تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

باشنى كۆتۈرۈپلا گۈل-چېچەكلەرنى كۆرۈش! ئۈرۈمچىنىڭ باھار مەنزىرىسى پات ئارىدا ئېكراننى قاپلايدۇ

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېبېي يولىدىكى شىنتى كوچىسىدا سەيلە قىلماقتا، يول بويىدىكى ياۋا شاپتۇل بەس-بەستە چېچەكلەپ، ھەممە جاي باھار تۈسىگە كىردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار زوۋ يى، خۇ دامىن فوتوسى، خەۋىرى) «شۇنچە كۆپ چېچەك خۇددى كېلىشىۋالغاندەك بىر كېچىدىلا ھەممىسى ئېچىلىپتۇ، دەرھال سۈرەتكە تارتىۋېلىپ كۆپچىلىككە ھەمبەھرىلىدىم» دېدى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى شەھەر ئاھالىسى گو ئەيلىڭ.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل باھار مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر گۈل-چېچەكلەر ئارىسدا سەيلە قىلىپ، گۈل-چېچەكلەرنى تاماشا قىلىپ، گۈل-چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدىدىن زوق ئېلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىپ، باھار مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

  

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خېبېي يولىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ياۋا شاپتۇل چېچىكىنى سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭچۇن جەنۇبىي يولى شەرقىي 3-كوچىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى مىدۇڭ جەنۇبىي يولى بىلەن يۇڭشۇن كوچىسى تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى كىچىك باغدا پورەكلەپ ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى ھەسەل ھەرىلىرىنى جەلپ قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېبېي يولىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ياۋا شاپتۇل چېچىكى دەرىخى ئاستىدا مېڭىپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى خۇالىڭ گۇشۇ شياۋجېن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئەتراپىدا، پورەكلەپ ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى كۆك ئاسمان، ئېگىز بىنالار بىلەن گىرەلىشىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خېبېي يولىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ياۋا شاپتۇل چېچىكىنى سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېبېي يولى شىنتى كوچىسىنىڭ ئىككى چېتىدا ئېچىلغان ياۋا شاپتۇل چېچەكلىرى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.