تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇنيا بازىرىنى ئېچىپ، خەلقئارا ئايلىنىش بىلەن تۇتىشىش

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (2)

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى زوۋ دوۋېي

بوران - چاپقۇنغا تولغان تاشقى مۇھىتتا، ئېچىۋېتىش ھالىتىدە كۆپ خىللاشقان خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش زەربە ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا بازىرىنى كەڭ ئېچىپ، خەلقئارا ئايلىنىش بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇتىشىش كېرەك.

بۇ مۇھىم بايان مەۋقەنى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتكە قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بېرىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«14 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، بىر قاتار تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى −

بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 تىرىليون يۈەنلىك ۋە 45 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، 2025 - يىلى 45 تىرىليون 470 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2020 - يىلىدىكىدىن %41.1 ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى.

مال سودىسى كۆلىمى ئۇدا توققۇز يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ساقلاش بىلەن بىللە، 2025 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 8 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %7.4 ئاشتى؛ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، چەت ئەلگە سېلىنغان مەبلەغ ساقلانما مىقدارى ئۇدا توققۇز يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇن ئىچىدە تۇرۇشنى ساقلىدى، 2025 - يىلى چەت ئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 174 مىليارد 380 مىليون دوللار بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %7.1 ئاشتى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ سىغىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئەڭ يېڭى خەلقئارا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلانغان بولۇپ، 2020 - يىلىدىكىدىن 20 نەچچىسى كۆپەيگەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتىدا بىرقەدەر كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نامايان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئايرىم - ئايرىم ھالدا %19.9، % 20.3، %34.2 ۋە %19.7 ئاشتى.

«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئايلىنىشىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك بولدى، لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، يېقىنقى مەزگىلدىكى جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشنىڭ تەسىرى سىجىل نامايان بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپى ۋە دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرى زەربىگە ئۇچراپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىدا ئېنىقسىزلىق يەنە كۆپەيدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى يېقىندا ئېلان قىلغان باھالاش دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشى يەنىمۇ كەسكىنلەشمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، 2026 - يىلى دۇنيا تاۋار سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2025 - يىلىدىكى تەخمىنەن %4.7تىن ئاستىلاپ %2.5 - %1.5كىچە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2025 - يىلىدىكى %2.9تىن %2.6كە تۆۋەنلەيدىكەن.

تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، دۇنياۋىلىشىش قانچىكى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى شۇنچە چىڭىتىپ، ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شۇنچە ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا كۆپ قېتىم دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى: «ئۆتكەن 40 يىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك» «جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ساھەلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ» «جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ».

سودا قورۇقچىلىقىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا بولغان تەھدىتى ئالدىدا، تاۋار ۋە ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشچان تىپتىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم يۈزلىنىش بولۇپ قالدى.

ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك «نۆللەشتۈرۈپ»، قوشۇلما قىممەت تېلېگرافى، بىيوتېخنىكا قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىنى ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى؛ 22 ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتى؛ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر، ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق مۇئامىلىسى بەردى؛ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ «ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ مېھمان كۈتۈۋالدى»، نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز 29 دۆلەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم 50 دۆلەتكە قارىتا يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويدى، 2025 - يىلى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىپ چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىكلەر ئادەم قېتىم سانى 2024 - يىلىدىكىدىن %49.5 ئاشتى.

ئەركىن سودا پورتى دۇنياۋى ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم سۇپا. 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرگىنىگە 100 كۈن بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرگەن 100 كۈندىن بۇيان، خەينەندە 85 مىڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشقان؛ «تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان» تاۋارلار باج تۈرى نىسبىتى %21تىن %74كە ئۆسۈپ، 6637 تۈرگە يېتىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»(RCEP)نىڭ باشلىنىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان... تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى يېتەكچى قىلىپ، خەينەن ئوچۇق تەرەققىيات داۋامىدا ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ماسلىشىش، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى مۇقەررەر تەدبىر.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مەخسۇس بابتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى كېڭەيتىش» كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ «يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش» قىسمىدا «چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئازايتىش» «كارخانىلارنى دۇنيا بازىرىدا جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكلەش» «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قاتارلىق كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشۇلدى.

يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى، «جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە پايدىلىق سىياسەت قوزغىتىلىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ئېچىۋېتىش تۈگۈنى كۈچلۈك قۇرۇلدى، مۇلازىمەت سودىسى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى... ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېپيېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: ئېچىۋېتىش ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى.

يېقىندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە مەيدانىدا خەلقئارالىق داڭلىق ماركىنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېمپىيون بولغانلىقتىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن موتوسىكلىت ماركىسى «جاڭشۆ جىچې» تېزدىن كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. دۇنيا كەسىپ رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلار تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، «جاڭشۆ جىچې»نىڭ ئەمەلىيىتى يېڭىلىق يارىتىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ «ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىش قىلىش» بولماستىن، بەلكى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىللىق بىلەن خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇدۇللىشىپ، دۇنياۋى رىقابەتكە قاتنىشىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تېخنىكىنى تاۋلاش، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

بۈگۈنكى دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەزمەن دۇنياغا يۈزلىنىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تېز تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. پەقەت دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغاندىلا، دۆلىتىمىزدە كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

باھاردا يولغا چىقىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ يېڭى مۇساپىنى باشلىدۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۇنيانى قەلبىگە پۈككەن جۇڭگو، يۈكسەك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى ھەمبەھرىلەشنى كۆزلەپ، تەرەققىيات يېڭى يولى بىلەن تەمىنلىسە، مۇقەررەر ھالدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.