تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چىڭمىڭدىكى ئىللىق شامال قەھرىمانلار چىڭ تۇرغان مەنىۋى مەنزىلنى سىيپاپ ئۆتتى»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. چىڭمىڭ پەيتىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، كىشىلەر قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش داۋامىدا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى، تارىخنى قايتا ئەسلەش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار روھىنى ھېس قىلدى، ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش

قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا گۈل تەقدىم قىلىندى، قەيسەر روھ ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرىغا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تۈس قوشتى. 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، ياپيېشىل قارىغاي ۋە ئارچىلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، كەيپىيات ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. سائەت 10دا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1500دىن ئارتۇق كىشى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، «ياد ئېتىش . 2026 . قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ماس قەدەمدە باشلاندى.

«بىز قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېننى قان تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈپ، ياد ئېتىشنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قايغۇلۇق سېغىنىشىمىزنى ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى يۈ دوۋشىڭ.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئالتاي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «بىزنىڭ بايرىمىمىز . چىڭمىڭ − قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىرادىسىنى ياد ئېتىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئالتاي ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدا، پائالىيەت ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، بارلىق خادىملار باش كىيىمىنى ئېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئارقىدىن، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قىزىل يىللارنى قايتا ئەسلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاتۇش شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى كاتتايلاق يېزىلىق ساقچىخانا «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش يىغىنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلىدى، خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلار ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قانداق قىلغاندا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىنى كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى.

«چىڭمىڭدىكى ئىللىق شامال قەھرىمانلار چىڭ تۇرغان مەنىۋى مەنزىلنى سىيپاپ ئۆتتى؛ خەلق ساقچىلىرى ئۆكۈنمەستىن ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى...» يېقىندا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ «قەھرىمان» ناملىق ئەسلىي ئىجادىي ناخشىسىدا، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت مېلودىيەگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان قېنىق كۆك رەڭلىك ساقچى فورمىسىنىڭ شان - شەرىپىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

قىزىل تەربىيە بېرىش، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەر چىڭمىڭ بايرىمىنى پۇرسەت بىلىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش ۋە باش تېما پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قىزىل تارىخنى ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەپسىلىي چۈشىنىشكە تەشكىللەش ئارقىلىق، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53 - باشلانغۇچ مەكتەپ 1 - يىللىق، 5 - يىللىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، قەبرە يوقلاش ھەم يېڭى پىيونېرلارنىڭ ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىنى قانات يايدۇردى. ياپيېشىل قارىغاي ۋە ئارچىلار ئارىسىدا، 5 - يىللىقتىكى پىيونېرلار تەنتەنىلىك ھالدا 60 نەپەر يېڭى پىيونېرغا قىپقىزىل گالىستۇك تاقاپ قويدى. 1 - يىللىق 4 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بەي يۈچېن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەننى گۈللەندۈرىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمىز».

قەبرە يوقلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىردى. سارغىيىپ كەتكەن تارىخىي ماتېرىياللار، رەڭلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن يادىكارلىقلار، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن جانلىق كۆرۈنۈشلەر كۆپچىلىكنى ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا باشلاپ كىردى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار سۈكۈتكە چۆمگەن ھالدا، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادىنى جىمجىتلىق ئىچىدە ھېس قىلدى.

چىڭمىڭ پەيتىدە، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىدىكى 90دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ۋەكىلى يېڭىشەھەر ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، چىڭمىڭلىق قەبرە يوقلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، «بۇ جايدا تۇرۇپ، قەبرە تېشىدىكى ئىسىملارغا قاراپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. ھەربىر قەبرە تېشىنىڭ ئارقىسىدا، ھەققانىيەت يولىدا جان پىدا قىلىشتىن ئىبارەت دۆلەت ھېكايىسى بار. مەن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەستە چوڭقۇر ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىمەن» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى زۇلپىيە دولقۇن ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن «ياد ئېتىش . 2026 . قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش» پائالىيىتىدە، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى، ئىتتىپاق ئەزاسى ياشلار، پىيونېرلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 80دىن ئارتۇق كىشى جۇڭگۇلوۋ راۋىقى (ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خىزمەت قىلغان ئەسلىي جاي)غا جەم بولدى، «ئۇچقۇن . يانغىن» ياش - ئۆسمۈرلەر لېكسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى لىن جىلۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى تەسىرلىك بايان قىلدى. غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى جاڭ شۈەنيۈ مۇنداق دېدى: «قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىزنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ».

روھقا ۋارىسلىق قىلىش، كۈچ قوبۇل قىلىش

قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، قىزغىن دۆلەت مۇھەببىتى تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئىنقىلابىي ئەجدادلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك تەسەللى، ھەم قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشنىڭ دەۋر تېمىسى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مايتاغ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، كۈيتۈن شەھەرلىك ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «ياد ئېتىش . 2026 . قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى قەبرە يوقلاش پائالىيىتىنى باشلامچى بولۇپ تەشكىللىدى.

قەبرىستانلىقتىكى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتقان كۆپلىگەن ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىچىدە، ياۋ فېڭيۈ، چىن يۈن، چېن جياڭشىن قاتارلىقلار بار. قەبرە يوقلاش نەق مەيدانىدا، ئىنقىلابىي قۇربان ياۋ فېڭيۈنىڭ سەپدىشى ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى، سۆزلەپ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە نەچچە قېتىم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تەسىرلەندى.

قەبرە يوقلاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق خادىملار مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيىغا بېرىپ، تىيانشاندا يول ياساش روھىنى ھېس قىلدى. كۈيتۈن شەھەرلىك ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ يۈنداڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار روھى كېيىنكىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بۇنىڭدىن كېيىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قىزىل تەربىيە، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىمىز.

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى شاڭخەي يولى مەھەللىسى، چياۋدۇڭ مەھەللىسى، شاڭبېي مەھەللىسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى بىرلەشمە پونكىتى 50 نەچچە ئاھالە پارتىيە ئەزاسى ھەم ئامما ۋەكىلىنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش» باش تېمىسىدىكى قەبرە يوقلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بارلىق خادىملار خاتىرە مۇنارى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارغا چوڭقۇر تەزىم قىلدى.

پارتىيە ئەزاسى جاڭ جىيۈەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتقان جايدا تۇرۇپ، نېمىنىڭ تاغدەك مۇستەھكەم ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدىم».

قەبرە يوقلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەھەللە كادىرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: «قىزىل دەرسخانا» «ياشانغانلار لېكسىيە ئۆمىكى» «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش . قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار ئىرادىسىدىن بىللە ئۆگىنىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قىزىل تەربىيەنىڭ بىنالارغا كىرىشى، ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزىمىز، قىزىل تومۇرنى مەڭگۈ ئۈزۈلمەي داۋاملاشتۇرىمىز.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى بۇ شەھەرنىڭ «كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، كەسپىي بازار» ئۇنىۋېرسال پارتىيە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنى «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا توردا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

«مەن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمىتىمنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىمەن» دېدى ۋەيمەي توشۇغۇچى ئىبراھىم سۇپۇرتاش.

يېشىل تاغلار سۈكۈتتە تۇرار، ئابىدىلەر مەڭگۈ ساقلىنار. تور سىرتىدا قەبرە يوقلاشتىن بۇلۇتتا ياد ئېتىشكىچە، ياشىنىپ قالغان پېشقەدەم ئەسكەرلەردىن گۆدەك ئۆسمۈرلەرگىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. بۇ ياد ئېتىش تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلىق، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بېرىلگەن ۋەدە. قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىنى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

(مۇخبىر لى لىن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، سۈي يۈنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دۇڭ شىجۈ، خوۋ يىجۈن، لەن يىلىن، خۇ جيايۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.