تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرۇپورت سىرتقا مەڭگۈلۈك ئېچىۋېتىلدى!

   3-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى غۇلجا باشقۇرۇش شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى سىرتقا مەڭگۈلۈك ئېچىۋېتىشنى رەسمىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاقىتلىق تىجارەت قىلىشنى دائىملىق تىجارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى، قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن كېيىن شىنجاڭدا دائىملىق ئېچىۋېتىلگەن ئۈچىنچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پورتىغا ئايلانغان، بۇ ئىلىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئاۋىياتسىيەنى خەلقئارالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 

  ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى (ماتېرىيال سۈرەت)  مەنبە: ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   بۇ قېتىمقى سىرتقا مەڭگۈلۈك ئېچىۋېتىش ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى، ئالاقىدار يول باشلاش سۇپىسى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى مەڭگۈلۈك ئېچىۋېتىش سالاھىيىتىگە ئاساسەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش تەستىقىنى ئىلتىماس قىلىپ، تەستىقلاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنى دائىملىق ئېچىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

 مەنبە: ئىلى گېزىتى

مۇخبىرلار:  لى يافېڭ، چېن تيەنجىن

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.