− ئالدىنقى ئىككى ئايلىق شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىش
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ
3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 2026 - يىلى 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە بولغان ئاپتونوم رايون مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم سانلىق مەلۇماتىدا، ھەم «مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇش»تەك پۇختا ئاساس، ھەم «ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپەتكە ئىنتىلىش»تەك بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش گەۋدىلەندى، كىرىمنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇش، چىقىم كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش ۋەزىيىتى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
مالىيە كىرىمى پۇختا قەدەمدە يۈكسەلدى
1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 49 مىليارد 730 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئېشىپ، پۇختا ئېشىشتەك ياخشى ھالەت ساقلاندى. باج كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى باجدىن باشقا كىرىمدىن تېز بولدى، باجدىن باشقا كىرىمنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2025 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، كىرىم قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلاندى.
ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە بىردەك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە: تارباغاتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %15.4، %14.5 ۋە %12.8 ئاشتى.
«بۇ يىل، مەركەز تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەت ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا داۋاملىق ياخشى ۋەزىيەت ساقلىنىپ، يوشۇرۇن كۈچ ئەۋزەللىكى سىجىل جارى قىلدۇرۇلۇپ، تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ خەييەن مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ باج مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقلانما بايلىق مۈلكىنى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە، پۇختا قەدەمدە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى زۆرۈر چىقىم سىجىللىقىنى ساقلاپ، «كاپالەتلەندۈرۈشمۇ بولۇش، قىسقارتىشمۇ بولۇش»تىن ئىبارەت چىقىم پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چەكلىك مالىيە كۈچىنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلىك سالدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 108 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى.
باج كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى
ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى باج كىرىمى ۋە باجدىن باشقا كىرىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئاشۇرغان باج كىرىمى 28 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇردى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى باج تۈرلىرى كىرىمىدە مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ باج كىرىمىنىڭ ئىپادىسى ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ھالىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس كەلدى، ئاساسلىق باج تۈرلىرىنىڭ ئىپادىسىمۇ مۇناسىپ ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولدى.» ليۇ خەييەن مۇنداق تونۇشتۇردى: باج تۈرى بويىچە قارىغاندا، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت ئىچى قوشۇلما قىممەت بېجى 9 مىليارد 870 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشتى؛ كارخانا تاپاۋەت بېجى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشتى، ئىككى تۈرلۈك باج تۈرىنىڭ ئېشىشى بىردەك رەڭلىك مېتال ساھەسىدىكى مىقدار - باھانىڭ تەڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئۆي - مۈلۈك بېجى، بايلىق بېجى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى «يەرلىكتىكى ئون باج» بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە: بايلىق بېجى 3 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.6 ئاشتى؛ يەر قوشۇلما قىممەت بېجى 1 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %99.2 ئاشتى؛ ئۆي مۈلۈك بېجى 820 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.9 ئاشتى؛ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى 1 مىليارد 30 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشتى.
دۆلەت بايلىقى(مۈلكى)نى ھەقلىق ئىشلىتىش قاتارلىق كىرىملەرنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تايىنىپ، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئاشۇرغان باجدىن باشقا كىرىم 21 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇپ قالدى.
«ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت بايلىقى(مۈلكى)نى ھەقلىق ئىشلىتىش كىرىمى 12 مىليارد 870 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.1 ئېشىپ، باجدىن باشقا كىرىمنىڭ 9.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.» ليۇ خەييەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش كىرىمى 7 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشتى؛ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بايلىق، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، قالدۇقنى تولۇق ئېنىقلاپ، يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق قېزىپ، باجدىن باشقا كىرىمنى ئېلىش - باشقۇرۇشنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە كۈچەيتىپ، مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش كىرىمىنىڭ 3 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.5 ئاشتى. بۇلارنىڭ باجدىن باشقا كىرىمنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى.
خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئىللىقلىقنى تولۇق نامايان قىلدى
«ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەھەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، زۆرۈر بولغان چىقىم سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلام <ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش> قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىقىمىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈردى» دەپ تونۇشتۇردى ليۇ خەييەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدا 82 مىليارد 310 مىليون يۈەن خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %75.9ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە: ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 34 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان؛ مائارىپ چىقىمى 18 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان؛ سەھىيە - ساغلاملىق چىقىمى 9 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان.
«خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، سىجىل كۈچەپ، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىگە، قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولدى» دېدى ليۇ خەييەن.
باشقا نۇقتىلىق ساھەلەردە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە چىقىم جەھەتتە بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ قالدى. مەسىلەن: 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق چارلاش - ئۇچۇر قاتارلىقلاردىكى چىقىمى 7 مىليارد 440 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %237.7 ئاشتى؛ قاتناش - تىرانسپورت چىقىمى 2 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 ئاشتى.
«ئالدىنقى ئىككى ئايدا مالىيە چىقىمى جەھەتتە بەلگىلىك ئېشىش سۈرئىتى ساقلاپ قېلىندى، بۇ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.» ليۇ خەييەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدە سىياسەت ئۈنۈمى پائال جارى قىلدۇرۇلۇپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. مالىيە چىقىمىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سەھىيە - ساغلاملىق، بايلىق چارلاش، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنىڭدا ھەم دىققەت خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەم بايلىقنى ئېچىش، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.






