تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

تۇيۇقتا چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 11 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.05 ئاشتى

   4-ئاينىڭ 5-كۈنى، چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ 2-كۈنى، پىچان ناھىيەسى تۇيۇق مەنزىرە رايونى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنىدە مەنزىرە رايونى جەمئىي 11 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.05 ئاشقان. مىڭ يىللىق قەدىمىي كەنت بىلەن ئىللىق باھار مەنزىرىسى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھار سەيلىسى قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ساياھەتچىلەر تۇيۇق مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئادىلە فوتوسى

   ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، يىپەك يولىنىڭ قەدىمىي مەنزىرىسىنى بويلاپ ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. تۇيۇق مەنزىرە رايونىدىكى قەدىمىي كوچىلاردا، كىشىلەر ياكى قەدىمىنى توختىتىپ ئەسلىي ئۇسلۇب، ئەسلىي ھالەتتىكى يەرلىك ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنىڭ قىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندى، ياكى ئېكران ئارقىلىق باھار كۈنلىرى بىلەن قەدىمىي كەنتنىڭ يۇغۇرۇلغان گۈزەل كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردى. مەنزىرە رايونىدا ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىققان، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ھەمراھ بولۇپ سەپەرگە چىققان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، نەق مەيدان تەرتىپلىك، كەيپىيات ئىللىق بولدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى سۈن يەن مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى قەدىمىي كەنتنىڭ قىياپىتى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان مەنزىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى جەلپكار ئىكەن. چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئالايىتەن كېلىپ، ھەم باھار سەيلىسى قىلىپ باھارنى تاماشا قىلدۇق، ھەم خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇق، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم».

ساياھەتچىلەر تۇيۇق مەنزىرە رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كوچىسىدا مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، تاللاپ سېتىۋالدى.

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئادىلە فوتوسى

   تۇيۇق جۇڭگودىكى تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە بولۇپ، ئاساسى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە يەرلىك ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش خاسلىقىغا تايىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كوچىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى، قاپاق سىزمىسى، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تائاملار قاتارلىق تۈرلەرنى توپلىدى ھەم خەلق ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى، ئۆزگىچە بازار قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.

ساياھەتچىلەر «غەربكە ساياھەت» باش تېمىسى NPC بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى.

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئادىلە فوتوسى

   بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەنزىرە رايونى مەدەنىيەت-ساياھەت تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چۆكمە شەكىلدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەمتۈرتكە بولۇش، ئۆزگىچە ئېقىن سۇ زىياپىتى قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە باھار سەيلىسى قىلىش بىلەن بىللە، تۇرپاننىڭ خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. مەنزىرە رايونى تەشكىللىگەن قەدىمىي كەنتنى سەيلە قىلىش پائالىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئېسىل بولدى، «غەربكە ساياھەت» باش تېمىسىدىكى كىيىم كىيگەن NPC ساياھەتچىلەر بىلەن قىزغىن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر قاتنىشىش جەريانىدا قەدىمىي كەنتنىڭ تارىخىي ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

تۇيۇق مەنزىرە رايونى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئادىلە فوتوسى

   ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ ۋارىسى زۇلپىيە ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نامايان قىلىپ، كۆپچىلىككە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى كۆرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

تۇيۇق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئادىلە فوتوسى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇيۇق مەنزىرە رايونى قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەدىمىي كەنتلەرنى قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي يىلتىزىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، مەدەنىيەت پۇرىقىنى داۋاملاشتۇردى. تۇيۇق مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيې مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ماھىيەتلىك مەزمۇن، تېخىمۇ ئىللىق دەم ئېلىش كۈنلىرى مەدەنىيەت-ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ.

(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئادىلە، ئالىيە)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.