تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى − يۇرتىغا قايتقان 40 يىلدا سانى 900دىن ئاشتى

   پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ 66 تال خىروموسۇمى بار بولۇپ، ئۆي ئېتىدىن بىر جۈپى ئارتۇق، ئۇنىڭدا 60 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي گېن ئاتلىسى ساقلىنىپ قالغان، ئۇنى «جانلىقلار گېنىنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى» دېيىشكە بولىدۇ. ياۋا ئاتنىڭ باشقا كەنجى تۈرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى يەر شارىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى ياۋا ئات دەپ بېكىتىلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دۆلىتىمىز پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ دالىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

   40 نەچچە يىلدىن ھالقىغان «ياۋا ئاتنىڭ يۇرتىغا قايتىش» ھەرىكىتى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. 1985-يىلى، دۆلىتىمىز «ياۋا ئاتنى يۇرتىغا قايتۇرۇش» پىلانىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، 24 ياۋا ئاتنى ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ياۋا ئات ماكانىدا ياۋا ئات بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.

   1988-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قوغداش رايونى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭ ياۋا ئېتىنى كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى (ھازىرقى شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات ئورنى) ساغلام تۇغۇلغان تۇنجى تايچاقنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا «جۇڭغار 1-نومۇر» دەپ ئىسىم قويدى.

   دۆلەت ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى چۈشۈرگەن كۆپەيتىش ۋەزىپىسى 2000-يىلىغا بارغاندا 80 تۇياق ياۋا ئات كۆپەيتىش ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغدا كۆپەيتىلگەن ياۋا ئات سانى 100 تۇياققا يەتكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى دالىغا قويۇپ بېرىپ بېقىش شارائىتىنى ھازىرلىغان. 2001-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، 27 ياۋا ئات قاشادىن بۆسۈپ چىقىپ، بىپايان جۇڭغار قۇملۇقىغا قەدەم باسقان. 

   گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا قاتارلىق جايلارمۇ پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى قوغداش ۋە دالىغا قويۇپ بېرىپ بېقىش خىزمىتىگە قاتناشتى. كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، دۆلىتىمىز پەن تەتقىقات خادىملىرى ياۋا ئاتنى قوتاندا بېقىپ كۆپەيتىش، يېرىم تارقاق بېقىش مەشىقى قىلدۇرۇش، يۇمشاق ھالەتتە قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىقىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قوغداش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى تۈر توپىنىڭ سانى 900 تۇياقتىن ئېشىپ، كۆپىيىپ ئەي بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى.   (مۇخبىر لى يانەن، «خەلق گېزىتى»نىڭ 2026-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى 06-نەشرى)

مەنبە: خەلق گېزىتى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.