تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

بۇ نەرسىلەرنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىز پارتلاپ كېتىدۇ

كۈندىلىك تۇرمۇشتا

نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى دائىم چاقماق، مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى

قاتارلىق بۇيۇملارنى خالىغانچە ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويىدۇ

لېكىن، بۇ خىل قىلمىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ

يېقىندا، خېنەن پىڭدىڭشەندە

بىر ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىل ئىچىدە سۆزلىشىش ئاپپاراتىغا توك قاچىلىغاندا

سۆزلىشىش ئاپپاراتى تۇيۇقسىز ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىپ

ئاپتوموبىل مەركىزى كونترول سۇپىسىنى

كۆيدۈرۈپ بىر قاپقارا چوڭ تۆشۈك چىقىرىپ قويغان

ئالدى شامال توسۇش ئەينىكىمۇ چېقىلىپ «ئۆمۈچۈك تورى»غا ئوخشاپ قالغان

بەختكە يارىشا ئادەم يارىلانمىغان

بۇزۇلۇپ كەتكەن مەركىزى كونترول سۇپىسى ۋە ئالدى شامال توسۇش ئەينىكى. مەنبەسى: جۇڭگو ئوت مۇداپىيەسى

بۇ ھادىسە

يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىككە بىخەتەرلىك سىگنالى بەردى

تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ

قۇياش نۇرى تىك چۈشكەن يېپىق مۇھىتتىكى ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ

تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃60تىن ℃70قىچە يېتىدۇ 

قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بەزى بۇيۇملار

بەلكىم ھەر ۋاقىت «قەرەللىك بومبا»غا ئۆزگىرىشى مۇمكىن

بۇ بۇيۇملارنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويماڭ

پارتلاپ كېتىشى مۇمكىن

   1. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە توكدان. توكداننىڭ باتارىيەسى مۇقىم بولمىغاچقا، ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ قىسىم ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا لىتىيلىق باتارېيە ئىشلىتىلىدۇ، بىرقەدەر يېپىق ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا تومپىيىپ قېلىش، ھەتتا پارتلاش يۈزبېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ لاياقەتسىز ياكى يېڭىلانغان توك ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن ناچار توكدانلار تېخىمۇ خەتەرلىك.

   2. چاقماق. ئادەتتىكى چاقماقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇيۇق ھالەتتىكى بۇتان بولۇپ، ئاسان يانىدۇ ۋە ئاسان پارتلايدۇ. سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا، ئاپتوموبىل ئاپتاپقا قاقلانغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃60تىن ℃70قىچە يېتىپ، ئاسانلا چاقماقنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چاقماقنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويماسلىق، بولۇپمۇ پىرىبورلار دىسكىسى قاتارلىق قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان جايلارغا قويماسلىق كېرەك.

   3. قۇتىلىق تۇمانلىتىپ پۈركۈگۈچ. چاچ يېلىمى، ساقال ئېلىش كۆپۈكى، ھاشارات يوقىتىش دورىسى، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ قاتارلىق قۇتىلىق تۇمانلىتىپ پۈركىگۈچلەر ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىدە قۇياش نۇرى ئاستىدا قالسا، قۇتا ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، قۇتا گەۋدىسىنىڭ بېسىمغا چىدامچانلىقىدىن ئېشىپ كەتسە، شىددەتلىك پارتلاش يۈزبېرىدۇ.

   4. مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى، خرۇستال شار، كۆزەينەك. بۇ خىل كۆپۈنگۈ لىنزا ئۈنۈمىگە ئىگە بۇيۇملار ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىدىكى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان جايغا قويۇلسا، خۇددى لوپا ئەينەككە ئوخشاش نۇر يىغىدۇ، بۇ يىغىلغان نۇر ئاپتوموبىل ئىچىدىكى يېنىشچان ماددىلارغا ئۇزاق ۋاقىت چۈشۈپ تۇرسا ئاسانلا كۆيۈرۈۋېتىدۇ.

 قۇياش نۇرى ئۇزاق ۋاقىت چۈشكەن كۆزەينەك قەغەز قول ياغلىقنى كۆيدۈرمەكتە.

   5. كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك. كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىدى بولۇپ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغاندا ئاسانلا كۆپۈپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا گازلىق سۇنى ئۇياق-بۇياققا چايقىسىڭىز، بوتۇلكا ئىچىدىكى بېسىم ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، پارتلاش خەۋپى كۆرۈلىدۇ.

   6. سۇيۇق ئەتىر. ئەتىر تەركىبىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى ئادەتتە %80~%40كىچە بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھىم ئېتىلگەن شارائىتتا تېز سۈرئەتتە پارلىنىپ، ئىسسىقلىق مەنبەسى ياكى ئوتقا يولۇققاندا ئاسانلا كۆيۈپ، ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغان ئەھۋالدا، ئەتىر قۇتىسى لوپا ئەينەككە ئوخشاش فوكۇسلاش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر فوكۇسلاش ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارغا مەركەزلەشسە ئوت ئاپىتى خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.

ئاپتوموبىلغا ئوت كەتسە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

   تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلىمەكتە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا، ئاپتوموبىلمۇ ئۇزاق مۇددەت رېمونت قىلىنماسلىق، ماي يولى، سىم يولى كونىراپ كېتىش ياكى ئۇزاق ۋاقىت ھەيدەش ماتور بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىش، سىم يولى يۇمشاپ كېتىش، سويۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كەتسە، قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

   1.  بولسا تېزدىن ئۆچۈرۈش. يېنىك ئىس-تۈتەك چىقسا ياكى قىسمەن كىچىك دائىرىدە ئوت كەتسە، ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەدىيالى، قۇم بىلەن ئوت مەنبەسىنى يېپىش كېرەك.

   2. ئوتتۇراھال ئوت بولسا ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىشنى توسۇش. ئەگەر ئوت يالقۇنى يوچۇقتىن ئېتىلىپ چىقسا، موتور قاپقىقىنى بىۋاسىتە ئاچماي، ئالدى بىلەن بىر كىچىك يوچۇقنى ئېچىپ ئوت ئۆچۈرۈش دورىسىنى پۈركۈپ، ئىس-تۈتەك تۈگىگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن تازىلاپ، ئوكسىگېن بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىششىشنىڭ پارتلاپ كۆيۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   3. كۈچلۈك ئوت بولسا تېز قېچىش. ئەگەر ئوتنى كونترول قىلغىلى بولمىسا ياكى ئوتنى ئۆزى ئۆچۈرەلمىسە، دەرھال ئاپتوموبىلدىن يىراق تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە 119 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراش ھەم ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.