مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2010-يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى جەمئىي 304 مىليارد 360 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %30كە يېقىنىنى ئىگىلىگەن.
بۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى تەخمىنەن 92 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالغانغا، تەخمىنەن 249 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدى، تەخمىنەن 780 مىڭ توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە، 11 مىليارد تۈپتىن ئارتۇق يېشىل دەل- دەرەخ تىكىش ئۈنۈمىگە باراۋەر بولۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ بۇلغاشنى ئازايتىش-كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.







