− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى. كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش - مۇھاكىمە قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش فىلىملىرىنى كۆرۈش... مول ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭىشى، چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.
ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىپايان ئېتىزلار ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مەنزىرىگە تولدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە گۇرۇپپىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، دىققەتنى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى دىققەتنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پاختا سۈپىتىنى ياخشىلاش، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، دېھقانلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «تېخنىكا بوغچىسى» «مۇلازىمەت بوغچىسى»نى دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورمان - ئوتلاق بويىچە ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ كۆزلەپ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنى ئاساسلىق مەسىلە تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش - نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام ئورمان - ئوتلاق مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى يۇغۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقتى. مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، سىردىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تۈرگە ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قاراش، قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ باشقۇرۇش - ئاسراشقا سەل قاراش، قىسقا مەزگىلگە ئەھمىيەت بېرىپ ئۇزاق ئۈنۈمگە سەل قاراش قاتارلىق جەھەتتىكى ئېغىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى دەل جايىدا رەتلەپ، مەنبە ۋە تۈگۈننى چوڭقۇر قازدى. نۆۋەتتە، مەسىلە تىزىملىكى ئورنىتىپ، تۈزىتىش تەدبىرى، مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئورمان - ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە. ھازىر، شىنجاڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يۇقىرى سۈپەتتە تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، يادرولۇق تەلەپ ۋە بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىش، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يۈكسەلدۈرۈش، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەنتەربىيە جەھەتتىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
ئاياللار ۋە بالىلارغا رىشتە باغلاپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى پۇرسەت بىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزى تۈزىتىپ، دىققەتنى ئاياللار، بالىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تىزىملىكلەشكەن يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزىگە، مەسئۇلىيىتىگە، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى «بەش تۈرلۈك ھەرىكەت» «ئالتە ئەمەلىي ئىش» قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش ئارقىلىق خىزمەتلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلار ھېس قىلالايدىغان ۋە مەنپەئەتلىنەلەيدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇردى.
مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شۇ جايغا بەخت ياراتتى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى ئەمەلىي تۇتۇشنى تەكىتلەپ، دىققەتنى «يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى نۇقتىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سەككىز جەھەتتىكى تۈزىتىش تەدبىرىنى تۈزۈپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن 418 مىليون يۈەن مالىيە كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەبلەغنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ۋىلايەت كۆزىتىپ - تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئارقىلىق تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەمەلىي ئىشلەش نەتىجىسى ئارقىلىق توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە تىرەك نۇقتىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەردە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈزىتىش، تۈزەش جەريانىدا جاھىل ئۆسمىنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ، كىچىك دائىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك تۈزەش، مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، تېز قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.






