تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | ۋېنيۇڭ مەيدانىدا «ساپ مۇھەببەت»كە ۋارىسلىق قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر خەن لى

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باھار شامىلى يۈزگە يەڭگىل ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، خوتەن ناھىيەسىدىكى خېمېي مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق، ناھىيەلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى، گۇڭئەن، مائارىپ، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكىلەر ھەم غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىقلار بولۇپ 500دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر رەتكە تىزىلىپ سۈكۈتتە تۇردى.

شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى چىڭمىڭدا پىيادە مېڭىش باش تېما پائالىيىتى خوتەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، پىيادە مېڭىش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت چىڭىتىلىپ، ياد ئېتىش ئارقىلىق قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى.

سائەت 10دا، دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق خېمېي مەيدانى ئاسمىنىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. سۈكۈتتە تۇرغان بارلىق خادىملار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

«يولغا چىقايلى!» بۇيرۇق قىلغان ھامان، پىيادىلەر سېپى بەلگىلەنگەن لىنىيەنى بويلاپ مېڭىپ، خېمېي مەيدانىدىن ۋېنيۇڭ مەيدانىغا قاراپ پىيادە ماڭدى، ئومۇمىي مۇساپە تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلەتتى. يولدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» قاتارلىق ناخشىلارنى ئۈنلۈك ئېيتتى، ئۇلارنىڭ ناخشا ساداسى ياڭراق، قەدىمى مەزمۇت، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.

پىيادە مېڭىش جەريانىدا، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئاۋازى پات - پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى: «چېن خۇڭجۈن، چېن شياڭرۇڭ، شياۋ سىيۈەن، ۋاڭ جورەندىن ئىبارەت تۆت نەپەر چېگرا مۇھاپىزەت قىلىش قەھرىمانى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىدى، ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭ ياشلىق جىسمى ئارقىلىق ۋەتەننى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھاياتى ئارقىلىق <ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن> دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.»

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ رۇي پىيادىلەر سېپىدە ماڭغاچ، ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى: «مېڭىش جەريانىدا، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى قايتا ئەسلەپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ تەسىرلىنىشنى ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ھەم ئوقۇتۇش ھەم ئادەم تەربىيەلەشتە ئەستايىدىل بولىمەن.»

سەپتىكىلەر ۋېنيۇڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، قۇياش نۇرى ھەيكەلگە چۈشۈپ تۇراتتى. 2025 - يىلى 9 - ئايدا پۈتكەن بۇ «ۋېنيۇڭ − كوئېنلۇن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قوغدىغۇچىلار توپىنىڭ ئوبرازى»نى چىڭخۇا داشۆ گۈزەل - سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى كوللېكتىپ ئىجاد قىلغان. مەيداننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئالدى كۆرۈنۈش ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭنىڭ بىرونزا ھەيكىلى بولۇپ، كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپەتتە تۇراتتى؛ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى تاغ گەۋدىسىگە تۆت نەپەر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ توپ ئوبرازى تەشمە نەقىشلىك قىلىپ ئويۇلغان بولۇپ، قەھرىمانلىق روھىنىڭ ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، تۈمەن چاقىرىملىق تاغ - دەريالار بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.

«چېن شياڭرۇڭنىڭ ئانىسى ئوغلۇم باتۇرلۇق كۆرسەتتىمۇ - كۆرسەتمىدىمۇ دەپ سورىدى؛ ئۇ تەڭداشسىز باتۇرلۇق كۆرسەتتى، جۇڭخۇا زېمىنىنى جۇلالاندۇردى دەپ جاۋاب بېرىلدى...» ۋېنيۇڭ خور ئۆمىكى «چېن شياڭرۇڭنىڭ ئانىسىنىڭ چېن شياڭرۇڭنىڭ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن - كۆرسەتمىگەنلىكىنى سورىشى» ناملىق ناخشىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتتى، ناخشا ساداسى مەيدان ئاسمىنىدا ياڭرىدى. ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا بېرىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. ئۈچ قېتىم تەزىم قىلغاندا، پۈتۈن مەيدان جىمجىتلىققا چۆمدى، پەقەت باھار شامىلىنىڭ گۈل سېۋىتىنى سىيپاپ ئۆتكەن ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

«گۇڭئەن خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ماكانىمىزنى قوغداش، تىنچ - ئامانلىقنى قوغداش بىز ۋە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قەھرىمانلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچىمىز.» خوتەن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىلمىنۇر ئىمىرئابدۇللانىڭ ئاۋازى سەل بوغۇلۇپ چىقتى: «ئۇلار ھاياتى بەدىلىگە چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى بەرپا قىلدى، بىز قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق تىنچ - ئامانلىقنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا تەسەللى بېرىشىمىز، تاغ - دەريالارنى قوغدىشىمىز كېرەك.»

خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كاڭمىڭ ھەيكەلنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، گۈل تەقدىم قىلىش سېپىدىكىلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا چىڭمىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈشتە، ۋارىسلىق قىلىش ئەڭ ياخشى ياد ئېتىشتۇر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتە دەل ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قەھرىمانلىرىنىڭ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، <ساپ مۇھەببەت>نى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشى ئۈمىد قىلىنغان.»

بۈگۈنكى كۈندە، ۋېنيۇڭ مەيدانى، ۋېنيۇڭ يولى شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مۇھىم بازىسىغا ئايلاندى، ھەر قېتىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئامما، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن بۇ جايغا كېلىپ قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.