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى سىجىل ئازايتىش تېلېگراف، ئالاقە تورى، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى؛ مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ - چوڭ كۆرگەزمىلەر يىلمۇيىل ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ مۇلازىمەت كەسپىدە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بويىچە ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى 20گە كېڭەيتىلىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي ۋە شەرقىي شىمالدىكى رايونلارنى قاپلىدى...
دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتنى جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگو مۇلازىمىتىنىڭ «يەلكەن چىقىرىپ ئاتلىنىشى»غا كۈچ قوشۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلەنمەكتە.
ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىيات باھارىنى كۈتۈۋالماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)






