تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

بۇ ئون خىل يېمەكلىكنى يېسەم سەمرىپ كېتىمەن دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە ساغلام بولۇپلا قالماي، يەنە ئورۇقلىيالايمىز! ئەڭ ئاخىرقىسىنى سىز راستىنلا ئويلاپ باقمىغان

   ئورۇقلاش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشى ھەر كۈنى سۇدا پىشۇرۇلغان كۆكتات يەيدۇ، نەتىجىدە ئورۇقلىغانسېرى ئاچكۆز بولۇپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىلمىي ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچى يېمەسلىك ئەمەس، بەلكى توغرا تاللاش، توغرا يېيىشتۇر. بەزى يېمەكلىكلەر قارىماققا «ئىسسىقلىق بومبىسى»دەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاشنىڭ «ياخشى ياردەمچىسى»دۇر. خاتا چۈشىنىلگەن بۇ ئون خىل «ئورۇقلاش دوستى تىپى»دىكى يېمەكلىك سىزنى تويغۇدەك يېيىش، ياخشى ئورۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

1. پىشلاق-تولۇق قايماقلىق سۈت

  نۇرغۇن كىشى ئورۇقلىغاندا ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تاللايدۇ، تولۇق قايماقلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا سەمرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس.

   ئورۇقلاشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تويۇنۇش تۇيغۇسىنىڭ مۇقىم بولۇشى «ياغ مىقدارى تۆۋەن» بولۇشنى تاللاشتىنمۇ مۇھىم. سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىزنى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ياغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئالدىنقىسى ئاشقازاننىڭ قۇرۇقلۇقىنى كېچىكتۈرۈپ، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ؛ كېيىنكىسى «تويۇنۇش» تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى مول كالىتسىي سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   سۈت: كۈنىگە 500~300 مىللىلىتىر، تەخمىنەن 2 قاپ.

   پىشلاق:  كۈنىگە 50~30 گىرام (تەخمىنەن 3-2 تال)، ئەسلىي ياسالغان پىشلاقنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

2. قاتتىق پوستلۇق مېۋە

   ياڭاق، ياۋگو، ئۆرۈك مېغىزى، خاسىڭ...بۇ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ھەر 100 گىرامىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئادەتتە 600~500 كىلوكالورىيە بولىدۇ، گەرچە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ياغلىق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنە يۇقىرى ئاقسىل، يۇقىرى تاماق تالاسى بار بولۇپ، قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى يۇتۇشتىن بۇرۇن كۆپ قېتىم چايناشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇنداق چايناش ھەرىكىتى بەدەندىكى سىگنال سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ.


   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا يەنە قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. خاسىڭ تەركىبىدە ياغ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام خام خاسىڭ مېغىزىدا 44.3 گىرام ياغ بار. بۇ «ياخشى ياغ»لار «ناچار خولېستېرىن» سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ياخشى خولېستېرىن» سەۋىيەسىنى ساقلاش، ھەتتا ئۆستۈرۈشكە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   ئەسلىي تەمدىكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى تاللاڭ، شېكەر ۋە تۇزنى سالماڭ، ياغدا پىشۇرماڭ، ھەر كۈنى بىر سىقىم (تەخمىنەن 10 گىرام).

3.  سالمون بېلىقى

  سالمون بېلىقىنىڭ ياغ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرامىدا تەخمىنەن 14~7.8 گىرام ياغ بار. بۇ، ئوكۇن بېلىقى، سېرىق گۈللۈك بېلىق، تاسما بېلىقنىڭكىدىن يۇقىرى. بىراق، سالمون بېلىقىنىڭ ياغ مىقدارى ئاساسلىقى 3-Omega پولى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، سالامەتلىككە پايدىلىق «ياخشى ياغ»قا تەۋە. بولۇپمۇ، تەركىبىدە DHA ۋە EPA مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىدىن باشقا، يەنە ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ياخشىلاپ، ياغ مېتابولىزمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.


   بۇنىڭدىن باشقا، سالمون بېلىقى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى بولۇپ، ھەر 100 گىرامىدا 20~17 گىرام ئاقسىل بار. يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەك تويۇنۇش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ ھەم يېمەكلىكنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتىنى ئاشۇرىدۇ، ئورۇقلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

  «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تاماق كۆرسەتمىسى»دە ھەر ھەپتىدە ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىم ياكى ھەر ھەپتىدە 500~300 گىرام بېلىق يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم سالمون بېلىقى يېيىشنى تاللىسىڭىز، ھەر قېتىمدا ئالقانچىلىك مىقداردا بولسىلا بولىدۇ.

   تەۋسىيە قىلىنغان پىشۇرۇش ئۇسۇلى: ھوردا پىشۇرۇش ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭدىن قالسا ياغنى ئاز قۇيۇپ قورۇپ قاقلاپ پىشۇرسا بولىدۇ.

4. تۇخۇم سېرىقى

  تۇخۇم سېرىقى دائىم ياغلىق يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئورۇقلاپ بەدەن چېنىقتۇرماقچى بولغاندا، پەقەت تۇخۇم ئېقىنىلا يەپ، تۇخۇم سېرىقىنى تاشلىۋېتىدۇ. ئاقسىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ھەقىقەتەن نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ياغ (100/28.2 گىرام) ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى (100/328 كالورىيە) بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسىلنىڭ 282 ھەسسىسى ۋە 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن باشقا نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلەر جەھەتتە، تۇخۇم سېرىقى ئاقسىلغا قارىغاندا كۆپ مول بولىدۇ، مەسىلەن: كالىتسىي، فوسفور، ماگىنىي، تۆمۈر، سېلېن، كاروتىن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D قاتارلىقلار.

   «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە، ھەر كۈنى 50 گىرام تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنغان، بۇ، بىر تۇخۇم (تەخمىنەن 20 گىرام تۇخۇم سېرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا باراۋەر، بىر تۇخۇم سېرىقى تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 66 كىلوكالورىيە بولۇپ، يېرىم ئالمىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىدىنمۇ تۆۋەن.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

  ياغ مىقدارىنى ئازايتىش مەزگىلىدە، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىشتا مەسىلە يوق. ئەگەر قاندىكى ياغ مىقدارى بىنورمال بولسا، ھەر ھەپتىدە بەش تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

   تەۋسىيە قىلىنغان پىشۇرۇش ئۇسۇلى: سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، دۈملەپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى، خېباۋدەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ياغدا قاقلانغان تۇخۇم.

5. نيۇيوۋگو

   نيۇيوۋگو «ئورمان سېرىق يېغى» دەپ ئاتىلىدۇ، ياغ مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 15.3 گىرامغا يېتىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 171 كىلوكالورىيە بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى مېۋىلەردىن خېلىلا يۇقىرى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۈزە، ئالما، شاڭجياۋنىڭ تۆت ھەسسىسى، ئۈچ ھەسسىسى، ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  نيۇيوۋگونىڭ ياغ مىقدارى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىقى تاق تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ئوكتېن كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قاندىكى ياغ مىقدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا نيۇيوۋگونىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇشى ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى، ھەتتا بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   ھەر كۈنى يېرىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك، تەخمىنەن 80 گىرام.

   تەۋسىيە قىلىنغان يېيىش ئۇسۇلى: بىر قىسىم سالات قىيامى، تۇخۇم سېرىقى قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىدا بولكىغا سۈركەپ يېيىش.

6. ئۆردەك تاپىنى

   تۇزلانغان ئۆردەك تاپىنى، توخۇ پۇتىنى نۇرغۇن كىشى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ، ئورۇقلايدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆردەك تاپىنىنى تاللاشنى تېخىمۇ تەۋسىيە قىلىمىز.

   توخۇ پۇتىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆردەك تاپىنىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 گىرام توخۇ پۇتىنىڭ ياغ مىقدارى تەخمىنەن 16.4 گىرام، ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 254 كىلوكالورىيە بولىدۇ. ئۆردەك تاپىنىنىڭ ياغ مىقدارى ئاران 1.9 گىرام، ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 150 كىلوكالورىيە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆردەك تاپىنىنىڭ ئاقسىل تەركىبى 100 گىرامدا 26.9 گىرامغا يىتىدىغان بولۇپ، توخۇ پۇتىنىڭكىدىن سەل يۇقىرى (100 گىرامدا 23.9 گىرام).

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   بىر كۈندە 3~2نى يېسە بولىدۇ.

   تەۋسىيە قىلىنغان پىشۇرۇش ئۇسۇلى: سۇدا دۈملەش، ياغ، شېكەر، تۇز ئاز بولۇش كېرەك.

7. ياڭيۇ

   ياڭيۇ تەركىبىدە كىراخمال مول بولغان ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىك بولۇپ، دائىم سەمرىتىدىغان يېمەكلىك ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياڭيۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى مىفەننىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 گىرام دۈملەنگەن ياڭيۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى دۈملەنگەن مىفەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

   ئەگەر مىفەننىڭ يېرىمىنى ياڭيۇغا ئالماشتۇرساق، پۈتۈن تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە تاماق تالاسى، كالىي، ۋىتامىن C قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياڭيۇنىڭ تويۇنۇش كۆرسەتكۈچى دائىم ئۇچرايدىغان بارلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تويۇنۇش كۆرسەتكۈچى ئاق بولكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئىكەن. تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچەيگەندە، رەسمىي تاماقنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئورۇقلاشقا بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېمەكلىكتىكى قان شېكىرىنىڭ ھاسىل بولۇش كۆرسەتكۈچى (GI)دىن قارىغاندا، ياڭيۇ (پىشقان)نىڭ GI قىممىتى 66 بولۇپ، ھەممىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياكى سەل يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ، دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەر ئازراق يېيىشى كېرەك.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە، ھەر كۈنى 300~200 گىرام دانلىق زىرائەت، 100~50 گىرام ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېرىم تالدىن بىر تالغىچە ياڭيۇنى بىر قىسىم مىفەن، ئۈگرە ياكى ئاق مومانىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدۇ.

   تەۋسىيە قىلىنغان پىشۇرۇش ئۇسۇلى: دۈملەپ پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش ياكى قاقلاپ پىشۇرۇشنىڭ ھەممىسى ماس كېلىدۇ، ياڭيۇ قىيامىنى ئاز تاللاش؛ ئامال بار ياغدا پىشۇرماسلىق، ياڭيۇ قەلەمچىسى قورۇمىسىنى قورۇما ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك.

8. مىفېن

   مىفېننىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى «كاربون سۇ بومبىسى»، لېكىن ئەمەلىيەتتە بىز ئادەتتە يەيدىغان مىفېن، ياڭيۇ ئۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن دوستانە بولغان ئاساسلىق يېمەكلىك تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.

   مىفېننى تەييارلاش جەريانىدا، دائىم ئۇماچلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ قۇرۇتۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، كىراخمال قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، كۆپ مىقداردا تەستە ھەزىم بولىدىغان قارشىلىق كىراخمال ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نورمال ئەھۋالدا مىفېننىڭ قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئۇنىڭ GI قىممىتى كۆپىنچە 55~40 ئارىلىقىدا بولۇپ، تۆۋەن GI ئاساسلىق يېمەكلىكىگە تەۋە. GL قىممىتى (قان شېكىرى يۈكى)مۇ يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ئاساسەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك GL دائىرىسىدە ساقلىنىدۇ.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   قۇرۇق ئېغىرلىقى ھەر ۋاقلىق تاماقتا 60~40 گىرام، پۇشۇرغاندىن كېيىن تەخمىنەن بىر قاچا مىقدارى بولسا مۇۋاپىق.

   تەۋسىيە قىلىنغان ئېتىش ئۇسۇلى: مايسىز شورپىلىق مىفېن، سوغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان مىفېن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش بولۇپ، يېتەرلىك مىقداردىكى كىراخمالسىز كۆكتات ۋە مول ئاقسىلنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: توخۇ تۆش گۆشى، بېلىق، راك، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

9. تاۋۇز

   نۇرغۇن كىشى تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئورۇقلاش مەزگىلىدە يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمىز، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارى ئاران %8 ~ %5 بولۇپ، مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدە ئوتتۇراھال تۆۋەن سەۋىيەگە تەۋە، ئۈزۈم، ئالما، جۈزى، لىجى قاتارلىقلاردىن خېلىلا تۆۋەن.

   تاۋۇزنىڭ %92تىن كۆپرەكى سۇ بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ھەر 100 گىرامىدا ئاران 31 كىلوكالورىيە بار. ئۈچ ئالقان چوڭلۇقتىكى تاۋۇزنى يېگەن تەقدىردىمۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى بىر تال شاڭجياۋغا يەتمىسىمۇ، لېكىن كۆرۈنەرلىك تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىپ، ئىشتىھانى تىزگىنلەشكە پايدىلىق.

   ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئاق قىسمى − تاۋۇز يېشىل پوستى يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش، شۆلگەي چىقىرىپ ئۇسسۇزلۇقنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاماقتىن بۇرۇن تاۋۇز يېگەندە كېيىنكى زىياپەتتىكى ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان شېكىرىنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماق قوشقاندا ھەر قېتىمدا 200 گىرام ئەتراپىدا (تەخمىنەن ئىككى ئالقانغا باراۋەر) يېسە، ئورۇقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

10. قارا شاكىلات

   كاكائو تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان قارا شاكىلات ئورۇقلاشنىڭ «ياخشى ياردەمچىسى» بولالايدۇ. قارا شاكىلاتنىڭ ئورۇقلاش قىممىتى بىزنىڭ ياغنى كۆيدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلىگەنلىكىدە ئەمەس. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قارا شاكىلات تەركىبىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار ۋە كاكائو ئىشقارى ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنتىلىشنى ئازايتىشى مۇمكىن ئىكەن؛ شاكىلات يېيىش ۋە شاكىلات پۇراش ئىشتىھانى تىزگىنلەيدۇ.

   قارا شاكىلاتنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 600 كىلوكالورىيە/100 گىرامدىن يۇقىرى بولۇپ، پەقەت 20 گىرام يېگەن تەقدىردىمۇ 131 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ، يېرىم قاچا ھوردا پىشۇرۇلغان گۈرۈچ تامىقىغا باراۋەر، چوقۇم مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، كاكائو مىقدارى %70تىن يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى تاللاپ يېسە بولىدۇ.

قانداق يېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

   كاكائو تەركىبى %70تىن يۇقىرى بولغان قارا شاكىلاتنى تاللاڭ.

   كۈندە 20~10 گرام (تەخمىنەن 4~3 پارچە)، باشقا قەنت مىقدارى يۇقىرى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىڭ.

​ئورۇقلاشتا يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى بارلىق يېمەكلىكلەرنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوق

ئۇلارنى توغرا ئىستېمال قىلىش

ئەكسىچە ياغنى تېخىمۇ ياخشى ئازايتىشقا پايدىلىق

ئورۇقلاش يولىدا ئۆزىڭىزنى ئاچ قويماڭ

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-قانىلى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.