− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (4)
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن چېڭ
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تەرەققىيات تېمىسى، ھەم ئىسلاھات تېمىسى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇشنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ھازىر بار بولغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەڭشەشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر تۈزۈلمە - مېخانىزم ياخشى بولمىسا، يېڭىلىق يارىتىش، راۋاجلاندۇرۇش، قوللىنىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا ئاسانلا توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا شەكىللىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ماس كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ.
«ئىسلاھات − ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، دۆلەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى مۇپەسسەل ئىزاھلاپ بەردى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈگىتىلدى، يېڭى قۇۋۋەت توپلىنىپ ئەۋزەللىك بولۇپ شەكىللەندى، يېڭى ئەۋزەللىك ئۈزلۈكسىز يارىتىلدى. ھالبۇكى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتى داۋامىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى، بازار ئىجازىتى قاتارلىق ساھەلەردە توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا ھېلىھەم مەۋجۇت، بىر قىسىم ئەنئەنىۋى تۈزۈلمە - مېخانىزم بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ماس كەلمەسلىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى چۈشەپ قويىدىغان «شەكىلسىز كىشەن»گە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق توسالغۇ - نۇقسانلارنى تۈگىتىش، يول ئېچىپ كۆۋرۈك سېلىش كېرەك.
«ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىقلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك» «يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراپ راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»... ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان 300 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىدە، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىدا دىققەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكنى تېز يارىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە تايىنىدۇ. دىققەتنى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئىجادىي تەقسىملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
بۇ يىل 1 - ئايدا، گۇاڭجوۋنىڭ شەھەر ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات بوشلۇقى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئالاقە تورىدا كۆرۈش ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىپ، تېخنىكا توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش، سانلىق مەلۇماتلارنى تۇتاشتۇرۇش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن باراۋەر ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلدى. 2025 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئون رايوندا ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى كۈچەپ تۈگىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامىللارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشۇرما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ئامىللار بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار بۆلۈنۈشىنى تۈگىتىپ، تاۋار ئامىل بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنىڭ تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرولۇق ئامىل. دىققەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا قوشۇنىدا غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى ساقلانماقتا، بۇنىڭ ئاچقۇچلۇقى پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىل يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك.»
پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ «كىتاب جازىسى»دىن «مال جازىسى»غا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىسى مۈلكىنى ئايرىم باشقۇرۇش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتتى. ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدە، 40 ئورۇندىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ 4000 تۈردىن ئارتۇق نەتىجىسىگە ھوقۇق بېرىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇلدى.
پەن - تېخنىكا سىياسىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچەيتىلىپ، پەن - تېخنىكا بىلەن مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەر تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلدى، ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى؛ دۆلەتنىڭ زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىسىنى تەشكىللەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خىراجەتنى «ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى؛ پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى تۈزۈلمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى سىياسىتىگە دائىر «بىرىكمە تەدبىر» يولغا قويۇلدى؛ پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى مېخانىزمىنى ئورنىتىش، يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى تۈزۈم جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى... دىققەت پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر قاتار ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنىڭ تولۇق قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئادەم ئەڭ جانلىق ئامىل، شۇنداقلا ئەڭ ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئىگە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپى بويىچە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش، مۇۋاپىق يۆتكەش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.»
فۇدەن داشۆ شياڭخۇي تەتقىقات ئورنىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىغا ئون يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق دەۋرىيلىك مەدەت ۋە ئىلھام بېرىلىپ، «ئومۇمىي ساۋاتقا قارشى، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك» بولغان ئەركىن ئىزدىنىش قانات يايدۇرۇلۇپ ئالىملار «سوغۇق ئورۇندۇق»تا چىڭ ئولتۇرۇپ، ئىلىم - پەندىكى «ئادەمسىز رايون»غا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپەت، ئەمەلىي ئۈنۈم، تۆھپە يېتەكچى قىلىنغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن «قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» ئارقىلىق ئالىملارنىڭ دادىل ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىشكىچە؛ ئۈچ قېتىملىق يۈكنى يېنىكلىتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچۈن چۈشەكنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىشتىن ئۆگىنىش ئىستىلى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشقىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھات تەدبىرلىرى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرىكمە تىپتىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى قوشۇنىغا ئىگە بولدى.
«15 - بەش يىل»نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى، ئەمگەك ئوبيېكتى ھەم ئۇلارنىڭ سەرخىل بىرىكىپ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتىنى تولۇق قوزغىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)






