تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | بۇ توي مۇراسىمىدا پۈتۈن كەنتتىكىلەر «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ساغانچىكە يېزىسى ئارمودون كەنتى ئاھالىسى ھەسەنجان توختىنىڭ چوڭ خۇشاللىق كۈنى ئىدى، ئەتىگەندىلا، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدىكى «شىنفېڭ زالى» قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ياڭراتقۇدىن شادىيانە مۇزىكا چىقىپ تۇراتتى، بىرنەچچە كەنت كادىرى ۋە كەنت ئاھالىسى تازىلىق قىلىش، ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى تىزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«ئوغلۇمنىڭ تويىنىمۇ مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزىمەن، مۇھىتى ياخشى ھەم پۇل تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» زالنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا كۆكتات يۇيۇشقا ياردەملىشىۋاتقان بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن گەپ قىلىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى.

«كونا قائىدە بويىچە قاسىم ناسىر ئاكا باشلامچى بولىدۇ، ئاشخانىنى سىلەرگە تاپشۇردۇق» دېدى ئارمودون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئوۋيۈن بىلىك كەنتتىكى جىنچەنچەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى قاسىمغا. پولۇغا كېرەكلىك ماتېرىيال تەييارلاۋاتقان قاسىم دەرھال جاۋاب قايتۇردى: «خاتىرجەم بولۇڭ، بىز بار، كۆپچىلىكنىڭ تاماقنى كۆڭۈللۈك يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز».

ھەسەنجاننىڭ ئۆيى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئىدى، كاستۇم - بۇرۇلكا كىيگەن، گالىستۇك تاقىغان ھەسەنجان كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا كۈلۈمسىرىگىنىچە مېھمانلارنى ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىشكە باشلاۋاتاتتى. ئۆي ئىچىدە، گىرىمچىك ھەسەنجاننىڭ ئاپىسىغا ئىنچىكىلىك بىلەن گىرىم قىلىۋاتاتتى: «ھەدە، بۈگۈن سىز كېلىنلىك بولدىڭىز، مەن چوقۇم سىزنى چىرايلىق ياساپ قويىمەن.» «بولىدۇ، ئوغلۇم توي قىلىپ خۇشال بولدۇم، چوقۇم چىرايلىق ياسىناي» دېدى ھەسەنجاننىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.

چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا «شىنفېڭ زالى» تەبرىكلەشكە كەلگەن مېھمانلار بىلەن لىق تولدى، مەززىلىك پولۇ، ئىسسىق فېنتاڭ كەينى - كەينىدىن ئۈستەلگە قويۇلدى. «كەنتىمىزدىكىلەر مانا مۇشۇنداق، مەيلى كىمنىڭ ئۆيىدە ئىش بولسۇن، كۆپچىلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ» دېدى قورۇما توشۇۋاتقان كەنت ئاھالىسى زەينەپخان ئابدۇل.

سائەت 13لەردە، قىز كۆچۈرىدىغان ۋاقىت بولدى، ئاپتوموبىل ئەترىتى كېلىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن خېجىڭ ناھىيەسىگە مېڭىشقا تەييارلاندى، بۇ چاغدا كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسى پىكاپلارغا توشۇپ كەتكەنىدى. «بۈگۈن قىز كۆچۈرىدىغان ئاپتوموبىلدىن 20سى بار، ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھەسەنجاننىڭ دوستلىرى ھەقسىز تەمىنلىدى» دېدى ئويۇنبىلىك.

«ئەيساجان مامۇت تاغامچۇ؟ ئۇنى كۆرمىدىمغۇ؟ ئۇ توي گۇۋاھچىسى، سەل تۇرۇپ يەنە سەھنىگە چىقىدۇ» دەپ سورىدى ئويۇنبىلىك. «ھېلىلا ئايىغىمنى پاكىز سۈرتمەپتىمەن دەپ ئۆيگە ئايىغىنى مايلىغىلى كەتكەنىدى.» كەنت ئاھالىسىنىڭ جاۋابىدىن كۆپچىلىك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. گەپ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئويۇنبىلىك پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ماۋۇ ھاڭۋاقتىلىقىمغا قاراڭلار، مەنمۇ بېرىپ سەھنە كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ كېلەي، مەن توي مۇراسىمى رىياسەتچىسى تۇرسام!»

سائەت 17لەردە، قىز كۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىغا كەينى - كەينىدىن كىرىپ كەلدى، ئاق رەڭلىك توي كۆڭلىكى كىيگەن كېلىنچەك كۆپچىلىكنىڭ ھەمراھلىقىدا «شىنفېڭ زالى»غا كىردى. «قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن، يىگىت بىلەن قىزنىڭ مەيدانغا كىرگەنلىكىنى قارشى ئالايلى!» زال ئىشىكى ئالدىدا، ئويۇنبىلىكنىڭ ئاۋازى جاراڭلىدى، كەنت ئاھالىلىرى قىزغىن چاۋاك چالدى، توي مۇراسىمى باشلاندى.

600 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زالدا رەڭگارەڭ گۈل بەرگىلىرى چېچىلغان، قىزىل پايانداز ئىشىك ئالدىدىن مۇراسىم سەھنىسىگىچە سېلىنغان بولۇپ، يېڭى بىر جۈپلەرنىڭ تويلۇق سۈرەتلىرى LED چوڭ ئېكرانىدا تەكرار كۆرسىتىلىۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

«ئىلگىرى كۆپچىلىك توي مۇراسىملىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانسارايدا ئۆتكۈزەتتى، توي زىياپىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يەنە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر كەنتىمىزدە <شىنفېڭ زالى> بار، پىيادە بىردەمدىلا بارالايمىز، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى، بىز يەنە ياردەملىشىپ ئىشلارغا قارىشىپ بېرەلەيمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ئاسىگۈل توختى كۈلۈمسىرىگىنىچە.

كۆز ئالدىدىكى شادلىققا تولغان مەنزىرىنى كۆرۈپ، توي مۇراسىمىغا قاتناشقان كەنت ئاھالىسى ئالىيە ھوشۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن توي قىلغاندا، يىگىت قولداش ۋە قىز قولداشتىن 20سى بار ئىدى، ھەر بىرىگە رەخت ئېلىپ يېڭى كىيىم تىكتۈرۈشكە توغرا كەلگەچكە چىقىم بەك كۆپ بولغانىدى. ھازىر يىگىت قولداش، قىز قولداشتىن پەقەت بىر - ئىككى جۈپلا بولغاچقا، ھەم ئەنئەنە ساقلاپ قېلىندى، ھەم يېڭى بىر جۈپلەرنىڭ يۈكى يېنىكلىدى. توي مۇراسىمىدا تويغا قويغان پۇلنىڭ سوممىسىنى ئېلان قىلىش ھالقىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئىلگىرى تويغا قانچە پۇل قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاچقا، كۆپ قويغانلارمۇ، ئاز قويغانلارمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قېلىپ، بىر ئوبدان توي مۇراسىمىدا كۆڭۈل غەش بولۇپ قالاتتى، ھازىرقى بۇ كەيپىيات نېمىدېگەن ياخشى - ھە».

«ئەگەر ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانسارايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسەك، مەيدان ھەققى ئۈچۈنلا 4000 - 5000 يۈەن كېتەتتى، كۆپچىلىك يەنە ۋاقتىدا بېرىش ئۈچۈن ئالدىراپ قالاتتى. كەنتتە ئۆتكۈزسەك گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات ۋە گۆش سېتىۋالساقلا بولىدۇ، قولۇم - قوشنىلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ياردەملىشىدۇ» دېدى ھەسەنجان خۇشال ھالدا.

يۇرتداشلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن بۇ توي مۇراسىمى ئاددىي ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى قىزىپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇلار يېڭى بىر جۈپلەرگە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.