تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى كۈن بويىچە ھېسابلاشتىن سېكۇنت دەرىجىلىك، سائەت دەرىجىلىك ھېسابلاش دەۋرىگە قەدەم قويدى
دۆلىتىمىز ماللىرى يېڭى يىپەك يولى ئارقىلىق غەربكە تېز توشۇلماقتا
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كېچە - كۈندۈز ئۇچقاندەك قاتنىدى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئۆيلىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، ھەرقايسى پورتلاردىكى يۈك مەيدانىغا ئاپتوموبىللار توختىماي كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى... يېڭىلا كېسىپ تەييارلانغان ئەتىرگۈلدىن كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارغىچە، يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغىچە، جۇڭگو ياسىغان بارغانسېرى كۆپ مەھسۇلات شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سېتىلدى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 71 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 17.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىسىدا پورتنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ سىجىل ئۆسكەنلىكى بار، بۇ، دۆلىتىمىز ماللىرىنىڭ يىپەك يولىنى بويلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىدەك كۈچلۈك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلار تېز سۈرئەتتە دۇنياغا يۈزلەندى
يېقىندا، تورغات پورتىدا ئېكسپورت تاۋارلىرى لىپمۇلىق قاچىلانغان ئاپتوموبىللاردىن تەشكىللەنگەن «پولات كارۋان» قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەككە تەرتىپلىك يۈرۈپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، تورغات تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان ئېكسپورت تاۋارلىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل 7749غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %254 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەدرىجىي قەدەم قويدى، كان قېزىش، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك ئاپتوموبىللارغا بولغان ئېھتىياجى داۋاملىق تېز ئاشتى. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى ھەم ياخشى، ھەم ئەرزان، ئىقتىدارى مۇكەممەل، پەن - تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بازىرىدىكى ئاساسلىق تاللاشقا ئايلاندى. جۇڭگو - قىرغىزىستان چېگراسىدىكى قۇرۇقلۇق يولى پورتىغا تايىنىپ، قىرغىزىستان ئاخىرقى ئۇچ ئىستېمال بازىرىدىن ئۆتەڭ سودىسى تۈگۈنى بولۇشقا يۈزلىنىپ يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «جۇڭگو ماركىسى»نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا تېخىمۇ كەڭ بازارغا كىرىشىدىكى يادرولۇق دەرۋازىغا ئايلانماقتا.
مال تۈرلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى شىنجاڭ تاشقى سودىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئېكسپورتىدىكى بىرىنچى چوڭ مەھسۇلات تۈرى ئورنىغا چىقىپ، ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54 ئېشىپ، ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.4ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، چىراغ، يورۇتۇش قۇرۇلمىلىرى، ئېلېكتىر - ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %48، %46، %95.7، %22.7، %30.8 ئاشتى. قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار تەدرىجىي ھالدا ئەنئەنىۋى ئۇششاق تاۋارلارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، شىنجاڭ پورتلىرى ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەنمەكتە.
بىرىنچى سەپتىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئۆزگىرىش تېخىمۇ بىۋاسىتە بولدى. 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قورغاس تاشيول پورتىنىڭ ئېكسپورت ماللىرىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەيدانىدا، قورغاس دېنو خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى رۇسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىغا ئەۋەتىدىغان 80 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يولغا سېلىنىشقا ھازىرلانغانىدى. «ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىركىتىمىز ۋاكالىتەن ئېكسپورت قىلغان تاۋار ئاپتوموبىل بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل %70نى ئىگىلىدى، زاكاز يېتەرلىك» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ يەنخۇ.
ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىنىشى ئاپتوموبىل ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. قورغاس سىلۇ فېيچى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈك مەيدانىدا، ئىككى كىران «ئۇزۇن يەلكىسى»نى كېرىپ، خۇددى پولات - تۆمۈر گىگانت ئادەمدەك ياخشى ماسلىشىپ، ئۇزۇنلۇقى 95 مېتىر كېلىدىغان شامال ئېلېكتىر چاقپىلىكىنىڭ قانىتىنى مۇقىم كۆتۈرگەندىن كېيىن، تەكشى تاختىلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا دەل جايىغا قويدى. يۈك مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىگە نەچچە ئون يۈرۈش شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى.
بۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى بېكبولات ئەلىبېك مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېھتىياجنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىركىتىمىز ئېكسپورت قىلغان شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى سەككىز يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى».
بۇلاردىن باشقا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، جۇڭگودا ياسالغان قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ماللارنىڭ شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشتى.
يول ئىقتىسادى كەسىپ ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتتى
يول ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا، كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئۇلى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تېز سۈرئەتتە تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نوقۇل ھالدىكى مالنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈش، ئوبوروت مىقدارى بويىچە يۆتكەپ توشۇشتىن مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە كەسپىگە قويۇش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇپ، پورتنىڭ يول ئەۋزەللىكىنى كەسىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈردى.
ھازىر، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى، گازىر پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشمەكتە، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بويىچە يۈرۈشلەشكەن مەشغۇلات ماس قەدەمدە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا. پىششىقلاپ تاماملانغان ئەلا سۈپەتلىك، خاس مېغىز تۈرىدىكى تۈركۈم - تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاچىلىنىپ توشۇشقا تەييارلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى پورتلار ئارقىلىق مەملىكەت سىرتىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىش مىقدارى جەمئىي 3161.4 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.2 ئاشتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار شۇ جاينىڭ مەۋقەنى خاس يېزا ئىگىلىكىگە قويغانلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشقا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا، يول ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى.
«مەملىكەت سىرتىدىن كېلىدىغان زاكاز بارغانسېرى كۆپىيىپ، خەلقئارا بازارنى ئېچىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى» دېدى شىنجاڭ شاڭلى خۇڭرۇن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ ۋېنخاۋ ھاياجانلانغان ھالدا.
يولنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم تىرەك. «جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، دېڭىز تىرانسپورتىغا قارىغاندا سۈرئىتى تېز، ھاۋا تىرانسپورتىغا قارىغاندا تەننەرخى تۆۋەن، يەنە كېلىپ دەۋرىيلىكى مۇقىم بولغاچقا، خېرىدارلار ناھايىتى ئېتىراپ قىلىدۇ.» شىنجاڭ شۈنجيا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى چېن لۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركىتىمىز ۋاكالىتەن ماڭدۇرغان نۆۋەتچى پويىز 120 نەچچە قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشتى؛ يۈك تىرانسپورت مىقدارى 210 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى».
جۇڭگو − ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىشتىكى «تېز سۈرئەتلىك يول»نى ئېچىپلا قالماي، يەنە كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يول ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى خاس يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ كەسىپ ئاساسىي گەۋدىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يولنىڭ ئوبوروت مىقدارىنى كەسىپنىڭ ئاشۇرما مىقدارىغا ئايلاندۇرۇپ، «مال ئۆتكۈزۈش»تىن «مالنى ئېلىپ قېلىش»قىچە، «يول»دىن «كەسىپ»كىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
3 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چىڭچۈەن گۈل - گىياھ، مايسا - كۆچەت كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش سىيمالارنى كۆرگىلى بولاتتى، گۈلچى دېھقانلار ئەتىرگۈلنى ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بۇ ئەتىرگۈللەر قورغاس پورتى ئارقىلىق تاجىكىستانغا ئەۋەتىلىدۇ.
«كەسىپلەر باغچىسى جەمئىي 7 مىليون تۈپتىن ئارتۇق مايسا - كۆچەت ئېكسپورت قىلدى، ئاسىيا - ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە سېتىلدى.» قورغاس جىڭخەن ئېكولوگىيەلىك باغ - ئورمان كۆكەرتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جۈنجۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا سىجىل بازار تاپتى، مەملىكەت سىرتىدىكى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى مۇقىم ئاشتى.
ئاقىل پورت دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماللارنىڭ ئاسىيا - ياۋروپادا بازار تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلدى
3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، لىق يۈك بېسىلغان 12 يۈك ئاپتوموبىلى چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، بەدەل پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستانغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ پورت بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق تاموژنىدىن ۋاقىتلىق ئۆتۈشنى كۈتۈۋالدى.
ئاقسۇ تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو شى مۇنداق تونۇشتۇردى: پورتتا تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ تاموژنىسى مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتچى خادىملارنى نەق مەيداندا ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش - تەڭشەشكە ئەۋەتىپ، ئېكسپورت كارخانىلىرى بىلەن زىچ ئۇدۇللىشىپ ماللارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەلۇم قىلىش، تەستىقلاش، تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت پۈتۈن تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىن مۇلازىمەت قىلىش ۋە تەرتىپنى قايتا ئورنىتىش ئارقىلىق، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.
ئالاتاۋ، قورغاستىن جېمىنەي، تايكېشكېنغىچە، شىنجاڭدىكى پورتلار ئاقىللاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يادرو قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمىدە ھالقىما ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
نۆۋەتتە، چېگرادىن كىرىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ شىنجاڭ پورتلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولۇشتىن 16 سائەت ئىچىدە بولۇشقا قىسقاردى، قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزغا مالنى يۆتكەپ قاچىلاشقا ئوتتۇرىچە تەخمىنەن ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، چېگرادىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى بىر سائەت ئىچىدە بولۇشقا قىسقاردى؛ ئالاتاۋ پورتىدا يەنە چېگرادىن كىرىدىغان نۆۋەتچى پويىزنى «سېكۇنت دەرىجىسىدە ئۆتكۈزۈش» تېخىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چېگرادىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئەڭ تېز بولغاندا 20 مىنۇتتا بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولالايدۇ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى كۈن بويىچە ھېسابلاشتىن سېكۇنت دەرىجىسىدە، سائەت دەرىجىسىدە بولۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشى، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تېخنىكا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت قوش تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ. 2020 - يىلى تاموژنا باش مەھكىمىسى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتتى، 2021 - يىلى «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، ھەربىر نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتى تەخمىنەن ئۈچ سائەت تېجەپ قېلىندى؛ 2025 - يىلى ئۈرۈمچى تاموژنىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ «ئاقىل تۆمۈريول پورتى + تەۋەلىك بويىچە تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۆۋەتچى پويىزلارنى «سېكۇنت دەرىجىسىدە ئۆتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى...
3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، TIR (خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئەھدىنامىسى) سىستېمىسى بەلگىسى ئېسىلغان يۈك ساندۇقلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت +TIR» خەلقئارا تىرانسپورت كەسپىنىڭ شىنجاڭغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلىشىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئۈچۈن يېپيېڭى يول ئاچقانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئەركەشتام پورتى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇرۇقلۇق يولى پورتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىرغىزىستان بىلەن تۇتىشىدىغان، دۆلىتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن.
«ئىلگىرى بىز ماللىرىمىزنى ئۆزبېكىستانغا توشۇغاندا، قىرغىزىستاندا تەكشۈرۈش ۋە ئالماشتۇرۇپ قاچىلاشقا توغرا كەلگەچكە، تەرتىپ بىرقەدەر مۇرەككەپ ئىدى. ھازىر <كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت +TIR> ئەندىزىسى ئارقىلىق، پۈتۈن مۇساپىدە <بىر قېتىملا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، يۈك ساندۇقىنى ئاچماسلىق، بىر يۈك ساندۇقى بىلەن ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش> ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئالاتاۋ ئەيسېنتې خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قەشقەر شۆبە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ لۇڭچى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئەندىزە تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە كارخانىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىمىزنى چېگرا ھالقىغان سودىغا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ پورتنى كۆۋرۈك، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قانات قىلىپ، پورتنىڭ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يول ئىقتىسادىدىن پورت ئىقتىسادىغا، ماكانلاشقان ئىقتىسادقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولماقتا. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي بولغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بارغانسېرى كۆپ ماللار «پولات كارۋان» ئارقىلىق شىنجاڭدىكى پورتلاردىن چىقىپ، ئاسىيا - ياۋروپادىكى كەڭ بازارغا يۈزلەندى. شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە، سىرتقا ئېچىۋېتىش بىلەن رايون ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.






