ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ دامىن خەۋەر قىلىدۇ) باھار شامىلى خۇڭسەن مۇنارىنىڭ لەمپە بۇرجەكلىرىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، خەلق باغچىسىدىكى گۈل-گىياھلارنى ئويغىتىپ، پۈتۈن ئۈرۈمچى گۈل-چېچەكلەر بىلەن بېزىلىشكە باشلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) كۆپچىلىكنىڭ باھار كۈنلىرىدىكى ھەربىر مەيدان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم كۆڭۈللۈك «گۈل-چېچەك سەيلىسى سەپىرى»نى ياخشى پىلانلىشى ئۈچۈن، «ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق باغچىلارنىڭ باھار سەيلىسى كۆرسەتمىسى»نى كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ چىقتى. بۇ كۆرسەتمىنى ياخشى ساقلاڭ، بىز رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلەر ئىچىدە بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل باھار مەنزىرىسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقايلى!







