تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئەڭ يېڭى دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى! ئۇدا بەش كۈن، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ

ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش ئاياغلاشتى

خىزمەت ئەندىزىسى باشلاندى

لېكىن

يەنە 18 كۈن ئىشلەپلا

يەنە ئۇزاق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋالىمىز

   گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «2026-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە)دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (سەيشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى(شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە چىقماقچى بولغان دوستلار دىققەت قىلىڭلار

ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش ھەقسىز بولىدۇ

   گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىقنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (گ ت [2012] 37-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان ئاپتوموبىلار قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

   يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىل

   ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان موتسىكلىت

يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان ۋاقىت قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

   ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

   يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش

   ئادەم كۈچى ئارقىلىق يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنىدىغان يولدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىققاندا، ETC ئاپتوموبىل يولى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چۈشۈشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. ھەرقايسى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى، بولۇپمۇ ETC كەسپىنى بېجىرگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئامال بار ئوخشاش تىپتىكى ئاپتوموبىل يولىنى تاللىشىنى (يەنى قايسى يولدىن چىققان بولسا شۇ يولدىن چۈشۈشى كېرەك)، بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.