سىز مۇنداق ھېس قىلامسىز:
ھەر ئايدا مائاشىڭىزدىن تۇتۇپ قېلىنىۋاتقان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى
ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا چىقىرىشتىن باشقا
پەقەت ھېساباتتا جىمجىت ياتىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە
تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى بىر
ئۆزىدە «پۇل كۆپىيىش» ئىقتىدارى بار خەزىنىسىمان ھېسابات
ئۇ ھەم سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك كۈچ بېرىدۇ
ئۆسۈم نىسبىتى %1.50!
كۆپ ساندىكى بانكىنىڭ قەرەللىك ئامانەت ئۆسۈمىدىن يۇقىرى
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن
تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىدىكى ئامانەت پۇلغا
بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ
ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى %1.50 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ
بىز بىر قىسىم بانكىلارنىڭ
بىر يىللىق توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆرۈپ باقايلى
(2026-يىلى 3-ئايغىچە)
↓↓↓
بايقىدىڭىزمۇ
سىزنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىڭىزدىكى پايدا
ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى بانكىلارنى قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈمى جەھەتتە
جىمجىتلا «ئۇتۇپ چىقتى»
بانكىلارنىڭ قەرەللىك ئامانەت پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى
مەيلى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىڭىزدىكى پۇلنى چىقىرىڭ ياكى چىقارماڭ
تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بىردەك مۇقىم تۇرىدۇ
ئۆسۈم پەقەت دىرى ۋە ئامانەت قويغان ۋاقتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
«دومىلىما پايدا ئېففېكتى»نى ئاپتوماتىك ئىشقا ئاشۇرىدۇ
بۇنىڭدىن باشقا
تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتى
يەنە ئاپتوماتىك ھالدا «دومىلىما پايدا ئېففېكتى»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ
ھەر يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مەركىزى
شۇ يىللىق ئۆسۈمنى قەرەللىك راسچوت قىلىدۇ ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزىدۇ
ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ
بۇ بىر قىسىم ئۆسۈممۇ ئۆسۈم پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ
ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىش ھاجەتسىز
سىستېما ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەر يىلى دەل ۋاقتىدا ھېساباتقا كىرىدۇ
بانكىغا بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇش ھاجەتسىز
ھېچقانداق مالىيە باشقۇرۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشمۇ كەتمەيدۇ
سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىڭىزنىڭ
ھازىرغا قەدەر
قانچىلىك ئۆسۈم راسوت قىلغانلىقىنى بىلدىڭىزمۇ؟
تۆۋەندىكى ئىككى خىل يول ئارقىلىق
ھېسابات تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ
1. ئۆلكە دەرىجىلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى APP ← باش بەت ← تەپسىلىي ھېسابات ← قالدۇق سومما تەپسىلىي باش ھېساباتى
2. مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئاممىۋى مۇلازىمىتى ← مۇلازىمەت ← تاپشۇرۇش تەپسىلاتى ← ھەممىسى
دەرھال شەخسىي ھېساباتىڭىزدىكى تەپسىلىي ھېساباتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ






