يېڭى بىر يىلدىكى چىڭمىڭ بايرىمى يەنە يېتىپ كەلدى. ئەجدادلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغان، خاتىرىلەيدىغان بۇ باھاردا، بەزىلەر ياشانغانلارنى يۆلەپ، بالىلارنى يېتىلەپ ئەجدادلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ يىلتىزىنى ئىزدىدى، بەزىلەر قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. ئەتراپ چەكسىز سېغىنىش ۋە قايغۇ ھېسسىياتىغا تولدى. شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، يۇرتنىڭ سېرىق توپىسىنى سىقىمداپ تۇرۇپ، ئاددىيغىنا بىرنەچچە ئېغىز مۇڭدىشىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئەجرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتۇر؛ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ئەسلەپ، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشتۇر، قۇربان بولغان قەھرىمانلار ھەرگىزمۇ دەرسلىك كىتابتىكى جانسىز بەلگە ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن مەنىۋى ئابىدىسى.
چىڭمىڭ بايرىمىدىن بۇرۇن، «پامىر بۈركۈتى» لاچىن بايەكەنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى قار سۈيى ئارانباۋتەي سۇ ئامبىرىدىن ئېقىپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئېقىپ كىردى؛ «ۋېنيۇڭ يولى»دا، كىشىلەر پىيادە مېڭىش شەكلى ئارقىلىق چېن شياڭرۇڭ قاتارلىق تۆت ئىنقىلابىي قۇربانغا تەزىيە بىلدۈردى؛ 78 ياشلىق ئاھالە ما لەنجياۋ قۇربان بولغان تەۋەلىك ساقچىخانا باشلىقى سۈي ۋېنلياڭنىڭ سۈرىتىگە يېنىش - يېنىشلاپ قارىدى، كۆز ياشلىرى توختىماي ئاقتى؛ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى دېڭتا زىيالىي ياشلار سارىيى جياۋلۇڭ زالىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تېمى سېغىنىش ۋە ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن تولغانىدى...
بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. قەھرىمانلار دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى، مىللەتنىڭ روھى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىدا، سانسىزلىغان قۇربان بولغان قەھرىمانلار جان پىدا قىلىپ، ئىسسىق قان ئاققۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى. بەزىلىرىنىڭ نامى قالدى، بەزىلىرى نامسىز ئابىدە بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇلار پۈتكۈل ھاياتى بىلەن بىزگە «دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى»نى يەتكۈزۈپ، ئىسسىق قېنى بىلەن بىزگە «ئېتىقاد، ساداقەتمەنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكى»نى ئېيتىپ بېرىپ، مىللەت روھىنىڭ ئېگىلمەس تۈۋرۈكىنى تىكلىدى.
«يېشىل تاغلارغا ساداقەتمەن قەھرىمانلارنىڭ جەسىتى كۆمۈلدى» «ۋەتەن ۋە خەلق ئۇنتۇپ قالمىدى» «سىلەرنىڭ مۇشۇ مەيداندا بولۇشۇڭلارنى، ھەممە ئائىلىنىڭ چىراغلىرىنىڭ يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن»... ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، تورداشلار قالدۇرغان چوڭقۇر ھېسسىياتلىق، سەمىمىي سۆزلەرگە كىشىلەرنىڭ چەكسىز سېغىنىشى مۇجەسسەملەندى. قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆچمەس روھى خۇددى ماياكتەك بىزنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىمەكتە.
بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ. ئاددىي خىزمەت ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، «ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن» دەيدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىش، مانا بۇ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى تەزىيە بىلدۈرۈش، شۇنداقلا چىڭمىڭ توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






