− گۈللىنىش مۇساپىسىدە ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى دېڭتا زىيالىي ياشلار سارىيىنىڭ جياۋلۇڭ زالىغا كىرىپ گۈل تەقدىم قىلىپ، يولداش خې جياۋلۇڭنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشىغا، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئەسلىدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
چىڭمىڭدا قايغۇلۇق سېغىنىش ئىپادىلەندى، تاغ - دەريالار سادىق روھنى ياد ئەتتى.
ئۇلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچىلەردە مەشئەل ياندۇرۇپ، ھەيۋەتلىك تاغ چوققىلىرىدا بايراقنى ئېگىز كۆتۈردى؛ ئۇلار قەيسەر سىيماسىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا قالدۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى مېھىرلىك زېمىنغا چاچتى.
105 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پىداكارلىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي چېكىنمەي، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلەپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا ئاتلىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان قەھرىمانلىق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى مىللەت ئابىدىسىگە ئويدى.
قەھرىمانلار روھى ئۆچمەيدۇ، قەيسەر روھ مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ.
ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئارزۇسىنى زىممىگە ئېلىپ، گۈللىنىش شان - شەرىپىنى پۈتۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىرادىسىدىن قايتماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
تاغ - دەريالار ئابىدە بولدى −
«غايە - ئېتىقاد ئوتى يانغان ھامان، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ»
يېڭى بىر يىلدىكى چىڭمىڭ يەنە يېتىپ كەلدى.
خۇنەن گۇيدۇڭ ناھىيەسى شيەنشەن قەبرىستانلىقىدا، چىڭشەن يېزىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار فاڭ شۈەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ دەستە - دەستە جۇخارگۈلىنى ئابىدە ئالدىغا ئاستاغىنە قويدى. «فاڭ يېزا باشلىقى، خاتىرجەم بولۇڭ، ھازىر كەنتىمىزدە كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.»
فاڭ شۈەن چەت، يىراق كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا چوڭقۇر چۆككەن ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، بەلنى چىڭ باغلاپ تاغقا چىقتى، پۇچقاقنى تۈرۈپ ئېتىزغا چۈشتى، قىسقىغىنا نەچچە ئايدا، كەنتتىكى نەچچە يۈز ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلدى. 2017 - يىلى، نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسىغا بېرىش يولىدا، ئاپتوموبىل تىك ياردىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ 26 ياشتا ئىدى.
«مەن جاپاغا چىدايمەن، تەشكىلنىڭ ماڭا ۋەزىپە يۈكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» ئۇ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يېزا جىلغىسىدا يىلتىز تارتىشنى تاللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى بېغىشلاپ، قەتئىي ئۆكۈنمىدى.
ئوخشاشلا 26 ياش، ئوخشاشلا پولاتتەك ئىرادە.
1941 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى غەربىي خۇبېي ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گۇڭۋېي دۈشمەن تەرىپىدىن خۇبېي ئېنشى فاڭجيابا ئارقا تاغ ۋۇداۋجيەن جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېلىندى. جازا مەيدانىغا بېرىشتىكى 100 نەچچە پەلەمپەيلىك شىبەنتاش يولىدا، دۈشمەن ئۇ كەينىگە قايرىلسىلا ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ياش كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئېغىر كىشەننى سۆرەپ، «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتقىنىچە، قەتئىيلىك بىلەن بىر پەلەمپەي بىر پەلەمپەيدىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى، باشتىن - ئاخىر كەينىگە ئۆرۈلمىدى.
يورۇقلۇق ئىچىدە تىك تۇرۇپ ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، ھەرگىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىزلىنىپ ياشىمىدى. ئىسسىق قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزىل قەلب غايە ئۈچۈن كۈچلۈك يالقۇنجىدى؛ بالىلىق چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن ئېتىقاد بىلەن تاۋلانغان پولاتتەك ئىرادە ئەكس ئەتتى.
«ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزمغا ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھى، كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقانداق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق جاكارلىدى.
ھەقىقەتكە ئىنتىلىش يولىدا، ئىشەنچ بولغاچقىلا نىشاننى كۆرگىلى بولىدۇ.
جاۋ شىيەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، «ئىنقىلاب ئۇرۇقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقالدى، چوقۇم بىخلىنىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ»؛ خۇاڭ چېڭ شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، «يول جاپالىق، غەلىبە مۇساپىسى يىراق دەپ قارىماڭ، ھامان خوراز چىللاپ تاڭ نۇرى كۆتۈرۈلىدۇ»؛ چۈ چيۇبەي شۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىدۇكى، «بۇنىڭدىن كېيىن، خۇش خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيلىكى ۋە شانلىق كەلگۈسى پەقەت باراۋەر - ئىناق جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان كوممۇنىزم ئىشقا ئاشقاندىلا يېتىپ كېلىدۇ»... بۇ ئېتىقاد ۋە يول مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھامان، ئىلغار جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تېڭىرقاپ قالمىدى، تەۋرىنىپ باقمىدى.
ئېتىقاد قەيەردىن باشلانسا، روھ شۇ يەردىن بارلىققا كېلىدۇ.
دۆلەتكە نېفىت تەقدىم قىلىشتا، «ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ماركسىزم - لېنىنىزم ھېسابلىنىدۇ؛ ئىشلىمىگەندە ماركسىزم - لېنىنىزمدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېگەن ئېتىقادتا چىڭ تۇرغان يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئەۋلاد قۇدۇق بۇرغىلاش ئىشچىسى ۋاڭ جىنشى باشلامچىلىق بىلەن پاتقاق گازى كۆلچىكىگە سەكرەپ چۈشۈپ بەدىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاخىر قۇدۇق پۈركۈگۈچنى تىزگىنلىدى؛
كەلكۈن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى مەلۇم جىتۇەنجۈنىنىڭ «تاشەن مۇھاپىزەتچى قىسىم قەھرىمانلار تۇەنى» 9 - ليەنىنىڭ جەڭچىسى لى شياڭچۈن پارتىيە تەشكىلاتىدىن «ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە»نى ئۆزىگە تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى، قۇتقۇزۇش كىيىمىگە تەنتەنىلىك ھالدا «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمىز» دېگەن خەتنى يېزىپ، ھەر قېتىم ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەيۋەتلىك ئۇزۇن توسمىنى قوغدىدى؛
تەيفېڭ بورىنى چېگرادىن ئۆتكەندە، شىددەتلىك بوران ۋە تاغ باغرىدىن ئېشىپ كەتكەن غايەت زور دولقۇنغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى ئېغىر سانائەت 760 - تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چۈن ئەترەتنى باشلاپ سىناق سۇپىسىنى مۇستەھكەملىدى. «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» خاتىرە دەپتىرىگە ئۇ پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىنى رەتلىك يازدى ھەم ئۇنى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق مەردانە ئىزاھلىدى؛
...
«غايە - ئېتىقاد ئوتى يانغان ھامان، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچكە تولغانىدى.
پۈتكۈل مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇردى، دۇجياڭ ئۇرۇشىدا دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقاتتى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشتە باتۇرانە كۈرەش قىلدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلاندى...
100 نەچچە يىللىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئېتىقادنى بايراق، ھەقىقەتنى يول قىلىپ، ئىسسىق قېنى ۋە كۈچلۈك بىلىكى ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەتنىڭ شان - شەرىپىنى زىممىسىگە ئالدى.
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار تەخمىنەن 20 مىليونغا يەتكەن. ئۇلارنىڭ زور كۆپ ساندىكىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، زور كۆپ ساندىكىلىرى ئىسىم - فامىلىسىنى قالدۇرمىغان.
2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانى، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېگىز جەۋلان قىلىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. بۇ، 2014 - يىلى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا 12 يىل مۇشۇ كۈندە مۇراسىمغا قاتنىشىشى بولۇپ، بوران - چاپقۇنلار توسۇپ قالالمىدى، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم قەھرىمانلار ئىلگىرى تۇرغان جايلارنى زىيارەت قىلىپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلار روھىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن ئادالەت يولىدا جان پىدا قىلغان قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، ھەربىر قېتىملىق تەسىرلىك، جانلىق «غايە - ئېتىقاد دەرسى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاشقا يېتەكلىدى.
بېيجىڭ دۇڭچېڭ رايونىنىڭ ۋۇسى كوچىسى 29 - نومۇرلۇق قورۇدا قىزىل خىش بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۆگزىسىگە قىزىل كاھىش ياتقۇزۇلغان بىر ھەيۋەتلىك، قەدىمىي قىزىل رەڭلىك كىچىك ئىمارەت جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
1916 - يىلى، بېيجىڭ داشۆنىڭ قىزىل بىناسى سېلىنىشقا باشلىدى، لى داجاۋ جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە پائال ئاتلاندى. «ئاۋام خەلقنىڭ غەلىبىسى» «بولشېۋىزمنىڭ غەلىبىسى» «مېنىڭ ماركسىزملىق قارىشىم» قاتارلىق ماقالىلەر ئىنقىلابنىڭ قوڭغۇراق ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئېتىقاد ئوتىنى تۇتاشتۇردى.
110 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئېكسكۇرسىيە ۋە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە كەلدى، ھەربىر قەدىمىدە دانىشمەنلەرنىڭ ئىزىنى باستى، ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىكى جاراڭلىق خىتابى قايتا ياڭرىغاندەك بولدى:
«سىلەر بۈگۈن مېنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگىنىڭلار بىلەن، ئۇلۇغ كوممۇنىزمنى يوقىتالمايسىلەر!»
بۇ غايە نۇرى قاراڭغۇ كېچىنىڭ كەڭ ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولنى يورۇتتى.
تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى −
«مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش»
ئىلى موڭغۇلكۈرە قەبرىستانلىقى، ھەربىر گۈرجەك توپىنى قازغاندا قايغۇلۇق سېغىنىش ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. «جياۋلۇڭ» دەپ ئاتالغان بىر سۇس قىزىل رەڭلىك جۇڭگو ئەتىرگۈلىگە پۇقرالارنىڭ خەلقنىڭ خىزمەتكارىغا بولغان چوڭقۇر ياد ئېتىشى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
ئىلگىرىكى قايسى بىر چاغلاردا، قارلىق دالىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خې جياۋلۇڭ قىزىل يېپىنچا ئارتىپ، ئاتنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ، يۇرتى ئۈچۈن ئاتلىنىپ ۋاكالىتەن سۆزلىگەنىدى؛ ئۇ ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، مال تونۇشتۇرۇپ سېتىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ، تاكى ھاياتى كۈرەش قىلغان جەڭ مەيدانىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالغانغا قەدەر، مىڭلىغان ئاممىنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق يەتكۈزگەنىدى.
قايغۇلۇق خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، يىراق - يېقىندىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۆزلۈكىدىن كېلىپ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويدى. پۇقرالارنىڭ قەلبىدە بۇ «جياۋلۇڭ» مەڭگۈ توزۇمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ پارتىيەسى» «مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش».
پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا «خەلق» دېگەن سۆزنى بايراققا پۈتۈپ، تومۇرغا سىڭدۈردى. 105 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولدى، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى.
خەتەرلىك پەيتتە، ئۇلار ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمىدى، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى −
گۇيجوۋ زۇنيىدىكى قىزىل ئارمىيە تېغى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، «شەپقەتچى قىزىل ئارمىيە»نىڭ ھەيكىلى ئالدىغا ئىسرىقدان ۋە سېرىق جۇخارگۈلى لىق تىزىلغان بولۇپ، بۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن قىزىل ئارمىيە سانىتارى لۇڭ سىچۈەنگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.
ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يىللاردا، بۇ ياش ھەربىي دوختۇر نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇزدەك پېشانىسىنى ئىسسىتقان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ قىسىمغا يېتىشىۋېلىش يولىدا يىقىلدى، قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى يەنە پۇقرالارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورا ساندۇقىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدى.
ئۆزگىرىپ تۇرىدىغىنى تارىخىي زامان - ماكان، ئۆزگەرمەيدىغىنى خەلقچىل ھېسسىيات.
80 نەچچە يىلدىن كېيىن، يەنە مۇشۇ قىزىل مېھىرلىك تۇپراقتا، گۇيدىڭ ناھىيەسى يۈنۋۇ بازىرىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى خۇاڭ خېيەننىڭ جەدۋەلدىكى ئىمزاسى 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدە تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئەسىر يۇقۇمى كۈرىشىدە، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە كېچە - كۈندۈز كۈرەش قىلغان خۇاڭ خېيەن يۇرتداشلارغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى گۇيجوۋنىڭ تاغ - دەريالىرى ئارىسىدىكى مەنىۋى ئابىدىگە ئايلاندۇردى.
سادىق قەلبلەر يىللارنى نۇرلاندۇردى، قىزىل قەلبلەر پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.
پىچاق كۆتۈرگەن قارا نىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا، ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىسى ۋۇ لىن خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قاتىللىق دېلوسىدىكى قاچقۇننى قولغا چۈشۈردى، ئەمما ئۆزى ئىككى قېتىم پىچاق زەربىسىگە ئۇچراپ، خەلق ئاممىسىنى قوغداش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى؛
شىددەتلىك ئوت يامرىغان بىنا ئىچىدە، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى چيەن لىڭيۈن، ليۇ جيې قاپسىلىپ قالغان ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇۋاتقاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق دولقۇن ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى، ئىككىيلەن قول تۇتۇشقان ھالدا 13 - قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ قۇربان بولدى، ياشلىق باھارى مەڭگۈ شۇ دەقىقىدە توختاپ قالدى؛
سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق دەريا سۈيىدە، دۆلەت كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى خۇاڭ چىدۇڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ، ئالدى بىلەن بالىنى قىرغاققا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ بالىنىڭ دادىسىنى قۇتقۇزۇپ، ھاياتى ئارقىلىق بىر ئائىلىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ قالدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىقىشىغا 23 كۈنلا قالغانىدى؛
...
ئۇلار مۇداپىئە كىيىمى بولمىسىمۇ، ھايات - مامات بىرىنچى سېپىدە ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، ئاددىي گەۋدىسى ئارقىلىق خەتەرنى توسۇپ، خەلق ئۈچۈن قوغداش توسۇقى بەرپا قىلىپ، روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭگەن مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىزاھلىدى.
ئاددىي يىللاردا ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بارلىقىنى بېغىشلاپ پۇقرالارنى قوغدىدى −
پۈتۈن كەنتتىكى 305 نامرات ئائىلىنىڭ كىمنىڭ ئۆيى قەيەردە، ئائىلىسىدە نەچچە جان ئادەم بار، ياشانغانلارنىڭ قانداق كېسىلى بار، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى قانداق، نەچچە مو يەر تېرىغان، نەچچە تۇياق قوي باققان، ھەتتا ھەربىر ئائىلىدىكىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى يۈننەن نىڭلاڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پاۋماپىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شا تيەنۋېنغا بەش قولدەك ئايان بولۇپ، ئەزەلدىن خاتىرىگە قارىمايتتى، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما تەرىپىدىن «نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى ھەرىكەتچان <تىرىك لۇغەت>» دەپ ئاتالغانىدى.
كەنتتە تۇرغان تۆت يىلدا، ئۇ بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتتى، ئەمما بىر قېتىملىق كونا ئۆيلەرنى چېقىپ تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ماڭغان يولدا قاپتالدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇ كەنتتە تۇرغان يىللاردا ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئاياغ ئىزلىرىنى قالدۇردى، «خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش» دېگەن ئاشۇ سۆزنى ئۈن - تىنسىز ئەمەلدە كۆرسەتتى.
دۆلەتنىڭ بارلىق چوڭ ئىشلىرى ئىچىدە، خەلق رايىنىڭ مايىللىقى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
خەلق سوتچىسى بيەن شياۋبىن يىل بويى دېلو بېجىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى ماجىرالىرىنى سەمىمىي، سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، تاكى نەق مەيداندا تەكشۈرۈۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كېتىپ، ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرى بىلەن خوشلاشقانغا قەدەر، قىزغىن قەلبى ئارقىلىق پۇقرالار بىلەن بولغان «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» بەرپا قىلدى؛
داشۆ ئوقۇتقۇچىسى جوۋ چيەن راك كېسىلى بىلەن ئالتە يىل ئېلىشتى، كېسەل بولغان مەزگىلدىمۇ يەنىلا دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇردى، خىمىيەلىك داۋالاش سەۋەبىدىن بىر قۇلىقى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى تاقاپ تۇرۇپ دەرس سۆزلىدى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدىمۇ تېخى تاماملاپ بولالمىغان خىزمەتلىرىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدى، ھايات ۋاقتىدىكى مۇكاپات پۇلى ۋە ھال سوراش پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىئانە قىلدى؛
تەشكىلات خىزمىتى كادىرى ياڭ خەنجۈن ۋاقتى بولسىلا نامرات كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزىنى ئۇ ھۆددە ئېلىپ يار - يۆلەك بولۇۋاتقان گو موماينىڭ ئوغلى دەپ قاراپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ھارماي - تالماي ئىشلەيدىغان سىيماسى ئارقىلىق بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشىنى ئىزاھلىدى؛
...
جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شەخسىي پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختى ۋە ئامان - ئېسەنلىكىنى كۆزلەيدۇ.
قەھرىمان خەلقنى قەلبىگە پۈكتى، خەلق قەھرىماننى يۈكسەك ئورۇنغا قويدى.
1944 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، شەندۇڭ لىنشۇ ناھىيەسىنىڭ جۇسۈن كەنتىدە 8 - ئارمىيەنىڭ «پولات 8 - ليەن»ىدىكى 24 جەڭچى كەنت ئاھالىلىرى، يۇرتداشلارنى قوغداش ئۈچۈن، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيەگە قارشى قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. شۇ يىلدىن باشلاپ، جۇسۈن كەنتىدىكى پۇقرالار باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى تۇنجى قاچا بەنشىرنى ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىگە قويماي، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش توغرىسىدا قائىدە تۇرغۇزدى.
ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.
«مىليونلىغان ئىشچى - دېھقاننى ئويغىتىپ بىر مەقسەتتە ئىشلەيدىغان» ئىنقىلاب يىللىرىدىن «ئەزىمەتلەر تۇشمۇتۇشتىن قايتتى كەچ ھەيۋەت بىلەن» دېگەن قۇرۇلۇش قىزغىن دولقۇنىغىچە؛ «توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يول ئاچىدىغان» ئىسلاھات مۇساپىسىدىن «بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان» يېڭى دەۋرگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پىداكارلىق بىلەن قۇربان بېرىش ۋە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، بىر - بىرىگە تايىنىش، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە چاقىرىق قىلدى. «بارنىمۇ، يوقنىمۇ تەڭ كۆرىدىغان» بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببەت «ھەقىقىي پولات ئىستىھكام» بەرپا قىلدى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەندە، جاھاندىكى پۇقرالارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ.
دۆلىتىمىز زېمىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم، تىنچ −
«بىز بىر پارلاق داغدام يولنى ئاچتۇق، بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز»
2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، سىچۇەن جۇڭجياڭ ناھىيەسىدىكى خۇاڭ جىگۇاڭ خاتىرە سارىيىدا، يېشىل قارىغاي ۋە ئارچىلار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، بىر مەيدان ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان سادىق قەلبلەرنى رىغبەتلەندۈردى.
«قەھرىمان خۇاڭ جىگۇاڭدىن ئۆگىنىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، غەلىبىگە قاراپ دادىل ئاتلىنايلى!» قەھرىماننىڭ ھەيكىلىگە يۈزلىنىپ، قىزىل لېنتا ئېسىپ، مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقاپ ھەربىي سەپكە قاتناشقان قاتار تىزىلغان يېڭى ئەسكەرلەر ئوڭ مۇشتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بەردى، جاراڭلىق قەسەم پەلەكتە ياڭرىدى.
«مەكتەپ فورمىسىنى سېلىۋېتىپ، ھەربىي فورمىنى كىيدۇق، <ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن> − بىز بىر ئەۋلادنىڭ بۇ قەسىمى قەھرىمانغا بولغان ئەڭ ياخشى تەسەللى». مەكتەپتىن ھەربىي گازارمىغىچە، يېڭى ئەسكەرلەر شەرەپ بىلەن سالاھىيەت ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، ئوتتەك قىزغىنلىققا تولغان ھەربىي گازارمىدا پولاتتەك تاۋلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىدى.
ئالدىنقىلار باشلاپ بەرسە، كېيىنكىلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئېقىنى جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي روھقا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇش −
يەنخې دەرياسى بويىدا، پارتىيە ئەزالىرىنى تايانچ قىلغان باۋتا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتى جاڭ سىدې ئوت ئۆچۈرۈش مۇلازىمەت ئەترىتى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى، ئاۋانگارتلار ئەترىتى بولۇپ، ئادەتتىكى چاغلاردا مۇلازىمەت ئەترىتى، تەشۋىقات ئەترىتى بولۇپ، ساداقەتمەنلىكى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيىتى ئارقىلىق كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق ئىشىنىدىغان «قالتىس يىگىت»لەردىن بولۇشقا تىرىشتى.
چيەنشەن تېغى ئېتىكىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەنشەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ لېي فېڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى «قىزىل جىلىتكە»لىك ئەزالار شەھەر ۋە يېزا - كەنتلەردە توختىماي ئالدىراش يۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ يار - يۆلەك بولۇشنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى؛
قەدىمىي پايتەخت كەيفېڭدا، خېنەن داشۆ جۇغراپىيە ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىلمى بۆلۈمىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى سائەتلىك ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرستە، ئوقۇتقۇچىلار لەنكاۋدىكى بىر «قۇم» دانچىسىدىن باشلاپ سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى جياۋ يۈلۇ روھىدىن كۈچ قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى؛
…
مەيلى بىر ئادەم ئۈچۈن بولسۇن ياكى بىر پارتىيە ئۈچۈن بولسۇن، ئەڭ تېپىلغۇسىز بولغىنى شۇكى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، خىسلىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا ساقلاش.
«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست، ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي روھنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشى مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كەمتەر ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سەگەكلىك بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، جاسارىتىنى مەڭگۈ ساقلاش −
فۇجيەن فۇجوۋدا، بامىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار پاكلىق ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدىكى «قىزىل مالىيە مۇتەخەسسىسى» گاۋ جيېچېڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يازغان بىر پارچە سالام خېتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ.
«بەيچۈەن سەرراپخانىسىغا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قالدىم، ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قوشقاندا ھازىرغىچە 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. دۆلەتنى مۇنقەرز بولۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغاندىلا، مىللەت ئاندىن داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، قەرز ۋە ئۆسۈمىنى بىر تىيىنمۇ كەم قىلماي ۋاقتىدا قايتۇرىمەن...»
«دۆلەتنى قۇتقۇزغاندىلا، ئاندىن ئائىلىدىن خەۋەر ئالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئېتىقادتا چىڭ تۇردى، گەرچە نۇرغۇن مەبلەغنى قولىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى قەرز بولغان تەقدىردىمۇ، بىر پۇڭغىمۇ خىيانەت قىلماي، باشتىن - ئاخىر ئىنقىلاب ئومۇمىيىتىنى شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك خىسلىتى، ئۇلۇغۋار روھى ۋە توغرا كەيپىياتىنى قەغەز يۈزىدە نامايان قىلدى.
«قۇربان بولغان قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ نەتىجە يارىتىش». 1995 - يىلى 1 - ئايدا، ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ «فۇجوۋدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابقا شۇنداق يازدى.
ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، يالغۇز تۇرغاندا ۋە كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى يارىتىپ ۋە تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام تېنىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىدى.
دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي مەڭگۈ كۈرەش قىلىش −
«ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولماسلىق، جاپالىق بولسىمۇ جاپا چېكىشتىن قورقماسلىق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولسىمۇ مەنىۋى مەنزىلنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈش كېرەك».
2006 - يىلى 7 - ئايدا، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. قارلىق ئېگىزلىكتە، يېرىم ئەسىرگە يېقىن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىلىرى قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق باتۇرلۇق بىلەن ھاياتلىق مۆجىزىسى يارىتىپ، نۇرغۇن توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پولاتتەك ئۆتكەلنى پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك روھ ئالدىدا داغدام يولغا ئايلاندۇردى.
ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ.
20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «پەلەك يولى» ساداقەتمەنلىك روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئۆگزىسىدە يېڭى مۆجىزە ياراتتى.
«بىز بىر پارلاق داغدام يولنى ئاچتۇق، بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى رىغبەتلەندۈردى.
كۈرەش قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى يوق، ساقلاپ تۇرماي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.
يەن جاۋ زېمىنىدا، ھەيۋەت بىلەن چىققان كۈچلۈك شامال تاغ - دەريالار ئارىسىدا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى. ئىلگىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار ئۆزىنى بېغىشلاپ، قۇربان بولغان مېھىرلىك تۇپراقتا، «كەلگۈسى شەھەر» شيۇڭئەن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.
2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، «15 - بەش يىل» باشلانغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «باشلامچى بولۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، شيۇڭئەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»قا يېتەكلىدى.
شىبەيپودىكى «يولغا چىقىش» بۇيرۇقىدىن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى «قۇرۇش» بۇيرۇقىغىچە، «ئىككى جەزمەن» تەنتەنىلىك چاقىرىقىدىن «ئۈچ جەزمەن»نىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىنىشىغىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتتى.
1000 كىلومېتىر يىراقلىقتا، غەربىي شىمالدىكى قەدىمىي شەھەر گەنسۇ خۇينىڭدا، «جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1 -، 2 -، 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئۇچرىشىش خاتىرە مۇنارلىرى» ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئۈچ مۇناردىن ھاسىل بولغان ھەيۋەتلىك قىياپەت تارىخقا پۈتۈلگەن 90 يىل بۇرۇنقى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى بايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى مەنىۋى شىفىرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ھېلىھەم ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»، بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لارغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشقا يېتەكلىدى −
«بىز پەقەت قەتئىي غايە - ئېتىقاد ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىنى ساقلىساقلا، ھەربىر ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز، قانداق توزاق، قانداق قورشاپ توسۇش بولسۇن، قانداق قامال لىنىيەسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەينىمىزگە چۆرۈۋېتەلەيمىز!»
تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل، قەھرىمانلىق روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ!
ئەجدادلار ئاچقان پارلاق داغدام يول جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق مەنزىلگە تۇتاشماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مەردانە قەدەم تاشلاپ، توختىماي ئىلگىرىلىمەكتە.
(مۇخبىرلار دىڭ شياۋشى، دۇڭ بوتىڭ، تاڭ جيەنخۇي، خۇ لياۋرەن)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)






