ئالما بىلەن چاي ھەممە كىشى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان «ئۆمۈرنى ئۇزارتىش بىرىكمىسى» بولۇپ، ئۇلاردا ئوخشاش بىر خىل تەركىب، يەنى فىلاۋونوئىد بار.
لېكىن، پەقەت كۆپ مىقداردا چاينىلا ئىچكەن ياكى ئالمىنىلا كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. چوقۇم ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلىپ، كۆپ خىل فىلاۋونوئىدنى تەڭ قوبۇل قىلغاندا ئاندىن 2 < 1 + 1 ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەسلىدە ئالمىنىڭ كۆپ خىل «سالاھىيىتى» بار ئىكەن
قېرىشقا قارشى تۇرىدىغان ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى: ئالما تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب تېرىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇشىدىكى يوشۇرۇن «قالقان»دۇر؛
ئېغىز بوشلۇقى تازىلىق ئىشچىسى: ئالما چايناش ئېغىز بوشلۇقىنى ھەرىكەت ئىشلەتكەنگە باراۋەر بولۇپ، ئېغىزدىكى كىسلاتا بىلەن ئىشقارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك قالدۇقىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئالمىنى پوستى بىلەن قوشۇپ يېگەندە، چىش بىلەن ئېغىزنى تېخىمۇ چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ؛
شېكەر تىزگىنلەش ماھىرى: تەركىبىدە مېۋە يېلىمى مول، تويۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، شېكەر تەركىبىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئۈچەي يولىنى «تەڭشەش ئۇستىسى» دەپ ئاتايدۇ؛
قاندىكى ياغنى تەڭشىگۈچى: تەركىبىدە كالىي ئېلېمېنتى مول بولۇپ، قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، مېۋە يىلىمى خولېستېرىننى سۈمۈرۈپ، ئۇنى «بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ»، ناچار خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛
كەيپىيات ياخشىلىغۇچى: بېسىم ئېغىرلاشقاندا بىر تال ئالما يېگەندە، پىسخىكىنى تەڭشەيدۇ ھەم ئازادە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
قاينىتىلغان ئالما سۈيى تال ۋە ئاشقازان ساغلاملىقىغا پايدىلىق
قاينىتىلغان ئالما سۈيىدىكى مېۋە يېلىمى «ئۈچەي يولى كىچىك مۇھاپىزەتچىسى»گە ئايلىنىپ، ئىچ سۈرۈشنى يېنىكلىتىدۇ؛ ئۇنىڭغا ھەسەل ياكى نەشپۈت پارچىسى قوشۇپ قايناتقاندا، ئۆپكىنى نەمدەش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ئازراق ئاپلىسىن پوستى ياكى قىزىلگۈل قوشقاندا بەدەندىكى يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، خامۇشلۇقنى تۈگىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: چۈچۈمەل تەملىك ئالما يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار خۇڭفۇشى ئالمىسىنى تاللىسا بولىدۇ، قايناتقاندىن كېيىن تەمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ؛ «خۇاڭ يۇەنشۇەي» قاتارلىق يۇمشاق ئالمىلارنى قايناتقاندا ئاسان ئېزىلىدۇ، بۇ، يۇمشاق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بېيجىڭ ئىلىم-پەن مەركىزى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






