تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

چاپچال: ئۆرۈك چېچەكلىرى خۇددى قاردەك يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنى مەپتۇن قىلدى

   4-ئاينىڭ 2-كۈنى، باھار شامىلى ئۇيسۇن تېغى ئېتىكىنى سىيپاپ ئۆتۈۋاتاتتى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كان يېزىسى ئەنخې كەنتىدە 1000 مو يەردىكى شېخىدا قۇرۇيدىغان ئۆرۈك دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلىگەنىدى. ئۆرۈك چېچەكلىرى خۇددى باھاردا ياغقان ئاپئاق قارغا ئوخشاش ساپ ۋە نەپىس بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. كەنت ئاھالىلىرى بىر-بىرىنى چاقىرىشىپ چېچەكزارلىققا كىرىپ، قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىپ، ئاپپارات كۆزى ئارقىلىق باھاردىكى ئاۋات مەنزىرە ۋە بەختكە تولغان دەملەردىن خاتىرە قالدۇردى.

(ئاپتور: خۇا يەنمىڭ   ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.