تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

   4-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈكزارلىقتا ئۆرۈك چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ھال رەڭ ئاق گۈل دېڭىزى خۇددى شەپەق نۇرىدەك كۈنەس دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تاغ باغرىنى قاپلىغانىدى، ئەمدىلا يېشىللىشىشقا باشلىغان ئوتلاق، ئاپئاق قارلىق تاغلار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئۇلار گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلغاچ، قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، باھاردىكى بۇ رومانتىكىلىقنى نامايان قىلدى.

   ھازىر، ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، بۇ، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر باھار سەيلىسى، چېچەك سەيلىسى قىلىپ، بۇ مەيدان باھاردىكى ئۇچرىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىپ، گۈزەل تاغ-دالىلار بىلەن ئۇچراشتى.

(ئاپتور: تالغار باقېتبەك   ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.