1 - قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرى قوشۇنى تېز شەكىللەنمەكتە
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليون 427 مىڭ 400گە يېتىپ، 1 - قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرى قوشۇنى تېز شەكىللىنىۋېتىپتۇ.
سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى تىپىنىڭ ئۆگىنىش تىپىغا، ماھارەت تىپىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىدىيە يېتەكچىلىكى، ماھارەت ئۆستۈرۈش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىسلاھات «بىرىكمە تەدبىر»ىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىدىيە يېتەكچىلىكى جەھەتتە، «دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش . ماھارەتنى كۈچەيتىش . تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
ماھارەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى، 2025 - يىلى جەمئىي 10 مىڭ 166 نەپەر سانائەت ئىشچىسى مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ماھارەت دەرىجىسىنى بىۋاسىتە ئۆستۈردى. سىستېمىلاشقان تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بۇلتۇر ئۆزگىچە ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ 729 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئەلالارنى تەربىيەلىشىگە مەدەت بەردى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ 46 كەسىپ تەسىس قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرىدىن 4800دىن ئارتۇق كۇرسانت قوبۇل قىلدى، 14 ئاممىۋى ئەمەلىي مەشىق بازىسىدا جەمئىي 242 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى.
2025 - يىلى، شىنجاڭ «ئوقۇش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ھەرىكىتى قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، 35 مىڭ نەپەر سانائەت ئىشچىسىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ماھارىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ ھۈنەرۋەنلىرى» «تىيانشان ھۈنەرۋەنلىرى»نى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيدى، پۈتۈن بىر يىلدا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 48 مىڭى يېڭىدىن كۆپەيدى.
ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تۇرۇپ قالىدىغان، ياخشى تەرەققىي قىلىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ سىياسىي تەمىنات، قانۇنچىللىق كاپالىتى، غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى پۇختىلىدى. چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئاپتونوم رايوننىڭ گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، كېڭەيتىپ قوللىنىلغان ئېلېكتىرونلۇق ئەمگەك توختامى 1 مىليون 350 مىڭ پارچىدىن ئاشۇرۇلدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كوللېكتىپ پاراۋانلىق خىراجىتى ئۆلچىمى يىلىغا كىشى بېشىغا 2000 يۈەن ئىچىدە ئۆستۈرۈلدى، «تۆت پەسىلدە تۆتنى يەتكۈزۈش» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 1 مىليون 493 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.






