تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (3)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ يۈ

خەۋپسىزلىك − تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات − خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. خەۋپسىزلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم تىرىكى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئارقىلىق تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ مۇھىم باياندا مەۋقە «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

«14 - بەش يىل»نى ئەسلەپ ئۆتسەك، دۆلىتىمىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىك قەرز، ئوتتۇرا - كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ - خەتەرنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ تۈگىتىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە، تور سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» خەۋپ - خەتىرى ۋە خىرىسلىرىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەۋپسىزلىك بىلەن تەرەققىيات بىر تەندىكى ئىككى قانات، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قوش چاق. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى پائال، پۇختا تۈگىتىش كېرەك» «خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك».

يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك بولمىسا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ.

508.9 كىلوگىرام − 2025 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان 400 كىلوگىراملىق بىخەتەرلىك سىزىقىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا تەمىنلەش مول، بازار مۇقىم، زاپاس يېتەرلىك بولۇپ، ئىقتىسادىي ئاساسنى مۇقىم كاپالەتلەندۈردى.

«قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە تەشۋىش بولمايدۇ» «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك، بىزنىڭ تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك» «جۇڭگو ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى بېقىشى كېرەك» «ئەگەر تاماق مەسىلىسىدە <گېلىمىز بوغۇلسا> ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرايمىز»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىنتايىن ۋەزىنلىك.

ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كۈچەيتىش... «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۇلىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى پۇختا زىممىگە ئېلىشتىن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقىچە، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىچە... مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى - تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە مۇداپىئە كۈچلىرىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى سىڭدۈردى. بۇ، ھەم ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنىڭ بىخەتەرلىك ئۇلىنى پۇختىلىدى، ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، ياخشى تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر بولمىسا خەۋپ - خەتەر، خىرىسنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش تەسكە توختايدۇ.

2025 - يىلى 5 - ئايدا، ئىچكى موڭغۇل يېزا سودا بانكىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، 121 يېزا ئامانەت - قەرز ئاپپاراتى ھەم كەنت - بازار بانكىسىنى بىر قېتىمدىلا بىرىكتۈرۈپ، ئىلگىرىكى يەككە ئاپپاراتلارنىڭ «كىچىك، تارقاق، ئاجىز» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، نۇرغۇن جايدىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھات ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى، بۇنىڭ ئارقىسىدا نۇقتىلىق رايونلارنىڭ «بىر ئۆلكىگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ شەكىللەندۈرگەن ئىسلاھ قىلىپ خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش لايىھەسى بار بولۇپ، بۇ، قوشۇۋېتىش - قايتا تەشكىللەش، توردا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بازاردىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئارقىلىق پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.

پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جەھەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش «ئۆتكۈر چىش ۋە تىكەن» بولۇپ، ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى؛ مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، «كىمنىڭ بالىسى بولسا ئۆزى كۆتۈرۈش»نى تەكىتلىدى؛ «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئالدى ئۇچنى تۇتۇپ»، خەۋپ - خەتەرنى بالدۇر پەرق ئېتىش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر ئاشكارىلاش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا تۈگىتىش» فاڭجېنىنى يېتەكچى قىلىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت، تېز بولۇش بىلەن مۇقىم بولۇش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تۈگىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ جۈپ مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئازىيىشىغا تۈرتكە بولدى.

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ سانى ۋە قەرز كۆلىمى 2023 - يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن بىردەك %70تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى؛ خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى چوققا قىممەتتىكىدىن يېرىمى تۆۋەنلىدى؛ ئۆي - زېمىن پۇل مۇئامىلىسىنى ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى...

نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر سىجىل ئازايتىلدى، ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى پۇختا ئايلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىچكى ئەۋرىشىملىكىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى.

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلى، ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش بولمىسا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش تەسكە توختايدۇ.

ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتتى، كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن كونا مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلار ھېلىھەم ئاز ئەمەس.

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئۆز ئەمەلىي كۈچىمىز ۋە تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ.

تىنچ مۇھىتتا يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئويلىنىش، ئىدارە قىلىش مۇقىم چاغدا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان مالىمانچىلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ زور سىنىقىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز شەرت.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش» «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلارنىڭ بىرى دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئىككىنى «تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇستەھكەم تىرەك، ھەم تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم توسۇق.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەۋقەنى ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن تەڭ پىلانلاپ، تەڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش.

ھەم تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە»نى ياخشى تۇتۇپ، ھەم خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلغاندىلا، ئاندىن تاشقى بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

كىرىزىس داۋامىدا پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش.

يېڭى دەۋردىكى ھەيۋەتلىك مۇساپىدە، «15 - بەش يىل»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىك ئۇلىنى پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.