تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«چىڭمىڭدا سىم - سىم يامغۇر ياغدى، جۇخار گۈلى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى؛ باھار مەنزىرىسى گۈزەل تۈسكە كىردى، دەل كىتاب ئوقۇيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى...» 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ كۆلى باغچىسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 20دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى «چىڭمىڭ توغرىسىدىكى شېئىرلاردىن تاللانما»نى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلدى، سەبىي ئاۋازلار ۋە كۆل يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەن مەيىن شامال كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى. بۇ چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى چېچەكلىگەن ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى تار كوچىلارنىڭ ئىچكىرىسىگىچە، شەھەر مەدەنىيەت پونكىتىدىن يېزا - كەنتلەردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىغىچە... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيىتى كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا ئىدى.

كەچقۇرۇن، شىخو شەھىرى جيۇليەنچۈەن باغچىسىدىكى دەرەخ سايىسىدا، تاش ئورۇندۇق يېنىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چۆكۈش شەكلىدىكى كىتاب ئوقۇۋاتقان سىيماسى باغچا مەنزىرىسى بىلەن بىللە، جىمجىت ئەمما كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان باھار مەنزىرىسى ھاسىل قىلغانىدى. 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنى كەچكىچە، «شىخو تەسىراتى . ليۇخۇاغا مۇجەسسەملەنگەن چوڭقۇر مۇھەببەت» ناملىق ئىجادىي ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر بۇ جايدا دەل ۋاقتىدا باشلاندى، بۇ تىياتىردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەسىرلىك مەنزىرىسى جانلىق نامايان قىلىنىپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇشتىكى سەمىمىي ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا «باھار شامىلى سېغىنىشنى ئويغاتتى، بېلىقسىمان پانۇسلار چىڭمىڭنى يورۇتتى» باش تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. بالىلار «كىچىك ھۈنەر - سەنئەت ۋارىسى»غا ئايلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 97 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز قولى بىلەن بېلىقسىمان پانۇسنىڭ رامكىسىنى ياساپ، رەڭلىك قەغەزلەرنى چاپلاپ، قۇتلۇق گۈل نۇسخىلىرىنى سىزىپ، تىنچ - ئامان، ئوڭۇشلۇق بولۇش مەنىسىدىكى بېلىقسىمان پانۇسلارنى ياساپ چىقتى. «پائالىيەت بالىلارنى چىڭمىڭلىق ئۆرپ - ئادەت ۋە بېلىقسىمان پانۇس توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قول سېلىپ ئىشلەش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ شېئىرىي تۈسى ۋە ئىللىق مېھرىنى ھېس قىلدۇردى» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لو يۇڭمېي.

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا «چىڭمىڭ كىتاب ھىدى بىلەن ئوزۇقلاندۇردى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق مەدەنىيەت تومۇرى يەتكۈزۈلدى» چىڭمىڭ بايرىمىلىق مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كۇتۇپخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، جانلىق، قىزىقارلىق سۆزلەر بىلەن چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى خوۋ زەيجېن مۇنداق دېدى: «بۇنداق پائالىيەتلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ھەم بالىلارنى بىلىم ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ھەم ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدۇ، يەنە بالىلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ».

كىتاب ھىدى چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى بىلەن ئۇچراشقاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باھار تۈسى بىلەن ئۇچراشقاندا، شىنجاڭنىڭ چىڭمىڭلىق مەدەنىيىتى ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىق ھەممىگە ماس كېلىدىغان تۈسكە ئىگە بولدى.

چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىش ۋاسىتە، مەدەنىيەت باش تېما قىلىندى − چىڭمىڭ مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى قاتارلىق باھاردىكى كاتتا مەنزىرىلەرگە تايىنىپ، باھار سەيلىسى قىلىپ چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چېچەكنىڭ خۇش ھىدى ۋە سەنئەتنىڭ جەزبدارلىقىدىن ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ دەۋر يېڭى مەنىسىنى ھېس قىلدۇردى.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغىچە، چېچەك پەسلى ساياھەت پائالىيەتلىرى تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇلدى. غۇلجا ناھىيەسى 15 - نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پەسلى، كۈنەس ناھىيەسى نارات ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پەسلى، مەكىت ناھىيەسى 12 - نۆۋەتلىك شاپتۇل چېچىكى ساياھەت بايرىمى، خوتەن ۋىلايىتى چېچەك پەسلى ساياھىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر بەس - بەستە باشلاندى.

4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى نەشپۈت كىچىك بازىرىدىكى چوڭ سەھنە ئالدىدا، نەشپۈت چېچەكلىرى قاردەك گۈزەل بولۇپ، ناخشا ساداسى ياڭراپ تۇراتتى. «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ئويۇنى ئارقا - ئارقىدىن قويۇلۇپ، ناخشا - ئۇسسۇل، ئېتۇت، مۇزىكىلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى رىتىمغا ئەگىشىپ چاۋاك چېلىپ ئەگىشىپ ئېيتىشقا جەلپ قىلدى. «نومۇرلار ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، بىز ياقتۇرۇپ كۆردۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل مەمەت كۈلۈمسىرىگەن ھالدا. بايرام مەزگىلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەمئىي 13 تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېمىلىق پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى، توردا ھەمتۈرتكە بولۇشتىن سەنئەت كۆرگەزمىسى، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىشقىچە، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش - سېتىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگىچە، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەدەنىيەت باھار نۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چېچەك پەسلى ساياھىتى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى «كوئېنلۇندا باھار تۈسى . خوتەندە مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلىدى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، لوپ ناھىيەسىدە شاپتۇل چېچىكى، گۇما ناھىيەسىدە ئۆرۈك چېچىكى، كېرىيە ناھىيەسىدە قىزىلگۈل قاتارلىقلاردىن ھۇزۇرلىنىش پائالىيەتلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىق جەمئىي 50 نەچچە تۈرلۈك مەزمۇننى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

چېچەكنىڭ خۇش ھىدى سەنئەتنىڭ جەزبدارلىقىغا ھەمراھ بولدى، چىڭمىڭنىڭ مەنىسى تېخىمۇ بېيىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، مەدەنىيەتنىڭ خۇش ھىدى چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر - بىرىنى جۇلالاندۇردى؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ھېس قىلىش جەريانىدا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دوستلۇق مېھرى باھار سەيلىسى ۋە خۇشال ناخشا سادالىرى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.