تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىپايان زېمىنغا گۈزەللىك قوشۇش

− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باھارنى قەدىرلەپ يېڭى يېشىللىق بەرپا قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەدىن ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، شۇنداقلا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئورتاق بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن جەمئىيەتنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، بىپايان زېمىنغا گۈزەللىك قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى غەربىي قىسىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا قىلىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتى ئارقىلىق يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىپايان تۇپراققا يېشىللىق ئۈمىدى چاچتى، ئومۇمىي خەلق يېشىللىق بەرپا قىلىدىغان، يېشىللىقنى ئىلمىي قوغدايدىغان، تەڭ كۈچ چىقىرىپ يېشىللىقنى گۈللەندۈرىدىغان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولدى.

بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىش

يېشىللىق بەرپا قىلىش «يىغىلىش سىگنالى»نى ياڭرىتىش

«بىز باھارنى بۇيرۇق دەپ بىلىپ، يېشىللىققا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.» 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شايار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە 2026 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك خالىسانە كۆچەت تىكىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئوسمان تالىپ جاراڭلىق ئاۋازدا شۇنداق سەپەرۋەرلىك قىلدى. شۇ كۈنى، بۇ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىرلىكتە گۈرجەك بىلەن توپا قېزىپ، ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

3 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەتىياز پەسىللىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ئورمان بىنا قىلىش نىشانىنى ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە تەقسىملىدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى، كارخانا، ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقاردى، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە قاتناشتى، ئومۇمىي خەلق قاتناشقان يېشىللىق بەرپا قىلىش ھەرىكىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن قانات يايدۇردى.

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى ئەتىياز پەسىللىك ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، 4225.8 مو سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش يادرولۇق ۋەزىپىسىنى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئاساسىي رېڭىنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا تېخنىك خادىملار يەر تۈزلەش، ئورەك كولاش، كۆچەت تىكىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكا ئۆلچىمىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورمان بىنا قىلىشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەن ۋىلايىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بۇ جاي بالدۇر پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردە ئەتىياز پەسىللىك ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، 11 ئۆلچەملەشكەن خالىسانە كۆچەت تىكىش بازىسىدا ماس قەدەمدە ئىش باشلىدى، 110 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، ياش پىدائىيلار، ئايال پىدائىيلار ئورمان بىنا قىلىش نەق مەيدانىغا يىغىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئەتىياز پەسىللىك يېشىللىق بەرپا قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى. بۇ جاي «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئورمىنى» «ياشلار ئورمىنى» «ئاياللار ئورمىنى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى» قاتارلىق باش تېمىلىق ئورماننى ئىجادىي بەرپا قىلدى، 144 ئورۇن نۇقتا بەلگىلەپ ھۆددە ئېلىپ، ئورمان بىنا قىلىش مەسئۇلىيەت رايونىنى قوبۇل قىلىپ ئايدىڭلاشتۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاممىنى ئورمان بىنا قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، «يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى سۆيۈش، يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئېكولوگىيە ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى. كۆچەت تىكىش بايرىمى كۈنىلا، خوتەن ۋىلايىتى 1 مىليون 500 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق جىگدە، توغراق، سۆكسۆك قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكىپ، 8000 مودىن ئارتۇق كۆلەمدە ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملاپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ يېشىل ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق نېفىت - تەبىئىي گاز كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرىدا قاتار - قاتار مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنى تىكىپ، ھەم ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى، ھەم خاس باغ - ئورمان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2 مىليون 85 مىڭ 800 مو قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قۇملۇقنى قاشالاش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سىجىل «گىرۋەك دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى كۆپەيتىش»نى پىلانلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە 10 مىليون مو يەرنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، پۈتۈن يىلدا 1 مىليون مو ئورمان بىنا قىلىشنى پىلانلىغان. ئەتىياز پەسىللىك كۆچەت تىكىش 3 - ئاينىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك باشلانغان، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا 4 - ئايدا ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش

يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش

شىنجاڭ غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونغا جايلاشقان، سۇ بايلىقى كەمچىل، ئېكولوگىيە - مۇھىتى ئاجىز بولغاچقا، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش تەبىئىي شارائىتنىڭ كۆپ خىل سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدە، ھەرقايسى جايلار يىرىك ئورمان بىنا قىلىش ئەندىزىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، «سۇغا قاراپ ئورماننى بېكىتىش، سۇغا قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىش، مۇۋاپىق يەرگە مۇۋاپىق كۆچەت تىكىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئورمان بىنا قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، «بىر پارچە يەردە كۆچەت تىكىش، بىر پارچە يەردە ئەي قىلىش، بىر پارچە يەردە ئورمان بىنا قىلىش، بىر پارچە يەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر تۈپ كۆچەتنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان كۆچەت تىكىش ماشىنىلىرى ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، دەل جايىدا ئورۇن بېكىتىش، قېلىپلاشتۇرۇپ ئورەك كولاش، يۇقىرى ئۈنۈمدە كۆچەت تىكىش ئارقىلىق بەش سېكۇنتتىلا بىر تۈپ كۆچەت تىكىش ئىش تەرتىپىنى تاماملىغىلى بولاتتى، ماشىنىدا تىكىلگەن كۈندىلىك كۆچەت مىقدارى 13 مىڭ تۈپكە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ جاي ماشىنىدا تىكىشنى سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كۆچەت تىككەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۇغىرىش، دەل جايىدا سۇ تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 23 مىليون 670 مىڭ يۈەن بولغان ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىدە، ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، تېمىتىپ سۇغىرىپ سۇ ساقلاش، كۆچەتنى تولۇقلاپ تىكىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسى ئىلمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا، تار ئورمان بەلبېغى، كىچىك دائىرىلىك ئورمان بىنا قىلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش، پۈركۈپ سۇغىرىش قاتارلىق سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن سۇ تېجەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ لوپنۇر ناھىيەسى قۇملۇق گىرۋىكىدە ئورمان بىنا قىلىشتا، «سۆكسۆك + توشقانزەدىكى» كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ھەم قۇملۇقنى كۆكەرتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەم ئاممىنىڭ قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئورمان بىنا قىلىشنى ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈگۈنگە ئايلاندۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يەنە «ئۆستۈرۈش − پەرۋىش قىلىش - ئاسراش − تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش − مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورمان بىنا قىلىنغان يەرلەرنى ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پەرۋىش قىلىش - ئاسراشقا مەسئۇل كىشى، پەرۋىش قىلىش - ئاسراش مۇددىتى ۋە پەرۋىش قىلىش - ئاسراش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىنا قىلىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر پارچە يېڭى يېشىللىقنى شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم توسۇققا ئايلاندۇردى.

ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش

يېشىل تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆچەت تىكىش بىلەن پەرۋىش قىلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئېكولوگىيە بىلەن كەسىپنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئېكولوگىيەنى قوغداش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش داۋامىدا ئېكولوگىيە پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلار كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى خاس باغ - ئورمان كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئىھاتە ئورمىنى، ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، زور كۈچ بىلەن مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى تىكىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئورمىنىنى «بېيىش ئورمىنى»غا ئايلاندۇردى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، دېھقان ئائىلىلىرى قىزىلگۈل ئېتىزىدا چىڭگىل، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كارخانىلار «پىستە + قىزىلگۈل»نى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇت رايونى قۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ خىل «دەرەخ بىلەن چاتقالنى بىرلەشتۈرۈش، ئورمان بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش» ئەندىزىسى ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، سېرىق قۇمنى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇردى.

«ئائىلىمىز 105 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددىگە ئالدى، بۇ يىل قىزىلگۈل ئېتىزىدا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرىمىز. سۇغىرىش، ئوغۇتلاشتىن تارتىپ يەر تۈزلەش، سولياۋ يوپۇق يېپىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانغا مەخسۇس ئادەم يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھەم قۇم تىزگىنلەپ يېشىللىقنى قوغدىغىلى، ھەم كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدىكى ياخشى تۇرمۇشقا بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تولۇق» دېدى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى بايراق كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇراخمان ئىدىرىس.

بۇ يىل، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ھەم تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ بىنا قىلىش ئومۇمىي كۆلىمى 6895.17 موغا يەتتى، بۇ جاي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، يېشىل بولۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن 1000 مو مېۋىلىك باغ كۆپەيتىپ، بادام، ئالمىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك باغ - ئورمان سورتىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىدى. 2025 - يىلى، كەلپىن ناھىيەسى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن باغ - ئورمان بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىن 15نى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى تارقاق ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باغ - ئورمان كەسپىنىڭ ئۆلچەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، كۆلەملىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەدە يېشىللىقنى ئاشۇرۇش، كەسىپتە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ جەھەتتىن پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىز ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىلەن باغ - ئورمان كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ يېشىللىققا ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز» دېدى كەلپىن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەمەتجان راخمان.

بىپايان قۇملۇقتا باھار شامىلى چىقىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېشىللىق بەرپا قىلىش دولقۇنى سىجىل كۆتۈرۈلدى. قۇم تىزگىنلەش تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، يېشىل توسۇقلار داۋاملىق ئۇزارتىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەمەلىي ئىشلەش، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئېكولوگىيە گۈللىرىنى سۇغىرىپ، ماكانىنى قوغداش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان قۇۋۋەت قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.