شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تىيانشان ئايروپورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار 149 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.27 ئاشقان، چېگرادىن كىرگەن - چىققان يۈك تىرانسپورت مىقدارى 14 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.7 ئېشىپ، يولۇچى، يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا تەڭ ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان.
يولۇچى تىرانسپورتى جەھەتتە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئۈرۈمچى تىيانشان ئايروپورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان چېگرادىن كىرگەن - چىققان يولۇچىلار تىرانسپورتى نۆۋەتچى ئايروپىلانى 1225 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.33 ئاشتى. چېگرادىن كىرگەن - چىققان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا قارىتا، ئۈرۈمچى تىيانشان ئايروپورتى تاموژنىسى «ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» بىلەن «ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يولنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئوتتۇرىچە ۋاقتىنى كۈچەپ قىسقارتىپ، يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەسىراتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
يۈك تىرانسپورتى جەھەتتە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئۈرۈمچى تىيانشان ئايروپورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان چېگرادىن كىرگەن - چىققان تىرانسپورت قورالى قىلىنغان ئايروپىلان 1922 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.6 ئاشتى. نۆۋەتتە، تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 30ى ئېچىلىپ، 22 دۆلەت، 30 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان، ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زامانىۋىلاشقان ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى شەكىللەندى.
ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ زىچلىشىشى تىرانسپورت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاز مىقداردىكى يۇقىرى چاستوتىلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى ھەم شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ۋاقىتچانلىقى يۇقىرى ماللارنى توشۇش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئېكسپورت ماللىرى قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆسۈپ، كىيىم - كېچەك، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياج تەكشى، مۇقىم بولۇپ، يۈك تىرانسپورت ئاساسىي ھالىتى مۇستەھكەملەندى؛ ماشىنا - ئۈسكۈنە، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرىدا ئېھتىياج تېز ئېشىپ، ئېشىشنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندى.
ئۈرۈمچى تىيانشان ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىڭيى مۇنداق بىلدۈردى: سىجىل تۈردە دىققەتنى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تىجارىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «24 × 7 سائەتلىك ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدىن بىۋاسىتە مال ئېلىش» قاتارلىق قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماللارنى «پورتقا كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بولغان ھامان ئۆتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھاۋا ئەشيا ئوبوروتى ئالتۇن يولى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، دىققەتنى كۆپ خىللاشقان سودا كەسىپ ھالىتى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.






