تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (3)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ يۈەن

كەسىپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قويۇپ بىرتۇتاش ئويلاشتى، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى: 2023 - يىلى تۇنجى قېتىم يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى يېتەكلەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى؛ شۇنىڭدىن كېيىن، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھىم يىغىن، جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇش قاتارلىق مۇھىم سورۇنلاردا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «14 - بەش يىل»دا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مۇقىم ئۆسۈپ يېتىلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.2 ئاشتى، ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم «گۇمپا ھالىتى»نى نامايان قىلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار «سۈرئەتنى تېزلەتتى». تۈرلۈك ئىجادىي تېخنىكىلار تەجرىبىخانىلاردىن چىقىپ، تەرەققىي قىلىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نام كارتىسىغا ئايلاندى، بۇنىڭ ئارقىسىدا دەل تېز بەرپا قىلىنىۋاتقان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تەمىنلىگەن كەڭ قوللىنىش ھالىتى، بازار بوشلۇقى بار.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەش تېخىمۇ زۆرۈر.

دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ سىستېمىسىدا، ئەنئەنىۋى كەسىپ ئاساس، ئەۋزەللىك، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلايدىغان ئاساسىي ھالەت، شۇنداقلا يېڭى كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى، يېڭى سۈپەتلىك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەكمۇ - يوق؟ بەزى جايلار ۋە كارخانىلارنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس» «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىقمۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ».

خۇنەن جياخې قۇيمىچىلىق كەسپىدە تېخنىكا يېڭىلاشقا تۈرتكە بولدى، مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرىكى «توننا بويىچە سېتىش»تىن يۇقىرى دەرىجىلىك زاپچاس بازىرىغا يۈزلەندى؛ گۇاڭدۇڭ فوشەن ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئېمال ماتېرىيالى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىشۇرۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى؛ شەندۇڭ رىجاۋ پولات - تۆمۈر كەسپىدە رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بەزى كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىدە رەقەملىك كونترول قىلىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇردى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە تايىنىپ يېتىلدۈرۈلگەن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز راۋاجلانماقتا...

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بارغانسېرى كۆپ جانلىق پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئەمەس، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەندىلا، كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، يېڭى كەسىپ، يېڭى مۇسابىقە يولى بەرپا قىلىشنى زۆرۈر تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش» «يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش» خىزمىتىدە باش ئورۇنغا قويۇلدى. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ، 200 مىليارد يۈەن پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاشقا مەدەت بېرىلىدۇ... تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلار تېخىمۇ كۆپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولماقتا.

يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كۆلەملەشكەن كەسىپلەر توپىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، «بىر كەسىپ يۈز كەسىپنى يېتەكلەش»نىڭ كۆپەيتكۈچى تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، بىيوتېببىي دورا، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق ئالتە چوڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈۋرۈك كەسىپكە ئالاقىدار مەھسۇلات قىممىتى 2025 - يىلى 6 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، 2030 - يىلىغا بارغاندا كېڭىيىپ 10 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم بىر قاتار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆز خاسلىقى، ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپى قۇرۇش» «يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش»...

گۇاڭدۇڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە تۇتۇش قىلدى؛ شاڭخەي eVTOL (توكلۇق تىك ئۇچۇپ قونىدىغان ئۇچقۇ)، سودا راكېتاسى قاتارلىق ئىجادىي مەھسۇلاتلار ئارقىلىق كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشنى تېزلەتتى... مۇخبىر يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايدا، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇۋاتقانلىقىنى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىيات ئېگىزلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېلەچەك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇنياۋى كەسىپلەر رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەشەببۇسكار تاللاش، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم توختالدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەۋقەنى ئوبيېكتىپ شارائىتقا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچەك كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

«كېلەچەك كەسىپلەرنى پۈتۈن زەنجىرلىك يېتىلدۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ» «كېلەچەك كەسىپلەر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ» «بىر تۈركۈم دۆلەت كېلەچەك كەسىپلەر تەتقىقات ئورنى ۋە ئۇقۇمنى دەلىللەش مەركىزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ»... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ دىققەت تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار سانلىق مەلۇمات توپلىمى ئوچۇق كودلۇق مەھەللە قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، يەرشارى بويىچە تۇنجى كىرگۈزۈش شەكلىدىكى مېڭە - ئۈسكۈنە ئۇلاش داۋالاش ئۈسكۈنىسى تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىندى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى... بۇ باھاردا، دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەر «يېڭى» پوتېنسىيال ئېنېرگىيەگە قاراپ سىجىل توپلاندى.

يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش ۋە كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىككى تەرىپى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ياكى ئۇنى، ياكى بۇنى تاللايدىغان مۇناسىۋەت ئەمەس.

سانائەت ئالاقە تورى ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە سىڭىشىپ، زاۋۇتلارنىڭ رەقەملىك - ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى؛ كىۋانتلىق ئىنچىكە ئۆلچەش تېخنىكىسى يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ساھەسىدە ئەمەلىيلىشىپ، كەسىپتىكى ئاغرىق نۇقتىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنىڭ تاۋارلىشىشىنى تېزلەتتى؛ بىرىكمە بىيولوگىيە بىلەن ئەنئەنىۋى خىمىيە سانائىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى ھۈنەر - سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈردى...

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلەر پەلەمپەيسىمان داۋاملىشىدىغان، قوش يۆنىلىشتە كۈچ قوشىدىغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. ھەم ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى بولۇشقا يۈزلىنىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارى، بوشلۇقىنى، ھەم يېڭى كەسىپلەرنى تىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقى، تىرەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش، شۇنداقلا يېڭى كەسىپلەرنى كەلگۈسىدە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىپ كۈچىگەندىلا، ئاندىن يېڭى قۇۋۋەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» «پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىل ئەندىزىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك»، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى ۋە پەن تەتقىقات شارائىتىدا پەرق مەۋجۇت، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات شارائىتىغا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلار ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن بىرتۇتاش ئويلىشىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تاللاش ئاساسىدا تۈرتكە بولۇپ، ھەم ھازىر بار بولغان ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەشنى، ھەم يېڭى ئېشىش بوشلۇقىنى ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش پوتېنسىيال ئېنېرگىيە توپلىدى، كەسىپلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى پۇختىلاپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىپ، كېلەچەك كەسىپلەرنى پىلانلاپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ماددىي تېخنىكا ئاساسى سالايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.