تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] باھار كەلدى

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرى ئېرىق ئارىس كەنتىدىكى بىر ئېتىزلىقتا دېھقانلار ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ زىرە تېرىماقتا. (تۇرسۇن توختى فوتوسى) 

   باھار كېلىپ، قار ـ مۇزلار ئېرىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى بىر قىش ئۇخلاپ ياتقان ئېتىزلارنى ئويغاتتى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يەنە قايتىدىن باشلىنىپ، يېڭى بىر يىللىق مول ھوسۇل شېئىرى كەڭ تۇپراققا پۈتۈلدى.

    ئىللىق قۇياش نۇر چېچىپ، ھاۋا بارا-بارا ئىللىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كەينى-كەينىدىن باشلاندى. ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى تەكشى چۆنەك تارتىپ، تۇپراققا نوتا سىزىقلىرىنى سىزىپ چىقىپ، باھارنىڭ مۇقەددىمىسىنى ياڭراتتى؛ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ دالا ئاسمىنىدا ئايلىنىپ، دەل جايىدا ئوغۇت چاچتى. ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى قىشتىكى جىمجىت دالىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. شىنجاڭ بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا 728 مىڭ يۈرۈش دېھقانچىلىق ماشىنىسى ئاجرىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلاشنى پىلانلىدى.

    پەن-تېخنىكا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا يېڭى تۈس قوشتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى قاپلىغان پارنىكلاردىكى يۇمران مايسىلار تۇراقلىق تېمپېراتۇرا، تۇراقلىق نەملىك مۇھىتىدا ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ، ئىللىق پارنىكلار خۇشاللىققا تولدى، زامانىۋى پەن تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، «تەبىئەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش» تارىخقا ئايلاندى. باھاردا تېخىمۇ كۆپ كىشى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلەپ، مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدىنى ئاشۇردى. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىكى ئالدىراش كىشىلەر، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش تور نۇقتىلىرىدىكى ماددىي ئەشيالارنى قاچىلاش-چۈشۈرۈش خادىملىرى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تەرتىپلىك ئىشلەپ، مول ھوسۇل ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كۈچ چىقاردى.

    شامال باھار مەنزىرىسىنى ئېلىپ، بارلىق شەيئىلەرنى بەس-بەستە ئويغاتتى. كىشىلەر باھار شامىلىغا ئارزۇ-ئارمان ئۇرۇقىنى تىكتى، تۇپراققا قەيسەرلىكىنى پۈتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا باھار مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئۈمىد تۇپراقتا بىخ سۈردى. (ئاپتورى: رېن جياڭ)

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىخۇ شەھىرى شىخۇ بازىرى شىخۇ كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى بىلەن كۈزگى بۇغدايغا قار ئېرىتىش ئوغۇتى چاچتى. ھازىر شىخۇ شەھىرىدىكى 72 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن كۆكەردى، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى ئېتىزلارغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئوغۇتلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇغداينىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى قوغدىدى.   (لى رېنشى فوتوسى)

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى شىڭشېڭ سۇلياۋچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى سېختا تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ شىركەت پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.   (يۈسۈپ غېنى فوتوسى)

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، كۆكتاتچى دېھقانلار مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازىرىنىڭ ئەندىڭ كەنتىدىكى خۇاجېن مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتات مايسىسى، قوغۇن-تاۋۇز مايسىسى، گۈل-گىياھ مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.   (خۇا يەنمىڭ فوتوسى)

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم تاللىرىنى رەتلىمەكتە. نۆۋەتتە، تۇرپان شەھىرىدىكى 630 مىڭ مو ئۈزۈم تېلى ئېچىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، شۇ جايدىكى ئامما دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈم تېلىنى باراڭغا ئېسىپ، بۇ يىللىق ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى. (ئادىل ئالمىت فوتوسى)

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىش دۇكىنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى رېمونت قىلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى «تېخنىك خادىملار تۆۋەنگە چۆكۈش + ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ھەربىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.   (لى يىفەن فوتوسى)

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى داشىچۈ كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ لۈيوۋيوۋ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش تەخسىلىرىنى تىزماقتا. بۇ يىل بۇ شىركەت 12 خىل سورتلۇق 30 مىليون تۈپ ئورگانىك پەمىدۇر كۆچىتى يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىدى. (خې لۇڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.