□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
«ئەگەر بۇ ساۋاقداش بولمىغان بولسا، مەن شۇ كۈنى كەچتە قانداق بولۇپ كېتىشىمنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن...» 4 - ئايدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا باھار تۈسى تەدرىجىي قويۇقلاشقانىدى. مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىغان، لياۋنىڭ لياۋياڭدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە ئالاھىدە خەت مەكتەپ قورۇسىدىكى ئىللىقلىقنى بىردىنلا ئاشۇردى.
كونۋېرتتىكى ئىككى ۋاراق قىزىل قەغەز كۆڭۈل قويۇپ قاتلىنىپ لەۋھە شەكلىگە كەلتۈرۈلگەنىدى. خەت يازغۇچى ۋاڭ مىن ئىسىملىك 74 ياشلىق موماي ئىدى. ئۇ ئاددىي خەت ئارقىلىق، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلغۇسىز ئاشۇ ئىللىق ئۇچرىشىشىنى بايان قىلغانىدى.
1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يېرىم كېچە، شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا، ۋاڭ مىن ئاپتوماتىك لىفىتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، دەماللىققا ئورنىدىن تۇرالمىدى. دەل شۇ چاغدا، بىر يىگىت ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدى...
«يىگىت ئاددىي - ساددىي كىيىنگەن، كەم سۆز ھەم ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى.» ۋاڭ مىننىڭ ئەسلىشىچە، يىگىت ئىككىلەنمەيلا يېنىغا بېرىپ ئۇنى يۆلىۋالغان، يەنە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئايروپورتتىكى تېببىي خادىملارنى تېپىپ، ئالدىراش يۈرۈپ قان توختىتىش، تېڭىشقا ياردەملەشكەن، سۇ ئېلىپ كېلىپ دورا ئىچكۈزگەن، ئۇنىڭدا چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئالدىراش كەتكەن. ماڭىدىغان چېغىدا، ۋاڭ مىن قايتا - قايتا سورىغان بولسىمۇ، يىگىت يەنىلا ئىسىم - فامىلىسىنى دەپ بەرمىگەن. كېيىن ئۇ ئايرودۇرۇمدىكى تېببىي خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاندىن بۇ يىگىتنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ «ئالى» ئىسىملىك ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
ۋاڭ مىن «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى» دېگەن سۆزنى ئېسىدە تۇتۇۋالدى. لياۋنىڭغا قايتقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا بوي، چوڭ كۆزلۈك بۇ يىگىتنى دائىم ئەسلەپ تۇردى. ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ بىر پارچە رەھمەت خېتى يېزىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە زاكازلىق ئەۋەتتى.
خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى خىزمەتچى خادىم ۋاڭ مىنغا تېلېفون قىلدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، موماي ئوخشاش بىر جۈملە سۆزنى قايتا - قايتا تەكرارلىدى: «مەن مەكتەپنىڭ ماڭا ياردەملىشىپ بۇ ساۋاقداشنى تېپىپ بېرىشىنى، ماڭا ۋاكالىتەن يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق ياخشى بالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈش كېرەك».
مەكتەپ بىرىنچى ۋاقىتتا «ئادەم ئىزدەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ۋاڭ مىن تەمىنلىگەن ۋاقىت ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئاخىرىدا ئۇنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى كەسپى 2201 - سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان ئابدۇغوپۇر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
ئوقۇتقۇچىنىڭ قايتا - قايتا سورىشى بىلەن، ئالىمجان ئاشۇ كېچىدىكى تەپسىلاتلارنى ئەسلىدى. ئەينى چاغدا ئۇ ئايروپورتتا ئايروپىلان ئالمىشىۋاتقان بولۇپ، سەھەردە ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا يولۇچىلار ئاز ئىدى، ئۇ يىراقتىن بىر ھەدىنىڭ ئاپتوماتىك لىفىتتا يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى، يېنىدا يەنە بىر كىچىك قىزچاقنىڭ بارلىقىنى، يۈك - تاقلىرىنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
«مەن شۇ چاغدا كۆپ ئويلىمايلا دەرھال يۈگۈرۈپ باردىم. ئۇ ھەدىنىڭ چىرايى بەك تاتىرىپ كەتكەن، بېشىمۇ يېرىلغان بولۇپ، توختىماي قان ئېقىۋاتاتتى، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، ئورنىدىن تۇرالمىدى.» ئالىمجان دەرھال ۋاڭ مىننى كۆتۈرۈپ، بىخەتەر جايغا ئېلىپ بېرىپ ئولتۇرغۇزدى، «مەن ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرايمۇ دەپ سورىسام، ئۇ ھاجىتى يوق دېدى، مەن دەرھال ئايروپورتتىكى تېببىي خادىملار بىلەن ئالاقىلەشتىم، يەنە ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئەكېلىپ بەردىم».
ئالىمجان ۋاڭ مىنغا بىر سائەتكە يېقىن ھەمراھ بولدى، تاكى ۋاڭ مىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەم ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئايرىلدى. باشقىلارنىڭ بۇنچە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئالىمجان سەل خىجىل بولغان ھالدا: «بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئاتا - ئانام كىچىكىمدىنلا ماڭا باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەندە ياردەم قىلىش كېرەك، دەپ تەربىيە قىلغان» دېدى.
سىنىپ مەسئۇلى جاڭ شىخاۋ مۇنداق دېدى: ئالىمجان ئادەتتە خۇش مۇئامىلىلىك بالا. سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ئاغرىپ قالسا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ؛ ئۇ ھەمىشە ئۈن - تىنسىز ھالدا ياتاق بىناسىدىكى ئاممىۋى رايونلارنى تازىلاپ قويىدۇ؛ ئۇ يەنە ئىلگىرى مەكتەپ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
ۋاڭ مىنغا دەيدىغان قانداق سۆزىڭىز بار دەپ سورىغاندا، ئالىمجان ئويلىنىۋېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېدى: «ھەدە، سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ. بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، سىزنىڭ ھەردائىم ساق - سالامەت بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن».






