تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​زامان - ماكان ھالقىغان بىر مەيدان مەنىۋى سۆھبەتكە ئاتلىنىش

قىزىل مەيدان - سارايلارغا كىرىش −

​زامان - ماكان ھالقىغان بىر مەيدان مەنىۋى سۆھبەتكە ئاتلىنىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

چىڭمىڭ مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىزىل مەيدان - سارايلار ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەس - بەستە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقلىرىغا بېرىپ، خاتىرە سارايلارغا كىرىپ، گۈل تەقدىم قىلىش، ئىش ئىزلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، قەسەم سۆزىنى تەكرارلاش قاتارلىق مۇراسىملار ئارقىلىق، ئەجدادلارنى ياد ئېتىش داۋامىدا دۆلەت مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا قارىغاي ۋە ئارچىلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، نەق مەيدان ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. تۆۋەن ئاۋازدىكى «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»غا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، مۇشۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتقان قەھرىمانلارغا، ئىنقىلابىي قۇرغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

«بۈگۈن مەن چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسىدا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلىقى، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزغانلىقىنى چۈشىنىپ، چوڭقۇر ھاياجانلاندىم.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 98 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەن شىرۇي مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ياش - ئۆسمۈر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى 11 مەيدان مەخسۇس خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 350 تۈركۈم قېتىمدىن ئارتۇق كوللېكتىپ، 101 مىڭ ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى.

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى «چۈشەندۈرۈشنى بىر قېتىم كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، بىر گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلىش، قەسەم سۆزىنى بىر قېتىم تەكرارلاش، بىر ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتىش، ياشلىق باھار پىدائىيلار سەپىرى»دىن ئىبارەت بەش چوڭ باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويدى. كۆرگەزمە زالىدا چۈشەندۈرگۈچى بىڭتۇەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىنى تەكرارلىدى، ياش - ئۆسمۈرلەر «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» ناملىق خورنى ئېيتتى، پىدائىيلار چۈشەندۈرۈش، يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىپ، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى پارتىيە ياچېيكىسى 20دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە ياش كادىرنى تەشكىللەپ، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پارتىيە ئەزالىرى ماۋ زېمىننىڭ مىس ھەيكىلىگە سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، گۈل تەقدىم قىلدى، پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىنى تەكرارلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

«بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى شى جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى خىزمىتىمگە سىڭدۈرىمەن.

چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدىن ئىبارەت ئۈچ ساراي ھەمتۈرتكە بولۇپ، «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش - تەزىيە بىلدۈرۈش، تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» تېمىسىدىكى چىڭمىڭلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى، «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» «باھار شامىلى يۇرتنى سىيپاپ ئۆتۈش، ئۇلۇغ كىشىلەرنى چوڭقۇر ئەسلەش» قاتارلىق سەككىز ئاساسىي مەيدان باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى قىزىل مەيدان - سارايلارغا كىرىپ قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىشكە جەلپ قىلدى.

قىزىل مەيدان - سارايلار مەنىۋى ئېگىزلىك، بىز قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ھېكايىسىنى كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان مەشئەلگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئاڭلىق ھالدا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن قىزىربېك.

ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىدا، كىشىلەر لىن زېشۈنىڭ «پەقەت دۆلەتكە پايدىلىق بولسىلا، ھاياتىمنى قۇربان قىلىشقا رازىمەن» دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلىدى؛ كىچىك ئاق تېرەك چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەدەنىيەت خاتىرە سارىيىدا، بالىلار ئىنقىلابىي تارىخنى ئەسلەپ، چېگرا مۇھاپىزەت جەڭچىلىرىنىڭ «ھاياتىمدا پەقەت بىر ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن» دېگەن قەتئىيلىكىنى ھېس قىلدى؛ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا كىشىلەر قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىش» ھېكايىسىدىن ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب روھىنى ھېس قىلدى... چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قىزىل مەيدان - سارايلاردا زامان - ماكان ھالقىغان بىر مەيدان مەنىۋى سۆھبەتنى تاماملاپ، قىزىل گېنغا مۇراسىم داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى ياد ئېتىش داۋامىدا يۈكسەلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.