شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1 - تۈركۈمدىكى يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىش (يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش) تۈرى تىزىملىكىنى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تۈرىنىڭ يولغا قويۇش باسقۇچىغا رەسمىي كىرىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشلىتىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈر جەمئىي تۆت، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 630 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا غۇلجا شەھىرى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شايار ناھىيەسى ۋە كۇچا شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەممىسى تورلاشتۇرۇش تىپىدىكى تۈر بولۇپ، قوللىنىش ھالىتى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت - تەبىئىي گاز، نېفىت خىمىيە قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان. ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيتكىلى بولىدىغان يېشىل توك ئىستېمالى تەخمىنەن 1 مىليارد 440 مىليون كىلوۋات سائەت، بۇ، تەخمىنەن 867 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى پايدىلىق ئىزدىنىش بىلەن تەمىنلىدى.
يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش شامال ئېلېكتىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، بىيوماسسىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى ئاممىۋى ئېلېكتىر تورىغا بىۋاسىتە ئۇلىماستىن، بەلكى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى ئارقىلىق يەككە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالچىلىرىنى ياكى ئاشۇرما مىقدارلىق توك تەقسىملەش تورىنى يېشىل توك بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەم يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش بوشلۇقى ۋە ئۇنى قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى، ھەم كارخانىلارنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان يېشىل توك بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمالچىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈرلەر ئىچىدە، ئىلى شىنتيەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تاخې نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تۈرىدە ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپى تۈر قۇرۇلۇشى زىچ چۆرىدىلىپ، مەخسۇس لىنىيە شەكلى ئارقىلىق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كىرگۈزۈلۈپ، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى. ھېسابلىنىشىچە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تاخې نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تۈرىدىلا ھەر يىلى تەخمىنەن 320 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك ئىستېمالىنى يېڭىدىن كۆپەيتكىلى بولىدىكەن، بۇ، تەخمىنەن 193 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر ئىكەن.
تارىم نېفىتلىكى ئاقسۇ شايار ناھىيەسى فۇمەن رايون بۆلىكىنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تۈرىدە نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش، ئىشلىتىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىق ئەتراپىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا تايىنىپ يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇپ، يېشىل توك مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق فۇمەن نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى يېشىل توك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇندى.
شىنجاڭ گېئېنسى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تۈرىدە شامال ئېلېكتىر ھەم ئېنېرگىيە ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، يېشىل توكنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىزلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىنىڭ خەلقئارا كاربون تاموژنا بېجى توسۇقىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك مەدەت بېرىلىپ، كارخانىنىڭ يېشىل رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى.
2025 - يىلىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ مەۋقەنى كەسىپ ئاساسى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ خاسلىقىنى ھازىرلىغان يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى زىچ ئىزلاپ كۆزىتىپ ئۆلچەپ، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرىدۇ؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، سىياسەت پايدىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.






