□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
ئىختىساسلىقلار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئاساسى، رىقابەتنىڭ ئۇلى، تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچى، ھاياتىي كۈچنىڭ مەنبەسى.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش» گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، «سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش» «بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە ياش ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش» «بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن كوردىنات بېكىتىلدى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەت مەزگىلى بولۇپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ تەخىرسىز بولىدۇ. شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار سىياسەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بەس - بەستە ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش مۇھىتىنى كۈنسېرى ياخشىلىماقتا.
سىياسەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش
ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» بەرپا قىلىش
«شىنجاڭ بىزگە غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى.» بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 12 - تۈركۈمدىكى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، «مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى، تارىم داشۆ يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتور چېن گودۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<تىيانشان تالانتلىقلىرى> <بىڭتۇەن تالانتلىقلىرى> قاتارلىق ئىختىساسلىقلار تۈرلىرى بىزنى پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پەن تەتقىقاتقا ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىش، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».
دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ تايىنىش كېرەك.
10 مىليارد يۈەنلىك شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇش باشلاندى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى؛ «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانى، شىنجاڭ باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىن بىر تۈركۈم پېنسىيەگە چىققان مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارغا تەشنا بولۇش سىگنالىنى تېخىمۇ ئېنىق تارقاتتى.
شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى بەس - بەستە ئېلان قىلدى، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولدى، ماسلىشىپ كۈچىدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى تۆمۈر چوققىسى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «1000 ماگىستىر، دوكتورنى تولۇق ۋەزىپىلىك كىرگۈزۈش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدا تۈرلۈك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن 317نى كىرگۈزۈپ، كەنتكە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا «يېڭىچە دېھقان»لاردىن 1705نى قوبۇل قىلىپ كىرگۈزدى؛ خوتەن ۋىلايىتى «يۈتيەن ئالىملىرى» «كۇنگاڭ ئوقۇغۇچىلىرى» ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ئېلان قىلىپ، بەش يىلدا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر بويىچە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا سەرپ قىلىشنى پىلانلىدى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە «تارباغاتاي تالانتلىقلىرى» پىلانى تۈرىدىن 290دىن ئارتۇقنى يولغا قويۇپ، تۈرگە تايىنىپ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن 240تىن ئارتۇقنى كىرگۈزۈپ، ياش ئىختىساسلىقلاردىن 5600دىن ئارتۇقنى يېتىشتۈردى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى يەنە 300 مىليون يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىدۇ...
«كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىش»تىن ئىبارەت بىر قاتار پۈتۈن زەنجىرلىك تەدبىرلەر جاي - جايلاردىن كەلگەن تالانتلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۈچ قوشماقتا.
ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى چېن لى جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش سۈپىتىدە «يېشىل يول» ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2024 - يىلى 1 - تۈركۈمدىكى «تارباغاتاي تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانى ۋە 3 - تۈركۈمدىكى «تىيانشان تالانتلىقلىرى»نى يېتىشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. «دەل ئىختىساسلىقلار تۈرىنىڭ قوللىشى بولغاچقا، مەن يېڭى تىپتىكى سولياۋ يوپۇق ۋە ماسلىشىشچانلىقى ياخشىلانغان سولياۋ يوپۇقنى كېڭەيتىش، قوللىنىش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلدىم، شۇنداقلا بۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدۇم» دېدى چېن لى.
كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى توپلاش
ئىختىساسلىقلار بىلەن كەسىپنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش
ئۇرۇق مۇۋاپىق تۇپراقتا توپىنى يېرىپ ئۈنۈپ چىقالايدۇ، ياخشى كىلىمات ئۇنىڭ بولۇق ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئىختىساسلىقلارمۇ ھەم شۇنداق، پەقەت يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىختىساسلىقلارنى ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىش، چېچەكلەپ مېۋە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاكادېمىكلار ھەم ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە كەسىپ ئېگىزلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كەلسە تەتقىق قىلىدىغان تېما بولۇش، قىلىدىغان تۈرى بولۇش، ئىشلەيدىغان ئىشى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قابا ناھىيەسى جىغان ئۆستۈرۈشتىكى «ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش رايونى»، شۇنداقلا چوڭ مېۋىلىك جىغان كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىرقەدەر زور رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈردى. 2023 - يىلى 5 - ئايدا، شىنجاڭ كاڭيۈەن تاۋرەن ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانا − شىنجاڭ كاڭيۈەن بىيو - تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىگە ماكانلىشىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئېچىش، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كارخانىنى كۈچەيتىش» يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلدى. بۇ يەنە شۇ جاينىڭ «قار ماكانى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن كەسىپنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
«<قار ماكانى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش> پىلانىدا قار - مۇز كەسپى، يېشىل كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، <ئىختىساسلىقلار + تۈر> ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىياسەت ياردەم پۇلى ۋە تۈر ئىقتىسادىي ياردىمى بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس بولغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئىلمىي تەتقىقات، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىر تۈركۈم يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چى شياۋلىن تونۇشتۇرۇپ.
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆ، جۇڭگو كانچىلىق داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، كۆپلىگەن ئاكادېمىكلار كوللېكتىپى ئاقسۇغا ماكانلىشىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى، يېڭى ئېنېرگىيە - يېڭى ماتېرىيال، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، كاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېشىل ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»نى تېز سۈرئەتتە «تەرەققىيات پايدىسى»غا ئايلاندۇردى.
يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2026 - يىلى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسى، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق يەتتە جەھەتنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، شىنجاڭ «كەسىپ + يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى + پەن تەتقىقات تۈرى + ئىختىساسلىقلار» ماس تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىغا تايىنىپ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كوللېكتىپىنى توپلاپ يېتىشتۈرىدۇ.
كۆڭۈل قويۇپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش
ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشتىكى «قارا تۇپراق»نى يېتىلدۈرۈش
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مائارىپقا تايىنىدۇ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىچكى جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، بىر - بىرىگە تىرەك بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىگە كىرگەندە، ئەنئەنىۋى تۈسكە تولغان قىزىل ئىمارەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇتۇش رايونى، تۇرمۇش رايونى، تەنھەرىكەت رايونى قاتارلىقلار تەرتىپلىك جايلاشقانىدى، توپ مەيدانىدا ساۋاقداشلار قوغلىشىپ يۈرەتتى، پۈتكۈل مەكتەپ ھويلىسىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئاساسىي بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. 2024 - يىلى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەكتەپ رايونى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تولۇق كۇرس مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپ قالدى.
شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، قانۇنشۇناسلىق، مائارىپ ئىلمى، ئەدەبىيات، تەبىئىي پەنلەر، سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، تېببىي پەن، باشقۇرۇش ئىلمى، سەنئەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت توققۇز چوڭ پەن تەسىس قىلدى، 13 تولۇق كۇرس كەسپى، 32 مەخسۇس كۇرس كەسپى بار بولۇپ، مەكتەپتە 22 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ. شۆيۈەن بەش يىل ئىچىدە دورا ياساش قۇرۇلۇشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېبابەت قۇرۇلۇشى، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. «بىزنىڭ نىشانىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتالايدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش.» شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جىجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شۆيۈەنىمىز مەملىكەت بويىچە 37 ئالىي مەكتەپنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتى، قۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شۆيۈەنىمىزگە ياردەم بېرىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 39نى، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 102نى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلىدى، كەسپىي مائارىپ ماھارەتنى كۈچەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپ تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ بىناكارلىق ساھەسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، قاتلام بويىچە يېتىشتۈرۈش، مۇسابىقىنى تەربىيەلەشنىڭ ئورنىغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىردىن ئىككىگىچە دۆلەت دەرىجىلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۈنەرۋەن نامزاتى، 20 نەپەر ئالىي تېخنىك، 200 نەپەر تېخنىك ۋە 2000 نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىنى يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن قاتلاملىق يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى پىلانلىدى.






