تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەم ئېلىش كۈنى ئىستېمالى باھاردا «ئۆسۈپ يېتىلدى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سو رۇڭجى، خېي خۇڭۋېي

چىڭمىڭ ئەجدادلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام، شۇنداقلا بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولىدىغان باھارنىڭ مۇقەددىمىسى.

بۇ يىل چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر دانىشمەنلەرنى ياد ئېتىش بىلەن بىللە، بەس - بەستە باھار سەيلىسى قىلىپ، تەبىئەتكە قۇچاق ئېچىپ، مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن خۇشال - خۇرام بەھرىلىنىپ، «تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش + باھار سەيلىسى + ھېس قىلىش»تىن ئىبارەت كۆپ خىل ئىستېمال مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. گۈل بازىرىدىكى جۇخارگۈلىنىڭ خۇش پۇراق تارقىتىشىدىن، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولۇشىغىچە، يەنە مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قولدا ياساشقىچە... ئىستېمال باھاردا جۇش ئۇرۇپ «ئۆسۈپ يېتىلىپ»، باھار ئىقتىسادى ئۈچۈن چوڭقۇر ئادىمىيەت ئىزاھاتى پۈتتى.

جۇخارگۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى سېغىنىش ھېسسىياتىنى يەتكۈزدى

مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى

4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، چىڭمىڭ بايرىمى. ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ گۈل دۇكانلىرى، گۈل - گىياھ بازارلىرى سېتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. مىڭجۇ گۈل - گىياھ بازىرىدا، سېرىق، ئاق جۇخارگۈللىرى، كاڭنەيشىن، بەيخې گۈلى قاتارلىق رەڭگارەڭ گۈللەر مال جازىسىغا لىق تىزىلغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاشتىكى ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى. مۇخبىرلارنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، بازاردا ئېلېكتىرونلۇق شام، بەخت تىلەش لېنتىسى، پارچىلىنىدىغان تەزىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق مۇھىت قوغدايدىغان تاۋارلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، قەغەز پۇل، ئىسرىق ۋە شام قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەزىيە بۇيۇملىرى ئازايغانىدى.

«بۇ يىل سېرىق، ئاق جۈخار گۈلىنىڭ ھەر دانىسى ئۈچ يۈەندىن بەش يۈەنگىچە، بىرىكمە گۈل سېۋىتى 80 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.» مىڭجۇ گۈل - گىياھ بازىرىدىكى گۈل دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ما لى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، گۈل - گىياھ زاكاز مىقدارى سىجىل ئاشتى، نۇرغۇن كونا خېرىدار چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن بىر ھەپتە بۇرۇنلا زاكاز قىلدى، «نۇرغۇن خېرىدار يەنە ئوراپ قاچىلاشقا سولياۋ ئىشلەتمەي، پارچىلىنىدىغان قەغەز ئىشلىتىشنى ئالايىتەن تاپىلىدى.» ما لىنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئىستېمال ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسكەنلىكى ئىكەن.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى دۇڭشەن ئېكولوگىيە باغچىسىدا، قوللىرىدا گۈل كۆتۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان، قەبرە يوقلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شەھەر ئاھالىسى لى چيەن ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بىر دەستە جۇخار گۈلىنى ئاستا قويدى: «ئانام ھايات ۋاقتىدا گۈلنى ھەممىدىن ياخشى كۆرەتتى، گۈل بىلەن سېغىنىشىمىزنى ئىپادىلىسەك، مۇھىتنى تېخىمۇ قوغدىغىلى بولىدىكەن.»

ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ قوشۇلۇشى ئەنئەنىۋى تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە قەبرە يوقلاشقا يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوشتى. چېڭدۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان 90 - يىللاردا تۇغۇلغان جاڭ شياۋيۆ «جيۇلۇڭ ئېكولوگىيە باغچىسى» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق ۋاكالىتەن تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلدى. «199 يۈەن خەجلەپ خىزمەتچى خادىمنى قەبرە تېشىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش، گۈل تەقدىم قىلىشقا، ئاندىن پۈتۈن جەرياننى سىنغا ئېلىپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئۇسۇل ھەم ئەنئەنىنى ھۆرمەتلەشكە، ھەم ياشلارنىڭ تۇرمۇش رىتىمىغا ماس كېلىدۇ.

چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، دۇڭشەن ئېكولوگىيە باغچىسى توردا تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش، زامان - ماكان خەت ساندۇقى، AI ئارقىلىق كونا سۈرەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۆۋەن كاربونلۇق ياد ئېتىش ئۇسۇللىرىنى يولغا قويدى. بىر دەستە گۈل، قالدۇرۇلغان بىر ئابزاس سۆز، تىنچ كۆڭۈل ئىزھارى − مەدەنىي تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلى بىلەن، كىشىلەرنىڭ چىڭمىڭ بايرىمى ئەسلىمىسىگە سىڭىپ كىردى.

باھار سەيلىسى ئارقىلىق باھارنى ئىزدىدى

تاغ - دەريالار ئارىسىدا گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى

تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاشتىن باشقا، يېقىن ئەتراپتا باھار سەيلىسى قىلىش چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن چىقىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يېرىم سائەت ماڭغاندا، نەنسەن تېغى ئېتىكىگە يېتىپ بېرىپ، ياد ئېتىشتىن ئەركىن نەپەسلىنىشكىچە بولغان بىر قېتىملىق كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى تاماملىغىلى بولىدۇ. «تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش + باھار سەيلىسى» ئىستېمال ئەندىزىسى باھار ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى.

بۇ يىل ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تەتىلى بىلەن چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى گىرەلىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇردى. شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تەتىلدە ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىشتا ئالقىشلانغان مەنزىلگاھلار ئىچىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئاتا - ئانىلار ياقتۇرىدىغان، ئاتا -ئانىلار ۋە بالىلار ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى. تۇڭچېڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېڭدۇ - ئۈرۈمچى، خاڭجوۋ - ئۈرۈمچى قاتارلىق ئالقىشلانغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە زاكاز قىلىش قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %32 ۋە %27 ئاشقان.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى باھار سەيلىسى قىلىدىغانلار ئالدىن تاللايدىغان جاي بولۇپ قالدى. تىيانشان چوڭ جىلغىسى، غەربىي بەيياڭگۇ، مياۋئېرگۇ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم باھا بويىچە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى، بۇ، باھاردا سەيلە - ساياھەت قىلىش، دالىدا پىيادە مېڭىش، ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار كۆڭۈل ئېچىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق باھار كۈنلىرىگە خاس تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلار، دېھقانلار ئارامگاھلىرىمۇ خېرىدارلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. شۈيشىگۇ بازىرىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ مەسئۇلى لى جۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ياتاقلىرىمىز توشۇپ كەتتى، «مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلە بويىچە كېلىپ، كۈندۈزى باھار سەيلىسى قىلدى، ساۋمېي ئۈزدى، كەچتە قونۇپ دېھقانلار تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ تىجارەت سوممىسى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، نۇرغۇن مېھمانلار يەنە ساۋمېي ئۈزۈش، كاۋاپ پىشۇرۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى زاكاز قىلدى.»

بۇ «باھار سەيلىسى قىزغىنلىقى» شەھەر سودا چەمبىرىكىدىمۇ ئىپادىلەندى. بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ «چىڭمىڭدا باھار سەيلىسى قىلىش» ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تەتىل قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سودا چەمبىرىكى، پىيادىلەر كوچىسىنى باھار پەسلىدە چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىش، دالا تەنھەرىكىتى، بايراملىق يىغىلىش قاتارلىق ئىستېمال مەنزىرىسى بەرپا قىلىشقا تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك ماللار، تەنتەربىيە بۇيۇملىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال مەنزىرىسى بەرپا قىلىپ، سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلارنىڭ دالا بۇيۇملىرى مەخسۇس پوكىيىدە، چېدىر، دالا تامىقى سېلىنچىسى، قاتلىنىدىغان ئورۇندۇق، تاغقا چىقىش ئايىغى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش جابدۇقلىرى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «دەم ئېلىش مەزگىلىدە دوستلىرىم بىلەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ دالا تامىقى يېمەكچى بولۇپ، ئالايىتەن بىر يۈرۈش جابدۇق سېتىۋالغىلى كەلدىم.» ئۈرۈمچى خۇيجيا دەۋر مەيدانى جۇڭسەن يولى دۇكىنىدا، شەھەر ئاھالىسى چېن شى دالا تامىقى سېلىنچىسى تاللىغاچ مۇنداق دېدى: سودا ساراي يولغا قويغان دالا يۈرۈشلۈك جابدۇقلىرىنىڭ ئىقتىدار - باھا نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ياشلارنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىن باشقا، كورلا، تۇرپان، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرمۇ زور بىر تۈركۈم قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. نەشپۈت چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، ساۋمېي ئۈزۈش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى كەنتىنى ئايلىنىش − قولايلىق قاتناش بىلەن مول تەسىرات قوشۇلۇپ، ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت لىنىيەسىنى دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. مافېڭۋو ساياھەت تورى «2026 - يىللىق جۇڭگو مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى تەسىراتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنى كېسىپ ئۆتۈش شىنجاڭنىڭ خاس ھېس قىلىش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.

بۇ چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر تاغ - دەريالار ئارىسىدا باھار سەيلىسى قىلغاچ ئىستېمال يېڭى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ئورتاق گۈللەندى

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بازىرىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىسى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. مەدەنىيەت تەسىراتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى... بۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى پەقەت «ئايلىنىش - كۆرۈش» بار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى «كۆڭۈل ئېچىش، ئۆگىنىش، سېتىۋېلىش بار بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

4 - ئاينىڭ 4 - ، 5 - كۈنلىرى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋەنكې تىيانشان مەيدانى، CCMALL دەۋر مەيدانى، ۋۇيۆ مەيدانى قاتارلىق شەھەر سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، كۆپلىگەن سودا ساراينىڭ «باھار»غا مۇناسىۋەتلىك باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بايقىدى. مىدۇڭ رايونىدىكى ۋۇيۆ مەيدانىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەشتىچىلىك، تۇخۇم ئويمىچىلىقى، گۈل چىقىرىلغان موما قاتارلىقلار مەركەزلىك نامايان قىلىندى، بۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنى سودا سارايلارنى ئايلىنىش، ئىستىراھەت، مال سېتىۋېلىش بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۆكۈش شەكلىدە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ «ئەتىۋارى»غا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتىياز پەسىللىك تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش لىنىيەسىدىن 272 نى، خاس پائالىيەت تۈرىدىن 28 نى ئېلان قىلدى، بۇ، قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلىش، ئېكولوگىيە بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، يىپەك يولىدىكى قەدىمكى ئىزلارنى ئىزدەش قاتارلىق باش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنىڭ قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھىغا ئايلىنىپ، بالىلارنى سەيلە قىلىش داۋامىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ سەنداۋبا بازىرى ميەنچاۋ يېمەكلىك ھۈنەرخانىسىدا، 84 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خۇابوبو تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش دەرسخانىسىغا كىرىپ، بىر تال ئۇرۇقنىڭ ھېكايىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خۇابوبونىڭ تارىخى ۋە ئۇنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئىگىلىدى. مىدۇڭ رايونىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى «گۈل چىقىرىلغان موما ياساش ھۈنەر - سەنئىتى»نىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جياڭ ئەيخۇانىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلار خېمىر يۇغۇرۇپ، شەكىل چىقىرىپ، خۇابوبو ياسىدى. «خۇابوبو يېيىشلىك ئۇن تامىقى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بەخت تىلەش ۋە يۇرت سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەن.» جياڭ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، بالىلارنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى كۆرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرى ۋۇبەيلى . ئۆرپ - ئادەت كوچىسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدا «بىزنىڭ بايرىمىمىز . چىڭمىڭ» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى ھەم «شېئىرىي تۈسكە تولغان چىڭمىڭ، تاغ - دەريالارغا مەدھىيە» مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بويىچە ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قازاق مىللىتىنىڭ كەشتىچىلىك، قەدىمكى تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار نەق مەيداندا نومۇر كۆرسىتىپ، ساياھەتچىلەرنى يەلپۈگۈچكە ھۆسنخەت يېزىش - رەسىم سىزىش، خۇش پۇراق خالتا ياساش قاتارلىقلارنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىپ، بارماق ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ساپ ھاۋا، گۈزەل مەنزىرە، باھاردا ھەممە جاي ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى. بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر مەۋسۇمنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ، «ساياھەت قىلىپ باھارنى ئىزدەپ شەھەردىن چىقىش» گۈزەل ئىنتىلىشىنى داۋاملاشتۇردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەممە جاي باھار مەنزىرىسىگە چۆمدى، ھەممە جايدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.