تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (1)

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ جې

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يادرولۇق ئامىلى، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بۇ مۇھىم باياندا مەۋقە «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ دەۋر تومۇرى چىڭ كۆزلىنىپ، بىزنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى سوراپ ئالغىلى، سېتىۋالغىلى، ئۆتۈنۈپ ئالغىلى بولمايدۇ، دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئەگىشىپ يۈگۈرۈش»تىن «تەڭ يۈگۈرۈش»كىچە، يەنە قىسمەن ساھەلەردە «يېتەكلەپ يۈگۈرۈش»كىچە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ ھەربىر قەدەم ھالقىشى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھەربىر قېتىملىق يۈكسىلىشىنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشتىن ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى، دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە 10 - ئورۇنغا ئۆتتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 3 تىرىليون 920 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسى 280 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بىر قاتار تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ھەم يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىسپات.

دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «مەنبە ئېقىن سۈيى» بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇلى ۋە زاپاس كۈچىنى بەلگىلەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ «نۆلدىن بىرگىچە» بولغان بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چاڭئې 6 - نومۇر ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئېلىپ كەلگەن ئەۋرىشكە ئاي شارىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش يېڭى سىرىنى ئېچىپ بەردى؛ «سۈنئىي قۇياش»تا 100 مىليون گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، ئۇزۇن ئىمپۇلسلىق يۈرۈشۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەتقىقاتى خەلقئارادىكى بىرىنچى سەپ قاتارىغا قەدەم قويدى؛ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ مودېلدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تۆۋەن تەننەرخ يولى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى؛ C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان سودا تىجارىتىگە كىرىشتۈرۈلدى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ ئون مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكتى...

ئاساس تەتقىقاتتىن ئالدىنقى قاتاردىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقىچە، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرىدىن كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلانغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا: دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ھازىر بار بولغان تېخنىكىنى ياماشتۇرۇش ۋە تۈزەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىلمىي پىرىنسىپ ۋە ئاساسىي نەزەرىيەنى چىقىش قىلغان تۈپ خاراكتېرلىك بايقاش ۋە ئىجادىيەت، شۇنىڭدەك بارلىق ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكا، يېتەكچى خاراكتېرلىك كەسىپلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلى.

چوڭقۇر دېڭىز جىلغىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە كۆپەيگەن خىيموسىنتېتىك جانلىقلار توپى بايقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق چېكىگە بولغان چۈشەنچىسى زور دەرىجىدە كېڭەيدى؛ تولۇق ئىقتىدارلىق ئىككى ئۆلچەملىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ \ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ئارىلاشما قۇرۇلمىلىق غەيرىي سۈپەتلىك توپلاشتۇرۇلغان چاقماق ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئاتوم دەرىجىلىك ئۆزەك توپىنى يېڭى ئەندىزە بىلەن تەمىنلىدى... ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان 2025 - يىللىق «جۇڭگونىڭ ئىلىم - پەندىكى ئون چوڭ تەرەققىياتى» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي نەزەرىيە، تۆۋەن قاتلام قۇرۇلمىسى، ئالدىنقى قاتاردىكى يۆنىلىش جەھەتتە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، ئەسلىي ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس - بەستە بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز قولىمىزدا تۇتقاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى ۋە باشقا بىخەتەرلىكىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

دۇنيا پەن - تېخنىكا رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە، تاشقى قىسىمدىكى تېخنىكا قامىلى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى تەرەققىيات ئېھتىياجى ئالدىدا، جەزمەن دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك تالىشىدىغان ساھە ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋاب، ئاساسىي يۇمشاق ماتېرىيال، ئىلغار ماتېرىيال، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن زەنجىرلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى − پارچىلانما نېيترون مەنبەسىگە تايىنىپ، ئۈچ خىل يادرولۇق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئالفا ئىزوتوپلىرىنى يەككە تۈركۈم بويىچە مىللىكىيۇرى دەرىجىلىك بىرلا ۋاقىتتا چەككىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپلا قالماي يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يادرو دورىلارنى ئۇزاق مەزگىل ئىمپورت قىلىشقا تايىنىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

تورىينى ئاساس قىلغان ئېرىتىلگەن تۇز تەجرىبە رېئاكتورىدا يېقىلغۇنى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن گېن تەھرىرلەپ يات تۈردىكى ئەزالارنى كۆچۈرۈپ كىلىنىكىلىق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، كىۋانت ئۇچۇر ساھەسىدە سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن مېڭە - ئۈسكۈنە ئۇلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاغرىقلارغا بەخت يارىتىشقىچە، بارغانسېرى كۆپ ئاساس تەتقىقات نەتىجىلىرى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ، رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەنبە قۇۋۋىتى قوشتى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساس تەتقىقات ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەڭ نېگىزلىك ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، ئاندىن كونا يولغا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، پەن - تېخنىكا رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگەتتى، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا خىراجەتنى ئىشلىتىشتە تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى بېرىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل سىناق قىلىشقا، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇشتىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»تىن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشتىن پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى مەبلەغ سېلىپ يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنىڭ جايلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك» «ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك».

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن، دۇنيا دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى بەرپا قىلىشقىچە؛ كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى تەشكىللەپ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىشتىن، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقىچە، بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرمىلاردا ھەم مەۋقە ھازىرقى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويۇلدى، ھەم كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئۇزاققىچە ئىگىلەش كۆزدە تۇتۇلدى.

ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىشىمىز كېرەك؛ دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە كەسىپلەردىكى ئاغرىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك؛ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلىشىمىز كېرەك؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

پەن - تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشنى باشلاش بۇرغىسى چېلىندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نىشانى ۋە يولى بارغانسېرى روشەنلەشتى، بىز پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە توختىماي چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.